ئىلىدا ئىنتېرنېتتا ئۇچۇر تارقاتقان ئۇيغۇر ياشلىرى تۇتقۇن قىلىندى

ئىلىدا خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك تارماقلىرى، يېقىنقى كۈنلەردە «ئىنتېرنېتتا ئىغۋا تارقاتقان» دېگەن باھانە بىلەن ئۇيغۇر ياشلىرىنى تۇتقۇن قىلىشقا باشلىغان.
مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە
2012-03-15
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ئۇيغۇر ئېلىدىكى غۇلجا شەھىرىنىڭ ئورنى.
ئۇيغۇر ئېلىدىكى غۇلجا شەھىرىنىڭ ئورنى.
RFA

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىتنىڭ، 15-مارت، ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ۋە باشقا خەلقئارالىق مەتبۇئاتلارغا يوللىغان ئۇچۇرىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسىنىڭ قورغاس ۋە ئىلى تەۋەسىدىكى تارماقلىرى، ئىنتېرنېتتا دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تەھدىت يارىتىدىغان ۋە يەنە قانۇنسىز دىنىي مەزمۇندىكى بۆلگۈنچىلىكنى تەرغىب قىلىدىغان ئىغۋا تارقاتقان دېگەن جىنايەت بىلەن ئۇيغۇر ياشلىرىنى تۇتقۇن قىلىشقا باشلىغان. ئۆتكەن جۈمە ۋە شەنبە كۈنلىرى قورغاس ساقچىلىرى 20 ياش ئەتراپىدىكى ئىككى ئۇيغۇر ياشنى ئىنتېرنېتتا «ئىلى دەريا كۆۋرۈكىگە بومبا قويۇلغان» دېگەن ئىغۋانى تارقاتقان دېگەن گۇمان بىلەن تۇتقۇن قىلغان.

غۇلجا شەھەر ساقچىلىرى تەرىپىدىن يەنە 3 نەپەر ياش تۇتقۇن قىلىنغان بولۇپ ئۇلارغا ئىنتېرنېتتا دۆلەتنى پارچىلاشقا ئۇرۇنغان بۆلگۈنچى مەزمۇندىكى ۋە يەنە قانۇنسىز دىنىي مەزمۇندىكى ئۇچۇرلارنى تارقاتقان ھەم ساقلىغان دېگەن جىنايەتلەرنى ئارتقان.

دىلشات رىشىت ھازىرچە، غۇلجىدا مۇشۇ سەۋەبلەر بىلەن تۇتۇلغان ياشلارنىڭ بىرىنىڭ سالاھىيىتىنىڭ ئېنىق بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

بىز بۇ ئۇچۇرغا ئاساسەن قورغاس ناھىيىلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ تور جىنايەتلىرىگە زەربە بېرىش ئەترىتىگە تېلېفون قىلدۇق، بىر ئۇيغۇر ساقچى تېلېفوننى ئالغان بولسىمۇ، ساقچىلارنىڭ بۇ تۇتقۇن ھەرىكىتىنى ئىنكار قىلدى.

بىز يەنە ئىلى ئوبلاستلىق جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى جىنايى ئىشلارغا زەربە بېرىش ئەترىتىگە تېلېفون ئۇلىدۇق، تېلېفوننى ئالغان خىتاي ساقچىدىن «ئىلى دەرياسى كۆۋرۈكىدە بومبا بار» دېگەن ئۇچۇرنىڭ راست-يالغانلىقىنى سورىغىنىمىزدا، ئۇنىڭ «بۇ ئۇچۇر ئىغۋا، ئىغۋا تارقاتقان ئادەمنىمۇ تۇتۇپ بولدۇق» دېيىشى بىلەن خىتاي ساقچىلىرىنىڭ ئىلىدىكى تۇتقۇن قىلىش ھەرىكىتى دەلىللەنگەن بولسىمۇ، ئەمما قانچىلىك ئادەمنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقى، ئۇلارنىڭ سالاھىيىتى ۋە باشقىلار ھەققىدە سورىغىنىمىزدا جاۋاب بېرىشنى رەت قىلدى شۇنىڭدەك بۇ ھەقتە سوئال سوراش ۋە خەۋەر يېزىشمۇ قانۇنغا خىلاپ دەپ تەھدىت قىلدى.

ئىلى دەرياسى ساقچىخانىسىدىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان بىر ئۇيغۇر ساقچى ئۇچۇرنىڭ ئىغۋالىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما ساقچىلارنىڭ تۇتقۇن قىلىش ھەرىكىتىنى ئىنكار قىلدى.

ئىلىدىكى بىر ياش زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، خىتاي ساقچىلىرىنىڭ تۇتقۇن قىلىش ھەرىكىتىدىن ۋە بۇنىڭ سەۋەبلىرىدىن خەۋىرى يوقلۇقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ ئەمما يەنە خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ بارغانچە كۆپىيىپ ئۆز ماكانىنىڭ تونۇغۇسىز ھالەتكە كېلىپ قىلىۋاتقانلىقى، ياشلارنىڭ ئىشسىزلىق ۋەزىيىتى تېخىمۇ ئېغىرلىشىۋاتقانلىقىغا بولغان نارازىلىقىنى ئىپادىلىدى.

دىلشات رىشىت، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىلىغا قاراتقان كۆچمەن يۆتكەش، شەھەرنى ئۆزگەرتىش سىياسەتلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئەسلى ئۆرپ-ئادەت ۋە مەدەنىيىتىگە تەھدىت ھاسىل قىلىۋاتقانلىقى، ياشاش مۇھىتىنىڭ بارغانچە خىتاي كۆچمەنلىرى تەرىپىدىن تارلاشتۇرۇلىۋاتقانلىقىنىڭ ئىلى يەرلىك خەلقىنىڭ نارازىلىقىنى قوزغاۋاتقانلىقى ۋە ئىنتېرنېتتا پەيدا بولغان بەزى نارازىلىق ئىنكاسلىرىنىڭ ساقچىلار ئۈچۈن قايتىدىن ئۇيغۇر ياشلىرىنى تەقىپلەشتىكى بىر باھانە بولۇۋاتقانلىقى، ئەمەلىيەتتە بولسا بۇ خىتاينىڭ ئىككى يىغىن مەزگىلىدىكى ئۇيغۇر ئېلىدە ئېلىپ بېرىۋاتقان قاتتىق زەربە بېرىش ئارقىلىق مۇقىملىقنى ساقلاش تەدبىرىنىڭ بىر قىسمى دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت