خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە قاراتقان ئىستراتېگىيىلىك سىياسىتى ھەققىدە


2007-09-17
Share

خىتاي دۆلەت كابىنتى يېقىندا مەخسۇس يىغىن چاقىرىپ، مەركىزى ھۆكۈمەتنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا قاراتقان ئىستىراتېگىيىسى ۋە مەركەزنىڭ شىنجاڭ مەسىلىسىدىكى ئورۇنلاشتۇرۇشىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش قەدىمىنى تېزلىتىش ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ باردى.

ئارقىدىنلا خىتاي مەتبۇئاتلىرى مەزكۈر يىغىندا، ئۇيغۇر ئىلىدىكى ۋەزىپىسىنىڭ ئىنتايىن " مۇشەققەتلىك" بولسىمۇ، لېكىن مەركەزنىڭ " شىنجاڭ" مەسىلىسى يەنى ئىقتىسادنى ئېچىش، مۇقىملىقنى قوغداش مەسىلىسىنى ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە قەتئىي ئىجرا قىلىش كېرەكلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغانلىقىنى ئاشكارىلىدى.

دېمەك ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئىقتىسادىنى ئېچىش ۋە بۇ زېمىننىڭ مۇقىملىقىنى قوغداش خىتاينىڭ ئەڭ مۇھىم ئىستىراتېگىيىسى بولۇپ، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا ۋە مەزكۈر تەشكىلاتنىڭ باياناتچىسى دىلشات رېشىت ئەپەندىلەر بۇ ھەقتە ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ بۇ ھەقتە مۇلاھىزە يۈرگۈزدى.

يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن، مۇخبىرىمىز ئەقىدەنىڭ بۇ ھەقتە ھازىرلىغان مەلۇماتىنىڭ تەپسىلاتىغا قۇلاق سالغايسىلەر.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت