ئامېرىكىلىق ئالىملار ئۇيغۇر رايونىنىڭ تەرەققىياتى توغرىسىدا توختالدى
2007.10.08
ئامېرىكا ئاۋازى رادىئوسىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكىدىكى بىر تۈركۈم ئالىملار خىتاينىڭ غەربىي شىمال ئۆلكىلىرىدىكى تەرەققىيات ئۈستىدە توختىلىپ، بۇ جايلاردىكى تەرەققىياتنىڭ ساغلام تەرەققىيات ئەمەسلىكىنى، يەرلىك خەلقنىڭ رازىلىقىسىز ئېلىپ بېرىلغان ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشلارنىڭ ئاقىۋەتتە بارلىق تەرەپلەرگە ئاچچىق زىيانلار ئېلىپ كېلىش ئېھتىماللىقىنى ئەسكەرتكەن.
" مۇستەقىللىق غايىسىدىكى قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكەتلىرى ئۈزلۈكسىز يۈز بېرىپ تۇرۇۋاتىدۇ"
يېقىنقى يىللاردىن بېرى ئۇيغۇر رايونىنىڭ ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش ساھەسىدە بارلىققا كەلگەن ئۆزگۈرۈشلەر، بىرقىسىم چەتئەللىك زىيارەتچى ۋە ساياھەتچىلەرنىڭ ھەيرانلىقى ۋە زوقىنى قوزغاپ كەلگەن ئىدى.
ئەمما بۇ رايوننىڭ ئىقتىسادىي ۋەزىيىتىنى ئەتراپلىق ۋە ئىنچىكە كۈزىتىپ كېلىۋاتقان ئامېرىكىلىق مۇتىخەسىسلەر ئۇيغۇر رايونىنىڭ ئىقتىسادىي ۋەزىيىتىنى خۇشاللىنارلىق دەپ ئەمەس، خەتەرلىك ۋەزىيەت دەپ يەكۈن چىقاردى : "پومونا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى، ئۇيغۇر رايونى ھەققىدە ئىزچىل كۆزىتىش ئېلىپ بېرىۋاتقان تەتقىقاتچى گلادنېي ئەپەندى بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: خىتاينىڭ غەربى رايونغا كۆز تىكىشى يېقىنقى بىر ئىش ئەمەس، پەقەت خىتاي نېفىت ئېھتىياجىنىڭ ئېشىشى بىلەن بۇ رايوندىكى ئېچىش-قېزىش ھەرىكەتلىرىنى ھەسسىلەپ ئاشۇرىۋاتىدۇ، ئەمما خىتاي يەر ئاستى بايلىقلىرىنى ئېچىش ۋە قېزىشتا كۆرسەتكەن ماھارىتىنى يەرلىك خەلقنىڭ كۆڭلىنى ئۇتۇشتا كۆرسىتەلمەيۋاتىدۇ، بۇ سەۋەبتىن بۇ جايلاردا مۇستەقىللىق غايىسىدىكى قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكەتلىرى ئۈزلۈكسىز يۈز بېرىپ تۇرۇۋاتىدۇ. شاڭخەي ھەمكارلىقىغا ئوخشاش مەنپەتپەرەست شېرىكچىلىك مەزكۇر رايوندىكى مەسىلىلەرنى تۈپتىن ھەل قىلالمايدۇ. نۆۋەتتە ئاز سانلىق مىللەتلەر مەسىلىسىنى قانداق بىر تەرەپ قىلىش، خىتاينىڭ ئالدىدىكى ئىمتىھان خاراكتېرلىك مۇھىم مەسىلىدۇر".
"ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ قارشىلىقى ئالاھىدە مەناغا ئىگە"
جەنۇبى كالىفورنىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى ، ئوتتۇرا ئاسىيا تەتقىقات مۇتەخەسسىسى كارولىن خانىم مۇنداق دەيدۇ: " خىتاي ھۆكۈمىتى غەربىي رايون ۋەزىيىتىنىڭ مۇرەككەپلىكنى بىلىدۇ، شۇنداق تۇرۇقلۇق، يەرلىك خەلققە' بىز سىلەرگە ياردەم بېرىۋاتىمىز' دەپ تولىمۇ ئاددىي سەۋەپ بىلەن مەسىلىنى يوشۇرىدۇ، ئەمەلىيەتتە شىنجاڭنى ئېچىشنىڭ قانداق سىياسىي غايىلەرنىڭ تۈرتكىسىدە بولۇۋاتقىنى ھىچ كىمگە سىر ئەمەس. "
ئامېرىكا غەربى شىمال ئۇنۋېرسىتېتىنىڭ ياردەمچى پروفېسسورى، سىياسىيشۇناس شى زوڭخۇ ، " نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى خىتاي خەلقى ئىچىدىمۇ قارشىلىقلار بار، ئەمما ئاز سانلىق مىللەتلەر كۆرسەتكەن قارشىلىقنىڭ خىتاينىڭ كۆزىدە ئالاھىدە بىر مەناسى بار،" دەيدۇ.
شىزوڭخۇنىڭ يۇقىرىقى سۆزلىرىنى، 1989-يىلدىكى تيەنئەنمېن ۋەقەسىگە قىلغانلارنى جازالىغاندا ھىچبىرىگە ئۆلۈم جازاسى بەرمەي 1997-يىلدىكى غۇلجا ۋەقەسىنى بېسىقتۇرغاندا 200 دىن ئارتۇق كىشىگە ئۆلۇم جازاسى بەرگەنلىگىدەك پاكىت، شى زوڭخۇنىڭ يۇقۇرىقى پىكىرىنى دەلىللەيدۇ. شى زوڭخۇ يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يەرلىك خەلق ئىچىدىن ئۆزلىرىگە يانتاياق بولالايدىغان كىشىلەرنى ئالاھىدە تەربىيەلەپ، ئىش بىلەن تەمىنلەپ، يەرلىك خەلقنى كونترول قىلىشتا ۋاسىتە سۈپىتىدە پايدىلىنىۋاتقانلىقىنى، مۇنداق پۇلغا سېتىۋېلىنغان شېرىكلەرنىڭ مىللىي مەسىلىلەرنى بىر تەرەپ قىلىشتا ھەل قىلغۇچ رول ئوينىيالمايدىغانلىقىنى كۆرسەتكەن.
ئۇيغۇر رايونىنىڭ تەرەققىياتى غەيرىي نورمال تەرەققىيات
ۋاشىنگىتون ئۇنۋېرسىتېتىنىڭ تارىخ پروفېسسورى جامېس كوك " خىتاينىڭ غەربى رايونىنى ئېچىش پىلانىنىڭ غەلىبىلىك بولۇپ- بولمىغانلىقىنى كۆرسىتىدىغان ئۆلچەم مىللىي مەسىلىنى توغرا بىر تەرەپ قىلىش-قىلالماسلىقىدۇر،" دەپ ئەسكەرتكەن.
ئامېرىكا ئالىملىرىنىڭ يۇقىرىقى قاراشلىرىغا ئاساسلانغاندا، مەلۇم بىر رايوندا قەد كۆتۈرگەن ئىگىز بىنالار، داغدام يوللار، زامانىۋىي فابرىكىلار، قايناق بازارلار شۇ رايوننىڭ تەرەققىي قىلغان رايون ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاشقا يېتەرلىك پاكىت بولالمايدۇ، بۇ ئىقتىسادىي مۇەسسەلەر پەقەت شۇ رايوندا ياشاۋاتقان بارلىق خەلققە تەڭ ھوزۇر-ھالاۋەت ئېلىپ كەلگەندىلا ساغلام تەرەققىيات ھېسابلىنىدۇ،؛ ئەگەر ئۇ بايلىق ، شۇ رايوندىكى مەلۇم بىر تەبىقىنى بەختلىك قىلىپ، ئىككىنچى بىر تەبىقىنى بەخىتسىز قىلسا، ساغلام تەرەققىيات ھېسابلانمايدۇ.
جەمئىيەتتىكى ئوخشىمىغان گۇرۇپپىلار ئارىسىدا تەڭسىزلىك شەكىللەندۈرگەن، ئۆچ ئاداۋەت ئۇرۇقى چاچقان تەرەققىيات غەيرىي نورمال تەرەققىيات ھېسابلىنىدۇ. مەزكۇر ئالىملارنىڭ يۇقىرىقى ئاگاھلاندۇرۇلۇشلىرىدىن مەلۇمكى، خىتاي يەرلىك خەلقنى ئالداش ياكى باستۇرۇش ھەركەتلىرى بىلەن مىللىي مەسىلىنى يوشۇرالىشى، پەسەيتەلىشى ھەتتا ۋاقتىنچە جىمىتالىشى مۇمكىن ئەمما مەسىلىنى تۈپ يىلتىزىدىن ھەل قىلالمايدۇ. ئادالەتسىزلىك ۋە تەڭسىزلىك ھۆكۈم سۈرگەن رايوندىكى يۈكسەك بىنالار ياكى بالدۇر ياكى كېيىن يىقىلىشقا مەجبۇر بولىدۇ. (شۆھرەت ھوشۇر)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خەلق نامرات جايدا كوممۇنىست پارتىيە كۈچلۈك
- "خىتاينىڭ مۇۋەپپەقىيىتىنىڭ ھۇلىغا دەز كەتتى" ناملىق ماقالە ھەققىدە
- خىتاينىڭ ئۇيغۇر ۋەتىنىنى تالان - تاراج قىلىش سىياسىتى كۈچەيمەكتە
- 'نامراتلار' دېگەن ئۇقۇمنىڭ ئامېرىكا بىلەن خىتايدىكى پەرقى توغرىسىدا مۇلاھىزە
- ۋەتەن زىيارىتىدىن كېيىنكى ئاچچىق ھىسلار (2)
- خىتاي تاشقىي پېرىۋۇت زاپىسىنى ئامېرىكىغا قارشى كوزۇر قىلىپ قوللىنامدۇ ؟
- قەشقەردە يۈز بەرگەن " ئاۋغۇست ۋەقەسى" نىڭ ھەقىقىي جەريانى
- مايكېل شەرىداننىڭ ئۇيغۇرلار توغرىسىدىكى زىيارەت خاتىرىسىنىڭ تورلاردىكى ئىنكاسى
- تۇركىيەدىكى يېڭى چاغ تېلېۋىزىيىسىدە ئۇيغۇرلار تونۇشتۇرۇلدى
- تەكلىماكانغا كۆمۈلگەن ئۇيغۇر مەدەنىيىتى
- خىتاي خەلقئارا قۇدرەتلىك دۆلەت بولۇش ئورنىنى تىكلەشكە تىرىشىۋاتامدۇ ؟
- ئۇيغۇرلار ھەر جەھەتتىن تەڭسىزلىككە يولۇقماقتا