خىتاي تاشقى ئىشلار باياناتچىسى: "رابىيە ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەكىلى ئەمەس، تېررورچىلارنىڭ ۋەكىلى"
2008.03.11

خىتاي تاشقى ئىشلار باياناتچىسى چىن گاڭ تۈنۈگۈن يەنى 11 - مارت كۈنى، مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بېرىپ ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىمنىڭ سۆزىگە ئىنكاس قايتۇردى. رابىيە قادىر خانىم تۈنۈگۈن، ئايروپىلان ۋەقەسى توغرىسىدىكى خەۋەر ھەققىدە بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنى تېررورغا باغلاپ تەشۋىق قىلىۋاتقانلىقىنى ئەيىبلىگەن ئىدى.
چىن گاڭ سۆزىدە " رابىيەگە ئوخشاش كىشىلەر، بىزنىڭ تېررورلۇققا قارشى ھەرىكىتىمىزنى ئۇيغۇر خەلقىغە قارشى ھەرىكەت قىلىپ كۆرسىتىۋاتىدۇ، بۇ خەتەرلىك بىر ئىش " دېگەن ئۇ يەنە، " بۇلارنىڭ قەستى باشقا، ئۇلار ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلار ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتنى بۇزۇپ مىللىي توقۇنۇش پەيدا قىلماقچى" دېگەن. ئۇ يەنە " ئۇيغۇر خەلقىنىڭ كۆپ قىسمى، دۆلىتىمىزنىڭ بارلىق پۇقرالىرىغا ئوخشاشلا تېنچلىقىنى سۆيىدۇ، دىنىي رادىكاللىققا ۋە بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرىدۇ، رابىيەگە ئوخشاش كىشىلەر ئۇيغۇر خەلقىغە ۋەكىللىك قىلالمايدۇ، ئۇلار پەقەت ئاز ساندىكى تېررورچىلارغا ۋەكىللىك قىلىدۇ " دېگەن.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باش كاتىبى دولقۇن ئەيسا، چىن گاڭنىڭ سۆزلىرىگە ھەيران قالمىغانلىقىنى، چۈنكى، خىتاينىڭ نەزىرىدە ئەركىنلىك ئۈچۈن كۈرەش قىلىشنىڭ تېررورلۇق دەپ قارىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. دولقۇن ئەيسا سۆزىدە يەنە، چىن گاڭنىڭ رابىيە خانىمنى ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەكىلى بولالمايدۇ دېگەنلىكىنىڭ ئۆزىلا، رابىيە خانىمنىڭ ۋەكىللىك سالاھىيىتىنىڭ مۇنازىرە تەلەپ قىلمايدىغانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ دەپ كۆرسەتتى.
دولقۇن ئەيسا، شەرقى تۈركىستاندا تىنچلىقنىڭ خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ تىكلىنىشى بىلەن بۇزۇلغانلىقىنى، خىتاي ھاكىمىيىتىگە خاتىمە بېرىلگەندىلا، ئۇيغۇر زېمىنىدا تىنچلىقنىڭ ئەسلىگە كېلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم، چىن گاڭنىڭ سۆزلىرىنى رەت قىلدى. رابىيە قادىر خانىم، ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ دىنىي رادىكاللىقتىن يىراق ئىكەنلىكىنى، شۇڭا، 1933 - يىلى ۋە 1944 - يىلى قۇرغان ئىككى قېتىملىق دۆلىتىنىڭ بىرى ئىسلام جۇمھۇرىيىتى، يەنە بىرىنىڭ دېموكراتىك جۇمھۇرىيەت بولغانلىقىنى، ئەنە شۇ يىللاردا، ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە تېنچلىق، ئىتتىپاقلىق ۋە بىخەتەرلىكنىڭ تولۇق ساقلانغانلىقىنى پاكىت قىلىپ كۆرسەتتى.
رابىيە قادىر خانىم يەنە، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ھەققىدىمۇ توختۇلۇپ ئۆتتى. ئۇ بۇ ھەقتە، ئىشى، ئېشى ۋە زېمىنى تارتىۋېلىنغان مىللەت بىلەن تارتىۋالغۇچى مىللەتنىڭ ئارىسىدا ئىتتىپاقلىق شەكىللەندۈرمەكچى بولۇش خام-خىيالدىن باشقا نەرسە ئەمەس دەپ بىلدۈردى؛ ئۇ سۆزىنىڭ ئاخىرىدا، خىتاي مىللىتى بىلەن ئۇيغۇر مىللىتى ئارىسىدىكى ئىتتىپاقلىقنىڭ ئىككى مىللەتنىڭ دۆلەت چېگرىسى ئايرىلغاندىلا ئەمەلگە ئاشىدىغانلىقىنى كۆرسەتتى. (شۆھرەت ھوشۇر)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خەلقئارا مەتبۇئاتلاردا ئايروپىلان ۋەقەسىى مۇنازىرە قىلىنماقتا
- "يەر شارى خاراكتېرلىك تېررورلۇق ۋە خەلقئارا ھەمكارلىق" ماۋزۇلۇق خەلقئارا يىغىن ئەنقەرەدە باشلاندى
- چىڭ گاڭ رابىيە قادىرنىڭ " ئايروپىلان بۇلاش ۋەقەسى" ھەققىدىكى باياناتىنى رەت قىلدى
- دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى " ئايروپىلان ۋەقەسى" توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى
- رابىيە قادىر خانىم ئاياللار بايرىمىنى تەبرىكلىدى
- غۇلجا شەھەرلىك پارتكومنىڭ رابىيە قادىر خانىمغا قارشى تەشۋىقاتلىرى
- رابىيە قادىر خانىم ئاۋسترالىيە زىيارىتىنى غەلىبىلىك ئاخىرلاشتۇردى
- 'سېدنىي ئاۋانگارتى گېزىتى' نىڭ رابىيە خانىم ھەققىدىكى خەۋىرى
- رابىيە قادىر خانىم ئاۋسترالىيىدە زىيارەت پائالىيەتلىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا
- رابىيە قادىر خانىم بۈگۈن ئاۋسترالىيە زىيارىتى ئۈچۈن ۋاشىنگتوندىن يولغا چىقتى
- ئۇيغۇرلار رابىيە خانىم ھەققىدىكى كۆرۈنۈشلەرنى ۋە خەۋەرلەرنى ئارزۇ قىلىدۇ
- ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىرنىڭ مۇراجىتى قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلاردا زور تەسىر قوزغىماقتا
- رابىيە قادىر خانىم گوللاندىيىدىكى ئۇيغۇرنىڭ پائالىيىتىنى جانلاندۇردى
- رابىيە قادىر خانىمنىڭ خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ ئىنكاسىغا جاۋابلىرى
- د ئۇ ق رەئىسى رابىيە قادىر خانىمنىڭ مۇراجىتى قازاقىستاندىكى بارلىق ئۇيغۇرلارنىڭ قىزغىن قوللاپ قۇۋۋەتلىشىگە ئېرىشتى