خىتاي تاشقى ئىشلار باياناتچىسى: "رابىيە ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەكىلى ئەمەس، تېررورچىلارنىڭ ۋەكىلى"

0:00 / 0:00

خىتاي تاشقى ئىشلار باياناتچىسى چىن گاڭ تۈنۈگۈن يەنى 11 ‏- مارت كۈنى، مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بېرىپ ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىمنىڭ سۆزىگە ئىنكاس قايتۇردى. رابىيە قادىر خانىم تۈنۈگۈن، ئايروپىلان ۋەقەسى توغرىسىدىكى خەۋەر ھەققىدە بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنى تېررورغا باغلاپ تەشۋىق قىلىۋاتقانلىقىنى ئەيىبلىگەن ئىدى.

چىن گاڭ سۆزىدە " رابىيەگە ئوخشاش كىشىلەر، بىزنىڭ تېررورلۇققا قارشى ھەرىكىتىمىزنى ئۇيغۇر خەلقىغە قارشى ھەرىكەت قىلىپ كۆرسىتىۋاتىدۇ، بۇ خەتەرلىك بىر ئىش " دېگەن ئۇ يەنە، " بۇلارنىڭ قەستى باشقا، ئۇلار ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلار ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتنى بۇزۇپ مىللىي توقۇنۇش پەيدا قىلماقچى" دېگەن. ئۇ يەنە " ئۇيغۇر خەلقىنىڭ كۆپ قىسمى، دۆلىتىمىزنىڭ بارلىق پۇقرالىرىغا ئوخشاشلا تېنچلىقىنى سۆيىدۇ، دىنىي رادىكاللىققا ۋە بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرىدۇ، رابىيەگە ئوخشاش كىشىلەر ئۇيغۇر خەلقىغە ۋەكىللىك قىلالمايدۇ، ئۇلار پەقەت ئاز ساندىكى تېررورچىلارغا ۋەكىللىك قىلىدۇ " دېگەن.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باش كاتىبى دولقۇن ئەيسا، چىن گاڭنىڭ سۆزلىرىگە ھەيران قالمىغانلىقىنى، چۈنكى، خىتاينىڭ نەزىرىدە ئەركىنلىك ئۈچۈن كۈرەش قىلىشنىڭ تېررورلۇق دەپ قارىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. دولقۇن ئەيسا سۆزىدە يەنە، چىن گاڭنىڭ رابىيە خانىمنى ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەكىلى بولالمايدۇ دېگەنلىكىنىڭ ئۆزىلا، رابىيە خانىمنىڭ ۋەكىللىك سالاھىيىتىنىڭ مۇنازىرە تەلەپ قىلمايدىغانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ دەپ كۆرسەتتى.

دولقۇن ئەيسا، شەرقى تۈركىستاندا تىنچلىقنىڭ خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ تىكلىنىشى بىلەن بۇزۇلغانلىقىنى، خىتاي ھاكىمىيىتىگە خاتىمە بېرىلگەندىلا، ئۇيغۇر زېمىنىدا تىنچلىقنىڭ ئەسلىگە كېلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم، چىن گاڭنىڭ سۆزلىرىنى رەت قىلدى. رابىيە قادىر خانىم، ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ دىنىي رادىكاللىقتىن يىراق ئىكەنلىكىنى، شۇڭا، 1933 ‏- يىلى ۋە 1944 ‏- يىلى قۇرغان ئىككى قېتىملىق دۆلىتىنىڭ بىرى ئىسلام جۇمھۇرىيىتى، يەنە بىرىنىڭ دېموكراتىك جۇمھۇرىيەت بولغانلىقىنى، ئەنە شۇ يىللاردا، ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە تېنچلىق، ئىتتىپاقلىق ۋە بىخەتەرلىكنىڭ تولۇق ساقلانغانلىقىنى پاكىت قىلىپ كۆرسەتتى.

رابىيە قادىر خانىم يەنە، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ھەققىدىمۇ توختۇلۇپ ئۆتتى. ئۇ بۇ ھەقتە، ئىشى، ئېشى ۋە زېمىنى تارتىۋېلىنغان مىللەت بىلەن تارتىۋالغۇچى مىللەتنىڭ ئارىسىدا ئىتتىپاقلىق شەكىللەندۈرمەكچى بولۇش خام-خىيالدىن باشقا نەرسە ئەمەس دەپ بىلدۈردى؛ ئۇ سۆزىنىڭ ئاخىرىدا، خىتاي مىللىتى بىلەن ئۇيغۇر مىللىتى ئارىسىدىكى ئىتتىپاقلىقنىڭ ئىككى مىللەتنىڭ دۆلەت چېگرىسى ئايرىلغاندىلا ئەمەلگە ئاشىدىغانلىقىنى كۆرسەتتى. (شۆھرەت ھوشۇر)