خىتاي، ئۇيغۇر ئېلىدا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىشقا ئاشۇرالامدۇ؟
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﻗﯩﺪﻩ
2010.09.07
2010.09.07
www.xjtsnews.com ﺩﯨﻦ ﺋﯧﻠﯩﻨﺪﻯ.
بىراق چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلار خىتاينىڭ بۇ خىل ۋاستىلىرىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن ئىككى مىللەت ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتنى ھەرگىزمۇ ياخشىيالمايدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.
ئۇيغۇر ئېلىدا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدىن سۆز ئېچىش ئەسلا مۇمكىن بولمىغان بۇ پەيتلەردە، خىتاي ئاخبارات ۋاستىلىرىدىن تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورىدا، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ئىتتىپاق كومىتېتى، پۈتۈن رايون مىقياسىدا "مەن سىزنىڭ ئۆيىڭىزگە بېرىپ ساڭزا يەي، سىز مېنىڭ ئۆيۈمگە كېلىپ ئاي توقىچى يەڭ" دېگەن تېمىدا، مېھىر - مۇھەببەتنى ئەمەلىيەتكە سىڭدۈرۈش پائالىيىتى ئۇيۇشتۇرغانلىقى ئېلان قىلىندى.
خەۋەردە خىتاينىڭ ھەر دەرىجىلىك ئىتتىپاق تەشكىلاتلىرى ۋە پىئونېرلار تەشكىلاتلىرىدىكى ئۆسمۈرلەرنىڭ پائالىيەتكە قاتنىشىپ، بىر - بىرىنىڭ ئۆيىگە مېھمان بولۇشۇپ، ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئۆزگىچە ئەنئەنىۋى يېمەكلىكىنى تېتىپ كۆرۈش بىلەن بىرگە، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئۆزگىچە ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى بىلەن تونۇشقانلىقى، بۇ پائالىيەت ئارقىلىق ئۆسمۈرلەر ئارىسىدىكى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ھېسسىياتى تېخىمۇ كۈچەيتىلگەنلىكى تەكىتلەنگەن.
خەۋەردە ئىتتىپاق كومىتېتى ئۇيۇشتۇرغان بۇ پائالىيەتكە ھەر دەرىجىلىك ئىتتىپاق تەشكىلاتلىرى ۋە ئۆسمۈر بالىلار قاتناشقانلىقى قەيت قىلىنغان بولۇپ، بالىلارنىڭ ئۆز ئىختىيارىيلىقى بىلەن ئەمەس، تەشكىلى يوسۇندا مەجبۇرىي ئېلىپ بېرىلغانلىقى مەلۇم بولماقتا.
بولۇپمۇ، 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كېيىن، رادىئومىز قولغا چۈشۈرگەن ۋە ئۇيغۇر ئىلىدىن چەتئەللەرگە تۇغقان يوقلاش ئۈچۈن كەلگەن كىشىلەر تەمىنلىگەن پاكىتلىق ماتېرىياللارغا ئاساسلانغاندا، نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئىلىدا ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلار ئارىسىدا تەسەۋۋۇر قىلىش ئىنتايىن قېيىن بولغان زىددىيەتنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلمەكتە.
ئۇنداقتا نېمە ئۈچۈن خىتاي دائىرىلىرى ھېيت، بايرام مۇناسىۋەتلىرىدىن پايدىلىنىپ ئۆزىنىڭ ئىتتىپاقلىق تەشۋىقاتلىرىنى كۈچەيتىشكە ئۇرۇنىدۇ شۇنىڭدەك ياش - ئۆسمۈرلەرنى بۇ خىل سىياسىي پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىشقا مەجبۇرلايدۇ ؟
ئامېرىكىدىكى كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى تۇردى غوجا ئەپەندى، خىتاينىڭ ھازىرقى پەيتتە، بولۇپمۇ ياش - ئۆسمۈرلەرگە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىش تەربىيىسى ئېلىپ بېرىشتىكى مەقسىتى توغرىسىدا مۇلاھىزە يۈرگۈزدى.
خىتاي ئۇيغۇر ئىلىدا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن قانداق قىلىشى كېرەك؟ قانداق سىياسەتلەرنى قوللانغاندا ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلار ئوتتۇرىسىدىكى مىللىي زىددىيەتكە خاتىمە بەرگىلى بولىدۇ.
بۇ مەسىلىلەر ھەققىدە توختالغان ئامېرىكا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پروگراممىسىنىڭ دىرېكتورى ئالىم سېيىتوف ئەپەندى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قولغا كەلتۈرۈشنىڭ مۇھىم شەرتلىرىنىڭ مىللەتلەر ھوقۇقىنىڭ تەڭ ۋە باراۋەر بولۇش ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.