خىتاي تېررورچىلىققا قارشى تۇرۇش نامىدا ئۇيغۇرلارنى باستۇرماقتا


2007.06.26

خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن مۇددەتسىز قاماق جازاسى بېرىلگەن كانادا پۇقراسى ھۈسەيىن جېلىل دىلوسى بىلەن ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم پەرزەنتلىرىنىڭ دىلوسى چەتئەل ئىستراتېگىيە تەتقىقاتچىلىرىنىڭ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان نۆۋەتتىكى سىياسەتلىرىنى تەتقىق قىلىشتىكى بىرىنچى قول ماتېرىيالغا ئايلانماقتا . تەتقىقاتچىلار بۇ ئىككى دېلونى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇش سىياسىتىنىڭ تىپىك مىساللىرى،دەپ قارىماقتا.

ھىندىستاننىڭ يېڭى دېھلىدىكى "مۇداپىئە تەتقىقاتى ۋە ئانالىز ئىنىستىتۇتى" نىڭ تەتقىقاتچىسى جاگانناتھ پاندانىڭ "خىتاي تېررورىزىمغا قارشى تۇرۇش نامىدا ئۇيغۇرلارنى باستۇرماقتا" ناملىق ماقالىسى بۇلاردىن بىرى بولۇپ، بۇ ماقالىدە ھۈسەيىن جېلىل ۋە رابىيە قادىر خانىم پەرزەنتلىرى دېلولىرى ۋە خىتاينىڭ 11-سىنتەبىردىن كېيىن، ئۇيغۇر مۇستەقىللىق ھەرىكىتىنى خەلقئارا تېررورىزىمغا باغلاشقا ئۇرۇنۇشلىرى ھەققىدە ئەتراپلىق مۇلاھىزە يۈرگۈزۈلگەن.

ئىستراتېگىيە تەتقىقاتچىلىرى ئۇيغۇرلارغا ئالاھىدە دىققەت قىلماقتا

ماقالە مۇنداق باشلىنىدۇ . 19-ئاپرىل كۈنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى خىتاي سوت مەھكىمىسى ھۈسەيىن جېلىلغا تېررورلۇق پائالىيەتلىرىگە قاتناشتى ۋە دۆلەتنى پارچىلاشقا ئۇرۇندى،دېگەن جىنايەت بىلەن مۇددەتسىز قاماق جازاسى بەردى. ئۈرۈمچى سوتىنىڭ ھۆكۈمىدە ھۈسەيىن جېلىلنىڭ سىياسىي ھوقۇقىدىن ئۆمۈر بويى مەھرۇم قىلىنغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

بۇ ھۆكۈم بىلەن خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ۋە ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىگە تۇتقان مۇئامىلىسى ھەمدە بېيجىڭنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى تېررورلۇق پائالىيەتلەر ھەققىدىكى ناتوغرا ئۇچۇرلىرى يەنە بىر قېتىم مۇھاكىمە ۋە مۇلاھىزە قىلىنىشقا باشلىدى. تېخىمۇ مۇھىم بولغىنى، كۆپلىگەن ئىستراتېگىيە تەتقىقاتچىلىرى خىتاينىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى ئۇيغۇر رايونىدىكى سىياسىتىگە ھەمدە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر گۇماندارلىرىنىڭ ھەممىسىنى تېررورچى قىلىشقا ئۇرۇنۇشلىرىنى يېڭى نۇقتىئىنەزەر بىلەن كۆزدىن كۆچۈرۈشكە باشلىغانلىقى بولدى.. بۇلار ھېچ بولمىغاندا خىتاينىڭ، مۇستەقىلچىلەر ۋە كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى بىلەن تېررورچىلارنى پەرقلەندۈرۈشى ئۈچۈن مۇھىم،دېيىلىدۇ.

خىتاي ئولىمپىك ھارپىسىدا ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشنى كۈچەيتتى

ئىستراتېگىيە تەتقىقاتچىسى جاگانناتھ پاندا ماقالىسىدە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا قاتتىق باستۇرۇش سىياسىتى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقى ھەققىدە توختىلىپ: ھۈسەيىن جېلىل ھەققىدىكى ھۆكۈم 2007-يىلىدىكى ئىككىنچى ھۆكۈم ھېسابلىنىدۇ.

بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئۈرۈمچى سوتى ئابلىكىم ئابدۇرېھىمغا 9 يىللىق قاماق جازاسى بەرگەنىدى. ئابلىكىم ئابدۇرېھىم ئاتاقلىق كىشىلىك ھوقۇق قوغدىغۇچىسى ۋە ئۇيغۇر ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىرنىڭ ئوغلى. خىتاي ھۆكۈمىتى 2007-يىلىنىڭ باشلىرىدا ئۇيغۇر رايونىدا ئۇيغۇرلارنى تېررورچىلىققا باغلاپ،ناھايىتى كۆپ قېتىم قاتتىق زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرى ئېلىپ باردى،دەپ يازىدۇ .

ئۇ ماقالىسىدە خىتاي خەۋپسىزلىك تارماقلىرىنىڭ بۇ يىل 5-يانۋاردا پامىر ئىگىزلىكىدە ئاتالمىش تېررورچىلارنى تەربىيىلەيدىغان لاگىرلارنى بىت- چىت قىلىپ، 17 گۇماندارنى تىرىك قولغا چۈشۈرگەنلىكى،18 تېررور گۇماندارىنى ئېتىپ تاشلىغانلىقىنى ئېلان قىلغانلىقى، ئۇيغۇرلار بىلەن ئەلقائىدەنى ئۆز ‏- ئارا باغلاشقا ئادەتلەنگەن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ زۇۋانى ھېسابلانغان شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ۋەقەنى ھەدەپ تەشۋىق قىلغانلىقىنى ئەسكەرتىدۇ.

ئۇيغۇرلارنى تېررورچى تەشكىلاتلار بىلەن باغلاش خىتاينىڭ 11-سىنتەبىردىن كېيىنكى ئىزچىل سىياسىتى

ئۇ ماقالىسىدە ئۇيغۇرلارنى چەتئەلدىكى تېررورچى تەشكىلاتلىرى بىلەن باغلاشقا ئۇرۇنۇش خىتاينىڭ 11-سىنتەبىردىن بۇيانقى ئۇيغۇرلارغا قارىتا يۈرگۈزىۋاتقان ئىزچىل سىياسىتى بولۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ: يېقىندىن بۇيانقى ۋەقە-ھادىسىلەردىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارا جامائەتكە ئۇيغۇر ئۆكتىچىلىرىنى ئەلقائىدە بىلەن باغلاش ئۈچۈن ئومۇميۈزلۈك ۋە ئەتراپلىق ھەرىكەت ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقى ناھايىتى ئېنىق كۆرۈلمەكتە.

ئەمەلىيەتتە بۇنىڭدىن كۆپ يىللار ئىلگىرى، خىتاي ھۆكۈمىتى مۇستەقىللىق پائالىيەتچىلىرى بىلەن دىنىي پائالىيەتچىلەرنى بۆلگۈنچىلىككە باغلىغان ۋە ئۇلارنى دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىكىگە زىيان سالدى،دەپ ئەيىبلەپ، جىنايى ئىشلار قانۇنى بىلەن جازالاپ كەلگەنىدى. خىتاي ھۆكۈمىتى ئەزەلدىن بۇ دىنىي گۇرۇپپىلار ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ساداسىغا ئايلانغان كىشىلەرنى تېررورچىلىق بىلەن باغلاپ باقمىغاندى.

خىتاينىڭ بۇ يېڭى تاكتىكىسى ئىلگىرىكى سىياسەتلىرى بىلەن روشەن سېلىشتۇرما بولماقتا. ئەمەلىيەتتە 2001-يىلىدىكى 11-سېنتەبىر ۋەقەسىدىن ئىلگىرى خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر رايونىدا يۈز بەرگەن جىددىي مىللىي توقۇنۇشلار ھەققىدىكى مۇنازىرىلەرگە بۇ خىتاينىڭ ئىچكى ئىشى،دەپ جاۋاب بەرگەن ھەمدە ئۇلار ئۇيغۇر رايونىدىكى مىللەتلەر ھەققىدە ئىنتايىن ئىجابىي باھالاردا بولۇپ كەلگەنىدى،دەپ يازىدۇ.

ئاپتور ماقالىسىدە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسەتلىرى ھەققىدىكى گۇمانلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ: 2007-يىلى يۈز بەرگەن ۋەقەلەردىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى ۋە ئۇيغۇر دىنىي پائالىيەتچىلەرنى تېررورچى تەشكىلات دېيىلگەن شەرقى تۇركىستان ئىسلام ھەرىكىتى بىلەن ھەدەپ باغلاشقا تىرىشىۋاتقانلىقىنى ھەمدە بۇ ئارقىلىق ئۇلارنىڭ بېيجىڭدە ئۆتكۈزىلىدىغان ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ھارپىسىدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىشىنى چەكلەشكە ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ.

ئەمەلىيەتتە خىتاي دائىرىلىرى ئولىمپىك مۇسابىقىسى ھارپىسىدىكى بىخەتەرلىكنى كۈچەيتىش نامى بىلەن مۇقىمسىزلىق ئامىلى دەپ قارالغان ئۇيغۇرلارنى قاتتىق كونترول قىلىش ئۈچۈن،ئالاھىدە تەدبىرلەرنى ئالغان ۋە چەتئەل خەۋپسىزلىك ئورگانلىرى بىلەن ئۇشتۇمتۇت يۈز بېرىش ئېھتىماللىقى بولغان تېررورلۇق پائالىيەتلىرىگە قارشى ھەمكارلىق ئورناتقانىدى،دەپ يازىدۇ.

ئۇ ماقالىسىدە خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونى بىلەن چېگرىلىنىدىغان دۆلەتلەر بىلەن شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى رامكىسى دائىرىسىدە ھەرخىل شەكىلدىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتكەنلىكى، ھەربىي مانىۋېرلارنى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقى ھەمدە ئۇيغۇر رايونىدىكى ھەربىي كۈچىنى تېخىمۇ كۆپەيتىۋاتقانلىقىنى ئالاھىدە تىلغا ئالىدۇ.

خىتاي تېررورچىلىققا قارشى قانۇن تۈزمەكچى

جاگانناتھ پاندا ماقالىسىدە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر مۇستەقىلچىلەرنى باستۇرۇشنى قانۇنلۇق قىلىپ كۆرسىتىش ئۈچۈن تېررورىزىمغا قارشى تۇرۇش قانۇنىنى تۈزۈپ چىقماقچى بولۇۋاتقانلىقىنى، بۇ قانۇننىڭ ئۇيغۇرلارغا ئالاھىدە تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ: خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنى قانۇنىي جەھەتتىن تېخىمۇ قاتتىق كونترول قىلىش ئۈچۈن تېررورىزىمغا قارشى تۇرۇش قانۇنىنى تۈزۈپ چىقماقچى بولۇۋاتىدۇ ھەمدە ھازىرقى جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 114،120 ۋە 191 ماددىلىرىنى تۈپتىن ئۆزگەرتمەكچى بولۇۋاتىدۇ .

بۇلاردا ھەر خىل جىنايى قىلمىشلار تېررورلۇق ھەرىكەت دەپ چۈشەندۈرۈلىدۇ . خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ ئارقىلىق تېخىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا، پۇقرالارنىڭ تەشكىللىك ھەرىكەتلىرى ۋە تېررورلۇق پائالىيەتلەرنى تېخىمۇ قاتتىق جازالىماقچى . خىتاينىڭ تېررورىزىمغا قارشى تۇرۇش قانۇنى بۇ يىلنىڭ ئاخىرىلىرى تاماملىنىشى مۇمكىن دەيدۇ .

خىتاي ئۇيغۇرلارنى تېررورچى تەشكىلاتلار بىلەن باغلىسىمۇ،ئەمما دەلىل ‏- ئىسپات كۆرسىتەلىگىنى يوق

جاگانناتھ پاندا ماقالىسىدە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بارلىق پۇرسەتلەردىن پايدىلىنىپ، ئۇيغۇرلارنى خەلقئارادىكى تېررورچى تەشكىلاتلار بىلەن باغلاشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ: ئومۇمەن،2008-يىلىدىكى ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ ھارپىسىدا خەلقئارا مەتبۇئاتلار ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا ئالاھىدە دىققەت قىلىۋاتقاندا،خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ۋە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنى كونترول قىلىش پۇرسىتىنى قولدىن بېرىپ قويغۇسى يوق .

11-سېنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىن خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر مۇستەقىلچىلىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ ئوساما بىن لادىندىن ئىقتىسادى ياردەم ئالغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ۋە ئۇلارنى ھەدىسىلا ئەلقائىدە بىلەن باغلاشقا تىرىشىپ كەلگەنىدى.خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دوكلاتلىرى ۋە ئۇلارنىڭ خەلقئارا مەتبۇئاتلارنىڭ دىققىتىنى تارتىش ئۈچۈن ئېلان قىلغان بايانلىرىدا ئۇيغۇرلار بىلەن ئەلقائىدە ئىنتايىن يېقىن مۇناسىۋىتى بار قىلىپ كۆرسىتىلمەكتە. خىتاي ھۆكۈمىتى ھەدەپ ئۇيغۇرلارنى بىن لادىن ۋە ئەل-قائىدەگە باغلاشقا تىرىشسىمۇ، ئەمما ئۇلار بۇ مۇناسىۋەتنى دەلىل-ئىسپات بىلەن ئوتتۇرىغا قويۇپ باقمىدى،دەيدۇ.

ھىندىستانلىق ئىستراتېگىيە تەتقىقاتچىسى جاگانناتھ پاندا ماقالىسىدە 2002- يىلى ئېلان قىلىنغان، "شەرقى تۇركىستان تېررورچىلىرى جىنايى جاۋابكارلىقتىن قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ " قاتارلىق خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دوكلاتلىرىدىن نەقىللەر كەلتۈرىدۇ..

ماقالە ئاپتورى يېقىندىن بۇيان خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا تۇتقان سىياسەتنى تىبەتلىكلەرگىمۇ تەدبىقلاۋاتقانلىقىنى،11-سىنتەبىردىن كېيىن تىبەتتىكى دالاي لامانى قوللىغۇچى دىنىي پائالىيەتچىلەرنى تېررورچىلار،دەپ ئاتاشقا باشلىغانلىقىنى ۋە نۆۋەتتە ئۇيغۇر رايونىدا يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسەتنى تىبەتكە كېڭەيتىش ئۈچۈن سىناق ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنىمۇ ئەسكەرتىپ ئۆتىدۇ. (كامىل)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.