'خىتايغا نەزەر' تور گېزىتىنىڭ بايان قىلىشىچە، ئامېرىكىنىڭ لوس ئانجېلىستىكى تەيۋەن تەتقىقات ئىنستىتۇتى ئۆتكەن ھەپتە ئاخىرىدا، ھازىرقى خىتاي ۋەزىيىتى ھەققىدە ئىلمىي مۇھاكىمە ئۇيۇشتۇرۇپ، پېررى لىنك، رىچارد باۋم، جېفېرى ۋاسسېرستورم قاتارلىق مەشھۇر خىتايشۇناس مۇتەخەسسىسلەرنىڭ خىتاينىڭ كۈچلەنگەن ۋە ئاجىزلىغان نۇقتىلىرى، ئۇنىڭ كەلگۈسى تەقدىرى ھەققىدىكى مۇلاھىزىسىنى ئاڭلىدى.
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 'تيەنئەنمېن كېسىلى' يەنە قوزغالدى
لوس ئانجېلىستىكى كالىفورنىيا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ خىتايشۇناس پروفېسسورى رىچارد باۋمنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتايدا ھازىر بايلار بىلەن نامراتلارنىڭ پەرقى خەتەرلىك دەپ ھېسابلىنىدىغان دائىرىدىكى ئەڭ تۆۋەن سىزىقتىنمۇ تۆۋەنلەپ كەتتى. بۇنداق ۋەزىيەتتە، خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىر ھۆكۈمەتكە بېقىنمايدىغان تەشكىلاتلارنىڭ پىكىرلىرىنىلا ئەمەس، ئۆز ئىچىدىكى ئوخشىمايدىغان كۆز قاراشلارنىمۇ، خەلقنىڭ بىر ئېغىز سوئال ياكى ئىنكاسىنىمۇ باستۇرىدۇ. بۇنداق ئاۋازلار ئىنتېرنېتتە كۆرۈلسىلا ئۇنى توسۇۋالىدۇ. ئەمما، باستۇرغانسېرى ئوخشىمىغان پىكىرلەر ئەۋج ئېلىۋاتىدۇ. 1993 - يىلىدا كۆپ ئادەم قاتناشقان جىددىي ۋەقەلەرنىڭ سانى 87 مىڭ ئىدى. 2008 - يىلى بۇنداق دېلونىڭ سانى 227 مىڭ قېتىمغا يەتتى. ھازىر تېخىمۇ كۆپەيدى.
پروفېسسور رىچارد باۋمنىڭ قارىشىچە، بۇ يىل خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 'تيەنئەنمېن كېسىلى' يەنە قوزغالدى. بەلكى، خىتاي بۇ يىل ھەددىدىن زىيادە جىددىيلىشىپ قالدى، ھازىر خىتاي ھەتتا ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىنىڭ مەسىلىنى ھەل قىلىشى ئۈچۈن، يول تېپىش مەقسىتىدە مۇنازىرە ئۇيۇشتۇرۇشقىمۇ يول قويمايۋاتىدۇ. ئەمما، خىتاي ھۆكۈمىتى خەلقتىن گۇمانلىنىپ ھەرىكەت قوزغىغانسېرى، خەلقنىڭ قارشىلىقى شۇنچە ئۇلغىيىپ، مەسىلە شۇنچە كۆپ چىقىۋاتىدۇ. جەمئىيەتنىڭ، كونتروللۇقنى يوقىتىش ئېھتىمالى بار.
خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى ئۆزىدىن ئەنسىرەپ ئەسەبىيلىشىۋاتىدۇ
كالىفورنىيا سەنئەت ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ خىتايشۇناس پروفېسسورى جېفېرى ۋاسسېرستورمنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاي ئولىمپىك مۇسابىقىسىدىن تارتىپ ھازىرقى شاڭخەي دۇنيا يەرمەنكىسىگە قەدەر، بىرىدىن - بىرى چوڭ ھەم ھەشەمەتلىك پائالىيەت ئۇيۇشتۇرۇپ، ھەر قېتىم بىر چوڭ پائالىيەت ئۇيۇشتۇرغاندا، پائالىيەتنى باھانە قىلىپ، خەلقنىڭ ئەركىنلىكىنى بىر قېتىم چوڭ باستۇرۇپ كېلىۋاتىدۇ.
گەرچە، خىتاي ئۈچىنچى دۇنيا ئەللىرىنى دېموكراتىيە بولمىسىمۇ، ئىقتىسادنى تەرەققى قىلدۇرغىلى بولىدۇ، دېگەنگە ئىشەندۈرۈشكە تىرىشسىمۇ، ئەمما ئۆزىنىڭ قىلغىنىدىن ئۆزى گۇمانلىنىپ ئەسەبىيلىشىپ كېتىۋاتىدۇ. بۇ، خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆز بىخەتەرلىكىدىن ئەنسىرەپ ئەسەبىيلەشكەنلىكى.
كوممۇنىست پارتىيىنىڭ بىخەتەرلىك تۇيغۇسى بەك تۆۋەن
كالىفورنىيىدىكى رىۋېرسايدى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ شەرقىي ئاسىياشۇناس پروفېسسورى پېررى لىنكنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاي ھازىر ئىقتىسادىي ۋە ھەربىي جەھەتتىن خەلقئارادا كۈچلۈك دۆلەتلەر قاتارىدىن ئورۇن ئالدى. ئەمما، خىتاينىڭ ئۆزىدە ئىشەنچ يوق. بولۇپمۇ، ھوقۇق تۇتۇۋاتقان كوممۇنىست پارتىيىنىڭ بىخەتەرلىك تۇيغۇسى بەك تۆۋەن، خەلقتىن بەك ئەنسىرەيدۇ، ھەمىشە 'يۈرەك پوك - پوك'. يېقىندا تيەنئەنمېن ئانىسى دەپ ئاتالغان دىڭ زىلىڭ كۆكتات سېتىۋالغىلى سىرتقا چىقسا، بۇ چوڭ دۆلەت مۇشۇ بىر ئاجىز مومايدىن قورقۇپ، ئۇنى نەزەربەند قىلدى.
پروفېسسور پېررى لىنكنىڭ بايان قىلىشىچە يەنە، خىتايدا ھازىر نەپرەت تولۇپ تاشتى. چۇڭچىڭ شەھىرىدە، ساقچىلار ئەپكەش يۈدۈپ يۈرۈپ تىجارەت قىلىدىغان يايمىچىلارغا چېقىلىپ قويغان ئىدى، 30 مىڭ ئادەم سەپكە ئاتلىنىپ ساقچى ئاپتوموبىللىرىنى كۆيدۈرۈۋەتتى. خىتاينىڭ تەشۋىقات مىنىستىرلىقى خەن خەن دېگەن يازغۇچىنىڭ توردىكى ماقالىسىنى توسۇپ قويغان ئىدى، ئىنتېرنېتتە بۇنىڭغا 75 مىليون ئاۋاز نارازىلىق بىلدۈردى. خىتايدا ئۇدا ئالتە قېتىم ئۆسمۈرلەرنى چانايدىغان ۋەھشى جىنايەت يۈز بەرگەندىن كېيىن، باش مىنىستىر ۋېن جياباۋ مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتۈرۈشنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى، ھوقۇقدارلارنىڭ ھەممىسى پۈتۈن مەسئۇلىيەتنى ۋېن جياباۋغىلا ئارتىپ قويۇپ قاراپ تۇردى.
پروفېسسور پېررى لىنكنىڭ قارىشىچە، خىتايدا كوممۇنىست پارتىيە ئەڭ چوڭ مەنپەئەتدارلارغا ئايلىنىپ بولدى. بۇ مەنپەئەتدارلار ھازىر پەقەت ئۆزىنىڭ قولىدىكى ھوقۇقنى ۋە ئاللىقاچان ئېرىشىپ بولغان مەنپەئەتىنى ساقلاپ قېلىش ۋە داۋاملاشتۇرۇشتىن ئۆزگىنى ئويلىمايدۇ. ئۇلارنىڭ خىيالىدا دۆلەت ياكى خەلق مەنپەئەتى دېگەن نەرسە يوق. ئەمما، دۇنيا ھازىر مەسئۇلىيەتچان دۆلەت بىلەن ھەمكارلىشىشنى خالايدۇ.
خىتاي شۇنداق مەسئۇلىيەتچان دۆلەتمۇ؟ "مەن بۇ دۆلەتنى تەۋسىيە قىلمايمەن" دەيدۇ پروفېسسور پېررى لىنك.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.