خىتاينىڭ 11 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى چارشەنبە كۈنى ئېچىلىدۇ. كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، بۇ قۇرۇلتاي گەرچە، خىتاي ھاكىمىيەت سېستىمىسىنىڭ ئەنئەنىۋى يىغىنلىرىدىن بىرى بولسىمۇ، بۇ نۆۋەتتىكىسى ئىككى نۇقتىدىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە، بىرى، بۇ يىغىندا 5-ئەۋلات كوممۇنىست ھاكىمىيىتىنىڭ ۋارىسلىرى ئۈچۈن ئاساس يارىتىلىدۇ، يەنە بىرى، خىتاي، ئولىمپىك مۇناسىۋىتى بىلەن دۇچ كەلگەن خەلقئارا بېسىمغا جاۋاب قايتۇرىدۇ.
"خىتاي خەلق قۇرۇلتىيى قانداق نەرسە ؟"
رويتېرىس ئاگېنتلىقى، تۈنۈگۈن، " خىتاي خەلق قۇرۇلتىيى قانداق نەرسە ؟" دېگەن تېمىدا خەۋەر تارقاتتى. خەۋەردە مۇنداق دېيىلىدۇ: قۇرۇلتايغا 3000 ۋەكىل قاتنىشىدۇ، بۇ ۋەكىللەر نامدا خەلق ۋەكىلى بولغىنى بىلەن ئەمەلىيەتتە كومپارتىيىگە ۋەكىللىك قىلغۇچىلار. چۈنكى بۇ ۋەكىللەرنىڭ ھەممىسى كوممۇنىست پارتىيىنىڭ ئەلگىكىدىن ئۆتكەن. قۇرۇلتايدا، خىزمەت دوكلاتى بېرىلىدۇ، خىزمەت پىلانى ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ؛ ئەمما ھېچكىم خىزمەت دوكلاتىدىن كەمچىلىك تاپمايدۇ ۋە ھېچكىم يېڭى پىلانغا قارشى چىقمايدۇ.
قۇرۇلتايدا يەنە، دۆلەتنىڭ مالىيە خامچوت پىلانى ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ، يېڭى نۆۋەتلىك رەھبەرلىك قاتلىمىدا تەڭشەش ئېلىپ بېرىلىدۇ، ئەمما ئوتتۇرىغا قويۇلغان پىلان ۋە كۆرسىتىلگەن نامزاتلارنىڭ ھەممىسى مۇتلەق ئۈستۈن ئاۋاز بىلەن تەستىقتىن ئۆتىدۇ. رويتېرىسنىڭ قارىشىچە، 11 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى، نەتىجىسى ئالدىن ئاشكارا مەلۇم بولغان بىر يىغىن بولۇپ، ئۇ خىتاي جەمئىيىتىنىڭ ھېچقانداق بىر مەسىلىسىنى ھەل قىلمايدۇ. پەقەت خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتىنىڭ بىخەتەر داۋامى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ.
كومپارتىيە رەھبەرلىكىنى5 - ئەۋلادقا بىخەتەر ئۆتكۈزۈپ بېرىش ئۈچۈن كۆۋرۈك سېلىش يىغىنى
فرانسىيە بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ قېتىمقى قۇرۇلتايدا كۆپ ئېھتىمالدا سىياسىي بيۇرۇدىكى شى جىنپىڭ مۇئاۋىن پرېزىدېنتلىققا سايلىنىپ خۇ جىنتاۋغا ۋارىس بولىدۇ؛ لى كېچياڭ مۇئاۋىن باش مىنىستىرلىققا سايلىنىپ، ۋېن جياباۋغا ۋارىس بولىدۇ. خەۋەردە بىلدۈرۈلۈشىچە، بۇ قۇرۇلتاي، خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ ھاكىمىيەتنى 4 - ئەۋلاد رەھبەرلىك قاتلىمىدىن 5 -ئەۋلادقا بىخەتەر ئۆتكۈزۈپ بېرىش ئۈچۈن كۆۋرۈك سېلىش يىغىنى. خەۋەردە بىلدۈرۈلۈشىچە، بۇ ئۆتكۈنچى دەۋردە خىتاي ناھايىتى ئېھتىيات قىلغانلىق.
خىتاي ئالدىنقى يىلى ئاپرىل ئېيىدا، كوممۇنىست پارتىيىگە ئەزا بولمىغان ۋاڭ گاڭنى تېخنولوگىيە مىنىستىرلىقىغا تەيىنلىگەن. يېقىندا يەنە، چېن جۇ ئىسىملىك بىرى سەھىيە مىنىستىرى بولۇپ تەيىنلەنگەن بولۇپ، ئۇمۇ كومپارتىيە ئەزاسى ئەمەس.
شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ يەكشەنبە كۈنى خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى ۋۇ جيامېن، خىتاي ئىسلاھ يولىغا ماڭغاندىن بۇيان، كومپارتىيىگە ئەزا بولمىغانلارنىڭمۇ خىتاينىڭ ھەر دەرىجىلىك ھاكىمىيەت قاتلىمىدا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقانلىقىنى ۋە بۇلارنىڭ سانىنىڭ 30 مىڭدىن ئارتۇق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، خىتاينىڭ ئىككى مىنىستىرنى كومپارتىيە سىرتىدىن تەيىنلىشى بىر يېڭىلىق، ئەمما خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بۇ قىلغىنى پەقەتلا بىر كۆرۈنۈش ھاسىل قىلىش ئۈچۈندۇر؛ يەنى ئۆزلىرىنىڭ كۆپ پارتىيىلىك تۈزۈمگە قاراپ ئۆزگىرىۋاتقانلىقىدىن بىشارەت بېرىش، بۇ ئارقىلىق خەلقئارا جامائەت پىكرىنىڭ بېسىمىنى يەڭگىللىتىش ئۈچۈندۇر. چۈنكى، بۇ مىنىستىرلارمۇ، كوممۇنىست ھاكىمىيىتىنىڭ سىياسىتىنى ئىجرا قىلىشقا مەجبۇر.
ۋەكىللەر ھەقىقىي دېموكراتىك سايلام ئارقىلىق ۋۇجۇتقا كەلمىگەن
بۈگۈن يەنى دۈشەنبە ئەتىگەن، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ 4 - ئورۇندىكى ئالىي رەھبىرى جيا چىڭلىن، ئاخبارات يىغىنىدا قىلغان سۆزىدە، " دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنىڭ، ئىناق جەمئىيەت بەرپا قىلىشتىكى ئىجابىي رولىنى جارى قىلدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇشىمىز كېرەك" دەپ بىلدۈرگەن. جيا چىڭلىن بۇ سۆزنى قىلىشتىن 4 كۈن ئىلگىرى، ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورج بۇش، ئاقسارايدىكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا خىتاينى ئۆز پۇقرالىرىنىڭ دىنىي ئېتىقادىدىن قورقماسلىققا چاقىرغان ئىدى.
بۇ قېتىمقى قۇرۇلتاي ھارپىسىدىكى يېڭىلىقلاردىن بىرى، 34 ياشلىق كۆچمەن ئىشچى خۇ شياۋيۈەننىڭ قۇرۇلتايغا ۋەكىل بولۇپ تەيىنلىنىشىدۇر. شاڭخەيدىكى فۇدەن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى رېن يۈەن بۇ ئەھۋاللار ئۈستىدە توختىلىپ مۇنداق دېگەن: "يۇقىرىقىدەك ئۆزگىرىشلەر پەقەت قىسمەن ئەھۋال بولۇپ، ئاساسى ئېقىمدىكى ئۆزگىرىش ئەمەس؛ بۈگۈن خىتاينىڭ قانۇن سېستىمىسىدا كۆچمەن ئىشچىلارنىڭ ئىجتىمائىي پاراۋانلىق ۋە داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنىڭ كاپالىتى يوق؛ خىتايدىكى كۆپلىگەن ئاز سانلىق مىللەتلەر ئۆز مەنپەئەتلىرى ھەققىدە سۆز قىلىش ھوقۇقىغا، ھەتتا ئادىتىگە ئىگە ئەمەس؛ قۇرۇلتايغا ۋەكىل بولۇپ سايلانغان بىلەن، پىكىر قىلىش ئەركىنلىكى بولمىسا، ئۇ ۋەكىلنىڭ سىياسىي قارارلاردا رولى يوق دېگەن گەپ."
" دېموكراتىك سايلام ئۆتكۈزۈشنىڭ شارائىتى پىشىپ يېتىلمىدى"
كۆزەتكۈچىلەرنىڭ كۆپ قىسمى، خىتاينىڭ 11 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ خىتاي جەمئىيىتىدىكى ھېچقانداق بىر مەسىلىنى ھەل قىلالمايدىغانلىقىدا ھەمپىكىر؛ چۈنكى قۇرۇلتايغا كەلگەن ۋەكىللەر ھەقىقىي دېموكراتىك سايلام ئارقىلىق ۋۇجۇتقا كەلگەن ئەمەس. ئۇنىڭ ئۈستىگە،خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋ ئۆتكەن يىلى سېنتەبىردە ياۋروپانى زىيارەت قىلغىنىدا، ئەنگىلىيە ئاخباراتىنىڭ سوئالىغا جاۋاب قايتۇرۇپ، خىتاينىڭ نوپۇسىنىڭ كۆپلىكى، ئىقتىساد ۋە مەدەنىيەت جەھەتتە ئارقىدا ئىكەنلىكى، شۇڭا ھەقىقى دېموكراتىك سايلام ئۆتكۈزۈشنىڭ شارائىتى پىشىپ يېتىلمىگەنلىكىنى ئاشكارا بايان قىلغان ئىدى. نۆۋەتتە شەرت-شارائىتنىڭ پىشىپ يېتىلىشىنىڭ پات يېقىن ياكى ئۇزۇن مەزگىللىك ئىش ئىكەنلىكى خىتاي مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ مۇلاھىزە تېمىسى.
كۆزەتكۈچى پېتىر ھارمسەننىڭ قارىشىچە، خىتاي قانچە ئېھتىيات قىلسۇن ۋە ياكى قانچە جاھىللىق قىلسۇن، سىياسىي كالىندارنىڭ ۋاراقلىرىنى يىرتىلىشتىن توختىتالمايدۇ. خىتاينى چوڭ - چوڭ ئۆزگىرىشلەر كۈتۈپ تۇرۇۋاتىدۇ، خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتى بۇ ئۆزگىرىشلەرگە ئىتتىرىلىشتىن ئاۋۋال ئۆزلىرى قۇچاق ئېچىشى كېرەك. (شۆھرەت ھوشۇر)