خۇ جىنتاۋ : " خىتاي مىسلى كۆرۈلمىگەن رىقابەتكە دۇچ كەلدى"
2008.01.03
خىتاي دۆلەت پرېزىدېنتى خۇ جىنتاۋ، يېڭى يىل كېچىلىكى سۆز قىلىپ، خىتاينىڭ نۆۋەتتە مىسلى كۆرۈلمىگەن پۇرسەت ۋە مىسلى كۆرۈلمىگەن رىقابەتكە دۇچ كەلگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان. كۆزەتكۈچىلەر، خۇ جىنتاۋنىڭ بۇ سۆزىنى خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى دۇچ كەلگەن دېموكراتىك ئىسلاھات تەلىپىدىكى يۈكسىلىشنىڭ ئېتىراپى دەپ قاراشماقتا.
" 30 يىللىق ئىسلاھاتتا خۇ جىنتاۋنىڭ ھېچقانداق ھەسسىسى يوق "
خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتى، خۇ جىنتاۋ باشچىلىقىدىكى 4 -ئەۋلادنىڭ قولىغا ئۆتكەندىن كېيىن، خىتاي ئانالىزچىلىرى، خۇ جىنتاۋنىڭ سىياسىي تەقدىرى ھەققىدە مۇنداق ئىككى خىل ئېھتىماللىقنى پەرەز قىلغان : بىرى سىياسىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتى ئېلىپ بېرىپ، خىتاينى دېموكراتىيە يولىغا سېلىش، بۇ ئارقىلىق، خىتاينىڭ يېقىنقى يۈز يىللىق تارىخىدىكى مەشھۇر شەخسكە ئايلىنىش؛ يەنە بىرى بولسا، كونا تۈزۈمگە ۋارىسلىق قىلىپ، كوممۇنىست ھاكىمىيەتنى داۋاملاشتۇرۇش بۇ ئارقىلىق ھالقىلىق باسقۇچتا، تارىخىي قارار بېرەلمىگەن، يارامسىز شەخسلەر قاتارىدا تارىخقا يېزىلىش.
مانا بۇ سەۋەبتىن كۆزەتكۈچىلەر، خۇ جىنتاۋنىڭ نۇتۇقلىرىنى دىققەت بىلەن كۆزىتىپ كەلمەكتە. خۇ جىنتاۋ يېڭى يىل كېچىلىكىدىكى نۇتىقىدا، 30 يىللىق ئىسلاھات، خىتاي دۆلىتى ۋە كوممۇنىست پارتىيىسى ئۈچۈن، تارىخىي ئەھمىيەتلىك بىر زور ۋەقە دەپ مەدھىيىلىگەن. ئەمما، ئۆكتىچى كۈچلەر، بۇ ئىسلاھات نەتىجىلىرىنىڭ ناھايىتى ئاز بىر قىسمىنى ئېتىراپ قىلىدۇ ۋە بۇنى خىتاي خەلقى ئۈچۈن قىلىنغان خىزمەت دەپ ئەمەس، ئۇنىڭ ئالدىدىكى 30 يىلدا خىتاي خەلقىغە كەلتۈرگەن زىيانلىرىنى قىسمەن تولۇقلاش دەپ قارايدۇ. ئەگەر بۇ 30 يىللىق ئىسلاھاتتا بىر نەتىجە بار دېيىلسە، بۇ نەتىجە، دىڭ شياۋپىڭغا تەئەللۇقكى خۇ جىنتاۋنىڭ ھېچقانداق ھەسسىسى يوق، پەخىرلىنىش ھەققى يوق دەپ قارايدۇ.
خۇ جىنتاۋنىڭ كىشىلىك خاراكتېرىدىمۇ، يولغا قويۇۋاتقان سىياسىتىدىمۇ ھېچقانداق بىر خاسلىق يەنى ئۆزگىچىلىك يوق، خۇ جىنتاۋدا بىر خاسلىق بار دېيىلسە، بۇ خاسلىق نۇتۇقلىرىدا زىت گەپ قىلىشتۇر. مانا بۇ قاراشتىكى كۆزەتكۈچىلەردىن، بېيجىڭدىكى قانۇن مۇتەخەسسىسى جاڭ زۇخۇئا مۇنداق دەيدۇ: " ماركىسىزمدا چىڭ تۇرۇش دېگەن گەپ بىلەن ماركسىزمنى تەرەققىي قىلدۇرۇش دېگەن گەپ ئۇز - ئارا زىت. جەمئىيەتتە كۈندىن - كۈنگە مەسىلىلەر كۆپەيگەنسېرى، زىددىيەتلەر ئۆتكۈرلەشكەنسىرى ھاكىمىيەت بېشىدىكىلەرنىڭ نۇتىقىدا ساختا شۇئارلار، زىت چاقىرىقلارمۇ كۆپىيىپ بارىدۇ."
جاڭ زۇخۇئانىڭ بۇ يەردە تەنقىد قىلغىنى، خۇ جىنتاۋنىڭ بېيجىڭدىكى ھەقىقەت جۇرنىلىدا چىققان بىر نۇتىقى ئۈستىدە بولۇپ، مەزكۇر نۇتۇقتا، خىتاينىڭ ماركىسىزم نەزىرىيىسدە چىڭ تۇرىدىغانلىقى ۋە تەرەققىي قىلدۇرىدىغانلىقى بۇنىڭ بىلەن تەڭ ئىسلاھات ۋە ئېچىۋېتىشتە قەدىمىنى توختاتمايدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.
"ماركىسىزمغا ئېسىلىپ تۇرۇپ ئىسلاھات ئېلىپ بارغىلى بولمايدۇ"
بۇ ھەقتە، خىتاي ئانالىزچىلاردىن چېن زېمىڭ مۇنداق دەيدۇ: " ماركىسىزم - لېنىنىزم، ماۋزېدوڭ ئىدىيىسى بىلەن، ئەركىنلىك، دېموكراتىيە، ئاساسىي قانۇن ۋە بازار ئىگىلىكى نەزىرىيىلىرى بىر نۇقتىغا كېلەلەيدىغان نەزىرىيىلەر ئەمەس ؛ بۇنىڭ بىرىدىن تەلتۆكۈس ۋاز كەچمەي تۇرۇپ ئىككىنچى بىرىگە يېقىنلاشقىلى بولمايدۇ."
جاڭ زېخۇئا يەنە، خۇ جىنتاۋنىڭ نۇتىقىدىكى زىتلىقلارنى خىتاي جەمئىيىتى ۋە كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى ئىختىلاپنىڭ سىرتقا ئەكس ئېتىشى دەپ كۆرسىتىپ مۇنداق دەيدۇ:" خىتاي جەمئىيىتىدە بولۇۋاتقاندەك، خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى ئارىسىدىمۇ ئىختىلاپلار بار. خۇ جىنتاۋ ماركىسىزمدا چىڭ تۇرۇش تەشەببۇسى ئارقىلىق، پارتىيىدىكى سول قانات كۈچلەرگە يەنى ماركسىزمنى ياقلىغۇچىلارغا ؛ تەرەققىي قىلدۇرۇش تەشەببۇسى ئارقىلىق، ئوڭ قانات كۈچلەرگە يەنى ماركسىزمنى ئىنكار قىلغۇچىلارغا ياخشىچاق بولۇۋاتىدۇ."
خۇ جىنتاۋنىڭ يېڭى يىل كېچىلىكىدىكى سۆزىدە قىلغان مىسلى كۆرۈلمىگەن پۇرسەت ۋە مىسلى كۆرۈلمىگەن رىقابەت دېگەن سۆزىنى خۇ جىنتاۋنىڭ زىتلىققا تولغان نەزەرىيىسىنىڭ يەنە بىر ئىپادىسى دەپ قارىغان خىتاي سىياسىي ئۆكتىچىلىرىدىن يۈئەن خۇڭبىڭ 17 -قۇرۇلتايدىن كېيىن، خىتاي خەلقىنىڭ خۇ جىنتاۋدىن تامامەن ئۈمىدىنى ئۈزگەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ.
رابىيە خانىم:" تارىخنى قەھرىمانلار يارىتىدۇ، ئەمما قەھرىماننى خەلق يارىتىدۇ "
خۇ جىنتاۋنىڭ كىشىلىكى ۋە نۇتىقى ھەققىدىكى بۇ مۇلاھىزىنىڭ ئارقىسىدا، تارىخنى قەھرىمانلار يارىتىدۇ دېگەندىن ئىبارەت غەرب تارىخ قارىشى مەۋجۇتتۇر. بۇ قاراش، تارىخنى ئەمگەكچى خەلق يارىتىدۇ دەپ قاراپ كەلگەن كوممۇنىزم دۇنياسى بىلەن غەرب دۇنياسىنىڭ پىكىر ساھەسىدىكى پەرقلەردىن بىرى بولۇپ كەلگەن.
ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورج بۇش رابىيە قادىر خانىمنى قوبۇل قىلغان چېغىدا، رابىيە قادىرغا ئوخشاش كىشىلەرنىڭ تالانتى تارىخ يارىتىش قۇدرىتىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى. رابىيە قادىر خانىم، تارىخنى قەھرىمانلار يارىتىدۇ، ئەمما قەھرىماننى خەلق يارىتىدۇ" دەپ قارايدۇ. شۇڭا ئۇ ئۆزىنىڭ سىياسىي ھاياتىدىكى نەتىجىلىرىنى خەلقنىڭ ھىمايىسىدىن ئايرىپ قارىمايدۇ. رابىيە قادىر خانىم يۇقىرىقىدەك تارىخ قارىشىنى بايان قىلغىنىدا، ئاللاھنىڭ ياردىمى بىلەن دېگەن ئىزاھاتنى قوشۇپ ئىپادىلەيدۇ.
خۇ جىنتاۋنى يېڭى بىر تارىخ يارىتىشقا چاقىرىش، خىتاي ئىچىدىكى دېموكراتچىلارنىڭ يەنە بىر خىل ھەرىكەت شەكلى. مەلۇماتلاردىن قارىغاندا، 17 - قۇرۇلتاينىڭ ئالدى - كەينىدە، خۇ جىنتاۋغا يۈزدىن ئارتۇق ئوچۇق مەكتۇپ يوللانغان. بۇلاردىن لياۋنىڭ ئۆلكىلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى، ھازىرغا قەدەر ھېچقانداق ئاۋارىچىلىققا يولۇقمىغان. پروفېسسور گۇ چۇئەن يېنىك شەكىلدە جازاغا ئۇچرىغان. بۇ ئەھۋالنى كۆزدە تۇتقان بىر قىسىم مۇلاھىزىچىلەر، خۇ جىنتاۋغا يەنىلا سىياسى ئىسلاھات ئۈمىدى بىلەن قاراپ كەلمەكتە. (شۆھرەت ھوشۇر)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خىتاي ئۆتكۈنچى ھۆكۈمىتىنىڭ خىتابنامىسى ۋە مىللىي مەسىلە ھەققىدىكى قاراشلىرى
- خۇجىنتاۋنىڭ 'چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش' چاقىرىقى ئاقامدۇ؟
- 17 - قۇرۇلتايدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان 'دەسلەپكى تەقسىماتتا ئادىل بولۇش' دېگەن سىياسەت ھەققىدە مۇلاھىزە
- 17 - قۇرۇلتاي ئۇيغۇرلار ئۈچۈن قانداق ياخشىلىق ئېلىپ كېلىدۇ؟
- خىتاي پۇقرالىرى سىياسەتتىن سوۋۇۋاتامدۇ؟
- 17 - قۇرۇلتاي ۋە ئۇيغۇرلار
- ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ۋە ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي ئىشلار بىرلەشمە كومىتېتى 2007- يىللىق كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتى ئېلان قىلدى (3)
- غەرب مەتبۇئاتلىرى ۋە مۇتەخەسسىسلەر خىتاي كومپارتىيىىسنىڭ 17 - نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيىغا قانداق باھا بەردى؟
- 17 - قۇرۇلتاينىڭ سىگنالى: خىتاي غەرب يولىدا ماڭمايدۇ
- خۇ جىنتاۋ ھوقۇقىنى مۇستەھكەملەپ كېتەلەمدۇ؟
- خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ 17 - قۇرۇلتېيىدىن بۇرۇنقى ئالامەتلەر(4)
- خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ 17 - قۇرۇلتېيىدىن بۇرۇنقى ئالامەتلەر (3)
- خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ 17 - قۇرۇلتېيىدىن بۇرۇنقى ئالامەتلەر(2)
- خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ 17 - قۇرۇلتىيىدىن بۇرۇنقى ئالامەتلەر(1)