پروفېسسور ياڭ لىيۈي: خىتاي يادرو بىخەتەرلىك مەسىلىسىدە سەمىمىي بولسا، ئىشنى ئۇيغۇرلارغا تۆلەم تۆلەش بىلەن باشلاش كېرەك

ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوبامانىڭ ساھىپخانلىقىدىكى دۇنيا يادرو بىخەتەرلىك يىغىنى سەيشەنبە كۈنى ئاخىرلاشتى. يىغىنغا قاتناشقان 47 دۆلەت رەھبىرى يادرو قوراللىرىنىڭ ۋە يادرو ماتېرىياللىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى مەسئۇلىيەتنامىغا ئىمزا قويدى. خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ ۋاشىنگتوندىكى يىغىنغا قاتناشقان دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ بىرىدۇر. ئۇ خىتاينىڭ "يادرو قوراللىرىنىڭ كېڭىيىشى ۋە يادرو تېررورلۇقىغا قەتئىي قارشى تۇرىدىغانلىقى"نى بىلدۈرگەن.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ
2010-04-14
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ﺗﺎﻛﺎﺩﺍ ﺟﯘﻥ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ ﻳﺎﺯﻏﺎﻥ "ﺧﯩﺘﺎﻳﺪﺍ ﺋﺎﺗﻮﻡ ﺳﯩﻨﺎﻗﻠﯩﺮﻯ" ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﻛﯩﺘﺎﺑﻨﯩﯔ ﻣﯘﻗﺎﯞﺍ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺷﻰ.
ﺗﺎﻛﺎﺩﺍ ﺟﯘﻥ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ ﻳﺎﺯﻏﺎﻥ "ﺧﯩﺘﺎﻳﺪﺍ ﺋﺎﺗﻮﻡ ﺳﯩﻨﺎﻗﻠﯩﺮﻯ" ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﻛﯩﺘﺎﺑﻨﯩﯔ ﻣﯘﻗﺎﯞﺍ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺷﻰ.
RFA Photo / Erkin Tarim

لېكىن ئانالىزچىلار خىتاينىڭ ۋەدىسى بىلەن ئۇنىڭ ئىران يادرو مەسىلىسىدىكى پوزىتسىيىسىدە زىتلىق بارلىقىنى ئەسكەرتىپ، ئەگەر خىتاي يادرو مەسىلىسىدە سەمىمىي بولسا، ئىشنى يادرو سىنىقىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان ئۇيغۇرلارغا تۆلەم تۆلەش بىلەن باشلاش كېرەكلىكىنى بىلدۈرمەكتە.

پرېزىدېنت ئوبامانىڭ ساھىپخانلىقىدىكى 47 دۆلەتنىڭ دۇنيا يادرو بىخەتەرلىك يىغىنى سەيشەنبە كۈنى بىرلەشمە ئاخبارات ئېلان قىلىپ، ھەر بىر دۆلەت 2014‏ - يىلغا قەدەر يادرو قوراللىرىنىڭ ۋە يادرو ماتېرىياللىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى كۈچەيتىش، يادرو تېررورلۇقىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا كاپالەتلىك قىلىش مەزمۇنىدىكى 12 تۈرلۈك كونكرېت مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشقا قوشۇلدى.

پرېزىدېنت ئوباما يىغىننى خۇلاسىلاپ، بۇ يادرو ماتېرىياللىرىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش يولىدىكى مۇھىم بىر قەدەم دەپ تەكىتلىگەن بولۇپ، دۇنيا سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى ئاخىرلىشىپ 20 يىلدىن كېيىن، تېررورچى تەشكىلاتلارنىڭ يادرو ماتېرىياللىرىغا ۋە يادرو قوراللىرىغا ئېرىشىشكە ئۇرۇنۇش تەھدىتىگە دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى، بۇ مەسىلە بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ نىگىزلىك تېمىسى ئىكەنلىكىنى بىلدۆرگەن.

ئۇ، پەيشەنبە كۈنى چاقىرغان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا بۇ مەسىلىدىكى مەيدانىنى تەكىتلەپ،"بۈگۈن بىز يادرو تېررورچىلىقى خەلقئارا بىخەتەرلىككە تەھدىت سېلىۋاتقان ئەڭ زور خەۋپ - خەتەر ئىكەنلىكىنى جاكارلايمىز. بىز يەنە ئەڭ ئۈنۈملىك ۋاستىلارنى قوللىنىپ، يادرو بىخەتەرلىكىنى كۈچەيتىش ئارقىلىق تېررورچىلار ۋە جىنايى گۇرۇھلارنىڭ يادرو ماتېرىياللىرىغا ئېرىشىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، يادرو ماتېرىياللىرىنى قوغداش ۋە يادرو ئەتكەسچىلىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا كېلىشتۇق" دەپ كۆرسەتتى.

پرېزىدېنت ئوباما تۈنۈگۈنكى سۆزىدە ئەل - قائىدىگە ئوخشاش تېررورچى گۇرۇھلارنىڭ يادرو قوراللىرىغا ئېرىشسە، مۇقەررەر ئىشلىتىشكە ئۇرۇنىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرۇپ، يادرو ماتېرىياللىرىنىڭ كونترولسىز قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن"يېڭى پىكىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇش تەلەپ قىلىنىدىغانلىقى"نى بىلدۈرگەن ئىدى. ئوتتۇرا ئامېرىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سىياسى پەنلەر پروفېسسورى، خىتاي ۋەزىيەت ئانالىزچىسى ياڭ لىيۈي ئەپەندى، ئامېرىكا ھەقىقەتەن يادرو تېررورچىلىقنىڭ جىددىي تەھدىتىگە دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى، ۋاشىنگتوندىكى يىغىن بۇ تەھدىتنىڭ ئالدىنى ئېلىش يولىدىكى مۇھىم قەدەم ھېسابلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ مۇنداق دەيدۇ": ھەقىقەتەن ئامېرىكىنىڭ يادرو تېررورچىلىقىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراش ئېھتىمالى مەۋجۈت. ئەگەر بۇ تەھدىت بولمىسا پرېزىدېنت ئوباما ۋاشىنگتوندىكى بۇ يىغىننى چاقىرمىغان بولاتتى. ئەگەر تېررورچىلارنىڭ قولىغا كىچىك كۆلەملىك يادرو بومبىسى چۈشۈپ قالسا، 11 - سىنتەبىر بىر ۋەقەسىدىندىن ئېغىر تراگىدىيە يۈز بېرىشى مۇمكىن. ئاھالىلەر زىچ ئولتۇراقلاشقان چوڭ شەھەرلەرنىڭ بىرى كىچىك كۆلەملىك يادرو بومبىسىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرايدىغان بولسا قانچىلىك ئادەمنىڭ ئۆلىدىغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلىش تەس ئەمەس. مېنىڭچە، پرېزىدېنت ئوبامانىڭ ھاكىمىيەت سورىغىنىغا ئاران بىر يىلدىن ئاشقان بولسىمۇ، لېكىن ئۇ يىراقنى كۆرۈپ يېتىپ بۇ يىغىننى چاقىردى. ئەگەر يادرو تېررورچىلىقىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراش ۋەقەسى يۈز بەرسە بۇ ناھايىتى دەھشەتلىك بولىدۇ."

47 دۆلەتنىڭ بىرلەشمە ئاخباراتىدا، دۆلەتلەر دۆلەتلىك سالاھىيىتى بولمىغان گۇرۇھلارنىڭ يامان غەرەزلىك مەقسەتلەر ئۈچۈن يادرو ماتېرىياللىرىنى ئىشلىتىشكە كېرەكلىك ئۇچۇر ۋە تېخنىكىغا ئېرىشىشىنى توساپ، كونكرېت تەدبىرلەرنى بېكىتىدۇ. يادرو ئەتكەسچىلىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە يادرو ئەتكەسچىلىك ۋەقەلىرىدە ئۆز ‏ - ئارا ماسلىشىش ھەم ھەمكارلىقنىڭ زۆرۈرلۈكىنى قەيت قىلىدۇ، دەپ تەكىتلەنگەن.

پرېزىدېنت ئوباما پەيشەنبە كۈنكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا ھەر قايسى ئەللەرنىڭ يادرو بىخەتەرلىك ۋەدىسىنى ئادا قىلىشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلەپ، "دۆلەتلەر خەلقئارا مەسئۇلىيەتتىكى بىرلىكنى ساقلاپ، يادرو ماتېرىياللىرىنىڭ ۋە يادرو ئەسلىھەلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى كونتروللىقىمىزدا تۇتۇپ تۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىش دۆلەتلەرنىڭ ئەڭ ئاساسى مەسئۇلىيىتى ئىكەنلىكىنى يەنە بىر قېتىم ئەسكەرتىمىز" دەپ كۆرسەتتى.

بۇ قېتىمقى يىغىندا خەلقئارا جامائەتنىڭ دىققەت - نەزىرى خىتاينىڭ يادرو تېررورچىلىق ۋە يادرو قوراللىرىنىڭ كېڭىيىش مەسىلىسىدىكى پوزىتسىيىسىگە تىكىلگەن ئىدى.

خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ بۇ ھەقتىكى باياناتىدا، خىتاينىڭ يادرو بىخەتەرلىك مەسىلىسىدىكى پوزىتسىيىسىنى ئىزاھلاپ،" جۇڭگو مەسئۇلىيەتچان پوزىتسىيىدە تۇرۇپ، يادرو بىخەتەرلىك مەسىلىسىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدۇ. يادرو قوراللىرىنىڭ كېڭىيىشى ۋە يادرو تېررورچىلىقىغا قەتئىي قارشى تۇرىدۇ" دېگەن. پروفېسسور ياڭ لىيۈي خۇ جىنتاۋنىڭ سۆزىگە باھا بېرىپ، خىتاينىڭ يادرو بىخەتەرلىك مەسىلىسىدىكى سەمىمىيىتىگە گۇمان بىلەن قارايدىغانلىقىنى، ئەگەر خىتاي بۇ مەسىلىدە سەمىمىي بولسا، ئىشنى لوپنۇر يادرو سىنىقىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان ئۇيغۇرلارغا تۆلەم بېرىش بىلەن باشلىشى كېرەكلىكىنى، لېكىن نۆۋەتتىكى ئەھۋالدا خىتاي خاتالىقنى ئۈستىگە ئالمايدۇ دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ مۇنداق دەيدۇ" :ئەگەر جۇڭگو يادرو بومبىسىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان يەرلىك ئۇيغۇرلارغا تۆلەم تۆلىسە، بۇ ئەلۋەتتە جۇڭگونىڭ خەلقئارا ئوبرازىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ. لېكىن مېنىڭچە، جۇڭگونىڭ بۇنداق قىلىش مۇمكىنچىلىكى يوقتەك قىلىدۇ. چۈنكى جۇڭگو قانچىلىك ئادەمنىڭ ئۆلۈشى بىلەن چاتىقى يوقتەك قىلىدۇ. جۇڭگونىڭ تۇنجى قېتىم يادرو سىنىقى ئېلىپ بارغان ۋاقتى 1964 - 1965 - يىللىرىغا توغرا كېلىدۇ. دۇنيادىكى يادرو قوراللىرىغا ئىگە بارلىق دۆلەتلەر يادرو سىنىقى ئېلىپ بارغان. بۇنىڭغا ئامال يوق. ئامېرىكا نېۋادا شتاتىدىكى قۇملۇقلاردا سىناق ئېلىپ باراتتى. لېكىن سىز سىناق ئېلىپ بارغاندا مۇداپىئە تەدبىرلىرىنى ئېلىشىڭىز كېرەك. مانا بۇ خىتاي بىلەن ئامېرىكىنىڭ يادرو سىنىقى ئېلىپ بارغان ۋاقىتتىكى ئەخلاقىي پەرقى ئىدى."

بۇ يىغىن، خىتاي ب د ت نىڭ ئىرانغا ئىمبارگو يۈزگۈزۈش پىلانىغا تىرەجەۋاتقان مەزگىلگە توغرا كەلگەن بولۇپ، خىتاي ئىمبارگونىڭ ئۈنۈم بەرمەيدىغانلىقىنى، دىپلوماتىيە يەنىلا مەسىلىنى بىر تەرەپ قىلىشنىڭ ئەڭ ئۈنۈملۈك يولى دەپ قارايدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ كەلگەن ئىدى. خىتاي پەقەت يېقىندىلا ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب ئەللىرىنىڭ ئىمبارگو پىلانىنى ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىدە مۇزاكىرە قىلىشقا قوشۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ بۇ مەسىلىدىكى پوزىتسىيىسى يەنىلا مەۋھۇم. بۇ قېتىمقى يىغىندا خۇ جىنتاۋنىڭ پرېزىدېنت ئوباما بىلەن ئايرىم كۆرۈشۈپ، ئىمبارگونى قوللايدىغانلىقىنى ياكى تەرەپسىز تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنلىكى ھازىرغا قەدەر مەلۇم ئەمەس.

پرېزىدېنت ئوباما چارشەنبە كۈنكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇخبىرلارنىڭ بۇ ھەقتىكى سوئالىغا جاۋاب بېرىپ، خىتاينىڭ ئىمبارگو مەسىلىسىدە بەزى ئەندىشىلىرىنىڭ بارلىقىنى بىلدۈردى. ئوباما "خىتايدا ئىمبارگونىڭ ئىقتىسادى ساھەدىكى ئومۇمى تەسىرىگە نىسبەتەن روشەن ئەندىشە بار. ئىران نېفىت ئىشلەپچىقارغۇچى دۆلەت. دۇنيادىكى نۇرغۇن دۆلەتلەر ئىران بىلەن سودا مۇناسىۋىتى قىلىدۇ. بىز بۇنى چۈشىنىمىز. لېكىن مەن رەئىس خۇ ۋە دۇنيا رەھبەرلىرىگە ئېيتقىنىمغا ئوخشاش، سۆزنىڭ تۇتامى بولۇشى لازىم. ئۇنىڭ مەلۇم نەتىجىسى بولۇشى كېرەك. بىز يادرو قوراللىرىنى كونترول قىلىش ئەھدىنامىسىنى ئىجرا قىلىش ۋە يادرو قوراللىرىنى كونترول قىلىش مۇھىم دەپ قويۇپ، مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلمىساق بولمايدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ بىر پوزىتسىيىدە تۇرۇشى ناھايىتى مۇھىم" دەپ كۆرسەتتى.

پروفېسسور ياڭ لىيۈي بولسا، خىتاينىڭ يادرو قوراللارنىڭ كېڭىيىشىنى كونترول قىلىش مەسىلىسىدىكى پوزىتسىيىسىنى تەنقىدلەپ، خىتاينىڭ بۇ مەسىلىدىكى پوزىتسىيىسى ئۇنىڭ ئېلىشقا تېگىشلىك مەسئۇلىيىتىگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ياڭ لىيۈي مۇنداق دەيدۇ" :ئىران بىلەن شىمالىي كورىيە مەسئۇلىيەتسىز دۆلەتلەر. جۇڭگونىڭ بۇ ئىككى دۆلەتتىكى تەسىر كۈچى ناھايىتى زور. جۇڭگونىڭ ئىران ۋە شىمالىي كورىيىدىكى تەسىرى رۇسىيىنى بېسىپ چۈشۈۋاتىدۇ. مېنىڭچە، خۇ جىنتاۋنىڭ تۈنۈگۈن قىلغان سۆزى مەسئۇلىيەتچان چوڭ دۆلەتلىك سالاپىتىگە ئۇيغۇن ئەمەس. دىپلوماتىك سۆھبەت ئېلىپ بېرىلىۋاتقىنىغا قانچىلىك ۋاقىت بولدى ؟ ھازىرغا قەدەر ھېچقانداق نەتىجە چىقمىدى. 5 دۆلەت سۆھبىتىگە نەچچە يىللار بولدى. لېكىن ھېچقانداق نەتىجىسى چىقمىدىغۇ؟"

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى جياڭ يۈي تۈنۈگۈنكى باياناتىدا خىتاينىڭ ئىمبارگو مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلىشقا قوشۇلغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، لېكىن "دىئالوگ ۋە سۆھبەت مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ ئەڭ ئۈنۈملۈك يولىدۇر. بېسىم ۋە ئىمبارگو مەسىلىنى ئاساسى جەھەتتىن ھەل قىلالمايدۇ،" دېگەن.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت