ياخۇ ئىنتېرنېت شىركىتى، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ۋە شى تاۋنىڭ ئائىلىسىدىن ئەپۇ سورىدى


2007.11.08

2007 - يىل 6 ‏- نويابىر كۈنى، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە ياخۇ ئىنتېرنېت شىركىتىنىڭ ئامېرىكا دۆلەت مەجىلىسىگە يالغان مەلۇمات بەرگەنلىكى ھەققىدە گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنى ئېچىلدى، يىغىندا، ياخۇ شىركەت مەسئۇللىرى ئۆزىنى تەكشۈرۈپ، پالاتا ئەزالىرىدىن ۋە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان خىتاي ژورنالىست شى تاۋنىڭ ئانىسىدىن ئەپۇ سورىدى. يىغىندا سۆز قىلغان پالاتا ئەزالىرىدىن توم لانتوسنىڭ ئاچچىق تەنقىدلىرى، يىغىننىڭ دىققەت مەركىزىگە ئايلاندى.

ياخۇ ساختا مەلۇمات بەرگەن

خىتاي ژورنالىستى شىتاۋ، 2004 ‏- يىلى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ، ئاخبارات ئەركىنلىكىنى بوغۇۋاتقانلىقى ھەققىدىكى بىر پارچە دوكلاتنى چەتئەل مەتبۇئاتلىرىغا يوللاپ بەرگىنى ئۈچۈن، قولغا ئېلىنغان ۋە 10 يىللىق قاماق جازاسىغا يولۇققان ئىدى. كېيىن، شى تاۋنىڭ مەزكۇر پائالىيىتىنىڭ پاش بولۇپ قېلىشىغا، ياخۇ شىركىتىنىڭ خىتاينىڭ دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارىسى بىلەن ھەمكارلىشىشى سەۋەپ بولغانلىقى ئوتتۇرىغا چىقىپ، بۇلتۇر 2 ‏- ئايدا، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە، بۇ ھەقتە گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنى ئېچىلغان، ئۇ قېتىمقى يىغىندا، ياخۇ شىركىتى، خىتاينىڭ شى تاۋنى تەكشۈرۈش مەقسىتىنى چۈشەنمەي قالغانلىقىنى بىلدۈرۈپ مەسئۇلىيەتتىن مەسئۇلىيەتتىن قاچقان ئىدى؛ ئۇنىڭدىن كېيىنكى ئېنىقلاشلاردا، خىتاي تەرەپنىڭ، مەزكۇر تەكشۈرۈش ھەققىدە، ياخۇ شىركىتىگە، دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى پاش قىلىش مەسىلىسىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغانلىقىنى بىلدۈرگەنلىكى ئوتتۇرىغا چىققان ئىدى.

توم لانتوس: بۇيرۇق، ئەمما قانۇنىي بۇيرۇق ئەمەس

بۇ قېتىمقى يىغىندا، شىركەت ساھىپلىرى جەرري ياڭ بىلەن مىكايىل كوللاھان، ئىلگىرى، شىركەت ئىچىدىكى خىزمەتچىلەرنىڭ سەۋەنلىكى تۈپەيلى، شىتاۋنىڭ تەكشۈرۈلۈش جەريانى ھەققىدە، تولۇق مەلۇماتقا ئىگە بولالماي قالغىنى ئۈچۈن،بۇلتۇرقى يىغىندا خاتا مەلۇمات بېرىپ قالغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان بولسىمۇ، پالاتا ئەزالىرى بۇ سەۋەپكە قايىل بولمىدى.

ياخۇ شىركىتى، ياخۇنىڭ خىتاي تارمىقىنى خىتايدىكى ئالىبابا شىركىتىگە سېتىۋەتكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مەسىلىنى خىتايدىكى شىركەت مەسئۇللىرىغا ئارتىشقا ئۇرۇنغان بولسىمۇ، ئالىبابا شىركىتىنىڭ % 39 لىك پايدىسىغا ياخۇنىڭ ئورتاق ئىكەنلىكى ۋە، ياخۇنىڭ ساھىبىدىن بىرى بولغان جەرري ياڭنىڭ، ئالىبابا شىركىتىنىڭ باشقۇرۇش ھەيئەتلىرىدىن ئىكەنلىكى سەۋەپلىك رەت قىلىندى؛ ياخۇ شىركىتى يەنە خىتاي تەرەپنىڭ تەكشۈرۈش بۇيرۇقىدىكى، دۆلەت مەخپىيەتلىكى دېگەن سۆزدىن ئېنىق تەھدىت ھىس قىلالماي قالغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ، بۇنىڭغا توم لونتاس: "ھەرقانچە ساددا ئادەممۇ خىتايدا دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى ئاشكارىلاش دېگەن گەپنىڭ تەھدىتىنى ھېس قىلالايدۇ" دەپ رەت قىلغان. يىغىن جەريانىدا مىكايىل كوللاھان، خىتاينىڭ تەكشۈرۈش بۇيرۇقىنى خىتاينىڭ قانۇنىي بۇيرۇقى دەپ تىلغا ئالغىنىدا، توم لانتوس، "قانۇنلۇق بۇيرۇق دەپ ئەمەس، بۇيرۇق" دەپ ئاتىشىنى كۆرسەتكەن.

توم لانتوس:ياكى ئەپۇ قىلىنماس دىققەتسىزلىك ۋە ياكى قىپ - قىزىل ئالدامچىلىق

توم لانتوس سۆزىدە يەنە، ياخۇ شىركىتىنىڭ بۇلتۇرقى گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىدىكى خاتا مەلۇمات بېرىش مەسىلىسىنى " ئەگەر مەسىلىنى ئەڭ ياخشى تەرەپكە تارتىپ چۈشەنسەكمۇ، بۇ يەردىكىسى ئەپۇ قىلىنماس دىققەتسىزلىك؛ ئەگەر يامانغا تارتىپ چۈشەنسەك قىپ-قىزىل ئالدامچىلىقتۇر" دېگەن.

ياخۇ شىركىتىنىڭ ئىپادىسىنى ئاڭلاپ بولغان يىغىن مۇنداق خۇلاسە چىقارغان: ياخۇ شىركىتى، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىگە يالغان مەلۇمات بەرگەن؛ شىركەت مەسئۇللىرى بەرگەن مەلۇماتنىڭ ساختىلىقى پاش بولغاندىن كېيىن، ئۆزلىگىدىن كېلىپ، خاتا مەلۇماتىغا تۈزۈتۈش بەرمىگەن؛ يالغان مەلۇماتنىڭ سەۋەبلىرى ھەققىدە شىركەت ئىچىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بارمىغان؛ ھىچ بىر خىزمەتچىسى بۇ قىلمىش توغرۇلۇق جازاغا ئۇچرىمىغان؛ ۋە مۇنداق قىلمىشنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان ھىچ قانداق بىر چارە تۈزۈم ھازىرغىچە ئوتتۇرىغا قويۇلمىغان. شۇڭا ياخۇ شىركىتى، ساختا مەلۇماتى ئۈچۈن، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئاۋام پالاتا تاشقى ئىشلار كومىتېتىدىن، ئامېرىكا ۋە ئامېرىكا خەلقىدىن ئاشكارا كەچۈرۈم سورىشى كېرەك.

توم لانتوس، " باي، بىلىملىك ئەمما پەسكەشسىلەر"

توم لانتوس، خۇلاسىسىدىن كېيىن، شىركەت ساھىپلىرى، جەررىي ياڭ ۋە مىكايىل كوللاھانغا خىتاپ قىلىپ، " سىلەر پەن تېخنىكا جەھەتتە، ئىقتىسادىي بايلىق جەھەتتە، يۈكسەك پەللىدە تۇرىۋاتقان كىشىلەر بولساڭلارمۇ، ئەخلاقىي جەھەتتە پەس كىشىلەرسىلەر. ئارقاڭلاردىكى قاتاردا ئولتۇرغان موماي، ئەركىنلىك ئۈچۈن كۈرەش قىلغان شى تاۋنىڭ ئانىسى بولىدۇ، ئۇنىڭدىن ئەپۇ سورىشىڭلار كېرەك" دېگەن. بۇنىڭ بىلەن شىركەت ساھىپلىرى ئورنىدىن تۇرۇپ شىتاۋنىڭ ئانىسى گاۋچىنشېڭدىن ئەپۇ سورىغان.

بۇ يىغىندا ئەپۇ سورالغانلار ئىچىدە خىتايدا ئوخشاش سەۋەپ بىلەن قولغا ئېلىنغان ۋاڭ شىياۋنىڭنىڭ ئايالى يۇ لىڭمۇ بار. شىتاۋنىڭ ئانىسى سۆز قىلىپ، سورالغان ئەپۇ ئۈچۈن، مىننەتدار ئىكەنلىكىنى، ئەمما ئەڭ مۇھىمى، خىتايدا تۈرمىدە يېتىۋاتقان ئوغلىنىڭ تەقدىرى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن؛ ئۇ سەھنىدە يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىگە خىتاپ قىلىپ،ئوغلىنىڭ قويۇپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلغان. ۋاڭ شىياۋنىڭنىڭ ئايالى بولسا، "ئەپۇ تولىمۇ كېچىككەن بىر ئەپۇ بولدى؛ مېنىڭ كۈتىدىغىنىم ئەپۇلا ئەمەس، كۈتىدىغىنىم، يولدىشىمنىڭ قويۇپ بېرىلىشى، ياخۇ بۇ خاتالىقىدىن ساۋاق ئېلىشى كېرەك" دېگەن.

كۆزەتكۈچىلەر، بۇ قېتىمقى يىغىن خۇلاسىسىنىڭ يالغۇز ياخۇ شىركىتىگىلا ئەمەس، شى تاۋ مەسىلىسىنىڭ ئەسلى جاۋاپكارى بولغان خىتاي دۆلىتى ۋە ئۇنىڭ تەرەپدارلىرىغىمۇ قارىتا بىر تەنقىد ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈشمەكتە. (شۆھرەت ھوشۇر)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.