خىتاي - ياپونىيە ئارال كىرىزىسى قايتا باش كۆتۈردى

دۈشەنبە كۈنى ئەتىگەندە خىتاينىڭ ئىككى چارلىغۇچى پاراخوتى شەرقى دېڭىزدىكى سەنكاكۇ ئارىلىدا 9 سائەت چارلاش ئېلىپ بارغان. ئىگىلىك ھوقۇقى خىتاي، ياپونىيە، تەيۋەن ئارىسىدا تالىشىلىپ كېلىۋاتقان بۇ ئارال تەرەپلەر ئارىسىدا يەنە بىر قېتىملىق كرىزىسقا سەۋەب بولماقتا.
مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2008.12.11

دۈشەنبە كۈنى چۈشتىن كېيىن ياپونىيە ۋەقەگە نارازىلىق بىلدۈرۈپ، خىتاينىڭ چارلىغۇچى پاراخوتىنى ئارالدىن دەرھال چېكىندۈرۈشىنى تەلەپ قىلدى. توكيونىڭ نارازىلىق باياناتىدا ئارالنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ھەققىدە مۇنداق دېيىلدى: " مەيلى تارىخي نۇقتىدىن بولسۇن، مەيلى خەلقئارا قانۇن بۇيىچە بولسۇن، سەنكاكۇ ئارىلى ياپونىيىنىڭ بىر پارچىسىدۇر. خىتاي پاراخوتلىرىنىڭ رۇخسەتسىز چارلىشى ئىنتايىن ئەپسۇسلىنارلىق بىر ھەرىكەتتۇر ".

خىتاي تەرەپ دەسلەپتە ۋەقەنى سۈرۈشتە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن؛ ئەمما ئەتىسى خىتاي تاشقى ئىشلار باياناتچىسى ليۇ جيەنچاۋ ۋەقەگە ئىنكاس قايتۇرۇپ، سەنكاكۇ ئارىلىنىڭ قەدىمدىن تارتىپ خىتاينىڭ بىر پارچىسى ئىكەنلىكىنى، خىتاي پاراخوتلىرىنىڭ مەزكۇر ئارالدا چارلاش ئېلىپ بېرىشىنىڭ نورمال ئەھۋال ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. تەيۋەندە ھاكىمىيەت بېشىدا تۇرۇۋاتقان گومىنداڭ پارتىيىسىنىڭ باشلىقى Wu boshung بۈگۈن بۇ ھەقتە بايانات ئېلان قىلىپ، سەنكاكۇ مەسىلىسىنىڭ ياپونىيە بىلەن تەيۋەندىن ئىبارەت ئىككى تەرەپ ئارىسىدىكى مەسىلە ئىكەنلىكىنى، تەيۋەننىڭ مەسىلىنى ماجراسىز بىر تەرەپ قىلىشنى، شۇنداقلا ئارالنى ئورتاق تەرەققىي قىلدۇرۇشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ياپونچە سەنكاكۇ دەپ ئاتىلىدىغان بۇ ئارالنى خىتاي Diaoyu ئارىلى، تەيۋەن بولسا Tiaoyutai ئارىلى دەپ ئاتايدۇ. نۆۋەتتە بۇ ئارال ياپونىيىنىڭ Okinawa ۋىلايىتىدىكى Ishigaki شەھىرىگە قاراشلىقتۇر. خىتاي بىلەن تەيۋەننىڭ قارىشىچە، ئارال تەيۋەننىڭ Yilan ناھىيىسىدىكى Toucheng بازىرىغا تەئەللۇق بولۇشى كېرەك.

1895 ‏ - يىلى چىڭ سۇلالىسى بىلەن - ياپونىيە ئارىسىدا تۈزۈلگەن ماگۈەن شەرتنامىسى بۇيىچە، سەنكاكۇ ئارىلى تەيۋەن بىلەن بىرلىكتە ياپونىيىگە بېرىلگەن. سەنكاكۇ ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن، تاكى 1972 ‏ - يىلىغا قەدەر ئامېرىكىنىڭ باشقۇرۇشىدا بولغان. ئامېرىكا 1972 ‏ - يىلى رايوندىن چېكىنگەندە ئارالنى ياپونىيىگە ئۆتكۈزۈپ بەرگەن. خىتاي ۋە تەيۋەن 1972 ‏ - يىلدىن باشلاپ ياپونىيىدىن ئارالنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى تالاشماقتا.

بولۇپمۇ سەنكاكۇ ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى ئاراللاردا زور مىقداردا نېفىت زاپىسى بايقالغاندىن كېيىن، تەرەپلەر ئارىسىدىكى تالاش ھەر خىل شەكىللەردە ئەۋجىگە چىقماقتا. 1996 ‏ - يىلى 7 ‏ - ئۆكتەبىر كۈنى بىر گۇرۇپپا خىتاي ۋە تەيۋەنلىك نامايىشچىلار، سەنكاكۇ ئارىلىغا يېتىپ كېلىپ، ئارالغا بايراق قادىغان، بايراق ياپون مۇھاپىزەتچىلەر تەرىپىدىن ئېلىپ تاشلانغان.

2004 ‏ - يىلى 24 ‏ - مارت كۈنى يەنە بىر گۇرۇپپا خىتاي نامايىشچىلار، سەنكاكۇ ئارىلىغا رۇخسەتسىز كىرگەن. نامايىشچىلار ياپون ساقچىلىرى تەرىپىدىن قانۇنسىز ئاققۇنلار قاتارىدا قولغا ئېلىنىپ، چېگرىدىن قوغلانغان. مانا بۇلار يېقىنقى يىللاردىن بېرى 3 تەرەپ ھۆكۈمەتلىرى ئارىسىدا كرىزىس پەيدا قىلغان ۋەقەلەردىن ئىككى مىسالدۇر.

 بۇ قېتىمقى چارلىغۇچى پاراخوت ۋەقەسى، ياپونىيىدە ئۆتكۈزىلىدىغان خىتاي، ياپونىيە ۋە جەنۇبىي كورىيىدىن ئىبارەت 3 تەرەپ ئالىي دەرىجىلىكلەر ئۇچرىشىش يىغىنىدىن بىر ھەپتە ئاۋۋال يۈز بەردى؛ شۇڭا كۆزەتكۈچىلەر ۋەقەنى كۈشكۈرتۈش مەقسىتىدە ئېلىپ بېرىلغان بۇزغۇنچىلىق خاراكتېرىدىكى ھەرىكەت دەپ قارىماقتا. ئەمما خىتاي تاشقى ئىشلار باياناتچىسى ليۇ جيەنچاۋ، ۋەقەنىڭ ھېچقانداق كۈشكۈرتۈش رولى يوقلۇقىنى، ئۈچ تەرەپ دۆلەت باشلىقلىرى يىغىنىغا تەسىر كۆرسەتمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ياپونىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى Hirofumi Nakasone تۈنۈگۈنكى باياناتىدا، ياپونىيە باش مىنىستىرى Tara Aso نىڭ شەنبە كۈنى خىتاي باش مىنىستىرى Wen jiabao بىلەن كۆرۈشكەندە، مەزكۇر مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويىدىغانلىقىنى بىلدۈردى ھەم يەنە مۇنداق ۋەقەلەرنىڭ تەكرارلانماسلىقى ئۈچۈن ياپونىيىنىڭ دىپلوماتىك قاناللار ئارقىلىق، خىتاي پاراخوتلىرىنىڭ چارلاش ئېلىپ بېرىشتىكى مەقسىتى ھەققىدە بېيجىڭدىن مەلۇمات تەلەپ قىلغانلىقىنى ئاشكارىلىدى.


پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.