خىتايدا ياپونىيىگە قارشى نامايىش يۈز بەرگەندىن كېيىن، ياپونىيىدىمۇ بۇنىڭغا قارىتا قارشى ئىنكاسلار داۋاملاشتى. خىتاي -ياپونىيە مۇناسىۋىتىدىكى جىددىيلىك ھازىرغا قەدەر تېخى پەسەيمىدى.
‘بىرلەشمە ئاگېنتلىقىئ نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، شاڭخەي شەھرىنىڭ باياناتچىسى جاۋياڭ "شاڭخەيدە تۇرىۋاتقان چەتئەللىكلەرنى شاڭخەي شەھرىنىڭ ئۆزىنىڭ قوغداش قابىلىيىتى بار. شاڭخەيدە مەبلەغ سېلىش مۇھىتىغا زىيان يەتكۈزىدىغان ھادىسىلەرگە يول قويۇلمايدۇ" دېگەن بولسىمۇ، ئەمما خىتايدا ياپونىيىگە قارشى نامايىش يۈز بېرىۋاتقاندا، شاڭخەيدە تۇرۇشلۇق 80 مىڭ چەتئەللىك ئاھالىنىڭ ئاران 4 تىن بىر قىسمىنى تەشكىل قىلىدىغان ياپونلۇقلار رېستۇرانلاردا ھاقارەتلەش ئوبيېكتى قىلىنغان ۋەقەلەر يۈز بەرگەن.
خىتاي مەتبۇئاتلىرى خىتايدا يۈز بەرگەن نامايىشنى ياپونىيىدە تارىخىنى بورمىلايدىغان كىتاب نەشىر قىلىنغانلىقى كەلتۈرۈپ چىقاردى، دېگەن كۆز قاراشنى ئوتتۇرىغا قويىۋاتقان ئىدى. بۇ كۆز قاراشنى ياپونىيىنىڭ باش مىنىسىتىرى يۇنىشىرو كويزۇمى ئەپەندى رەت قىلىپ "خىتايدا يۈز بەرگەن نامايىشنى خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆز كونتىروللىقىدا ئېلىپ باردى" دېگەن.
خىتاي سىياسىي تەدبىر قوللانسا، ياپونىيە ئىقتىسادىي تەدبىر قوللانماقتا
ب ب س نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۆتكەن ھەپتىدىن باشلاپ، خىتايدا ياپونىيىگە قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلۈشكە باشلىغان ئىدى. خىتايدا داۋاملىشىۋاتقان بۇنداق نامايىش ئۆلكىلەرگىچە كېڭەيدى. ھەتتا نامايىشتا زوراۋانلىق ھەرىكەتلەرمۇ كېلىپ چىقتى. خىتاي- ياپونىيە مۇناسىۋىتىدە جىددىيلىك پەيدا قىلىدىغان بۇنداق ۋەزىيەت تازا ئەۋجىگە كۆتۈرۈلىۋاتقاندا، خىتاينىڭ باش مىنىستىرى ۋېن جا باۋ ئەپەندى "خىتاي – ياپونىيە مۇناسىۋىتىدىكى مەسىلىلەر ئاخىرقى ھېسابتا ياپونىيىنىڭ تارىخقا توغرا مۇئامىلە قىلىشىغا باغلىق بولۇپ قالىدۇ. ياپونىيە ھۆكۈمىتى تارىخىي مەسىلىلەر بويىچە ئۆتكۈزگەن سەۋەنلىكىگە تۆۋە قىلىشى كېرەك" دەپ تەكىتلىگەن.
بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ توكيودىن خەۋەر قىلىشىچە، ياپونىيىنىڭ سودا مىنىستىرى شويىكى ناكاگاۋا ئەپەندى "ياپونىيىنىڭ نېفىت -تەبىئىي گاز شىركەتلىرىگە شەرقىي دېڭىزدىكى تەۋەلىكى تېخىچە تالاش-تارتىشتا تۇرىۋاتقان رايونىدا سۇ ئاستىدىن تەبىئىي گاز قېزىشقا ھوقۇق بېرىش رەسمىيىتىنى ئۆتۈلۈشكە باشلىدى. شەرقى دېڭىزدا تەبىئىي گاز قېزىش 4 - ئاي ئىچىدىلا باشلىنىدۇ" دېگەن.
ئامېرىكا ھازىرقى خىتاي-ياپونىيە مۇناسىۋىتىگە ئەپسۇسلىنىدۇ
"فرانسىيە ئاگېنتلىقى" نىڭ ۋاشىنگتوندىن خەۋەر قىلىشىچە، خىتايدا ياپونىيىگە قارشى ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشلارنى ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى رىچارد باۋچېر ئەپەندى "ئەپسۇسلىنارلىق ۋەقە" دەپ ئاتىغان. باۋچېر ئەپەندى بۇ ھەقتە ئىپادە بىلدۈرگەندە "خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ چەتئەل دىپلوماتلىرىنى زوراۋانلىق ھەرىكەتلەردىن خالى قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىش مەسئۇلىيىتى بار. بۇ قېتىم خىتايدا يۈز بەرگەن ياپونىيىگە قارشى نامايىش زوراۋانلىق ھەرىكەتكە ئايلىنىپ كەتسە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇنى كونترول قىلمىدى. بىز بۇنىڭغا تولىمۇ ئەپسۇسلىنىمىز" . دېگەن.
خىتايدا يۈز بەرگەن نامايىشتا نامايىشچىلار ياپونىيە ئەلچىخانىسىغا بوتۇلكا، كونسېرۋا قۇتىسى، تاش-داڭگال ئاتقانلىقى، ياپون رېستۇرانلىرىدىكى خىزمەتچىلەرنى تىللاپ ھاقارەتلىگەنلىكى، ياپون ماللىرنى بايقوت قىلىغانلىقى قاتارلىق ۋەقەلەر توغرىسىدا ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى باۋچېر ئەپەندى " بۇ ئىككى دۆلەتنىڭ مۇناسىۋىتى رايون خاراكتېرلىق مۇقىملىق ئۈچۈن ناھايىتى مۇھىم، بىز باشتىن - ئاخىر بۇ ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت مۇناسىۋىتىدىكى مەسىلىلەرنى تىنچ ۋە يېقىن خوشنىدارچىلىق شەكىلدە ھەل قىلىنىشنى ئۈمىد قىلىپ كېلىۋاتىمىز" دېگەن. شۇنداقلا ، باۋچېر ئەپەندى يەنە "تارىخىي ۋەقەلەر توغرىسىدا بىزنىڭ مۇستەقىل كۆز قارىشىمىز بار، بۇ ھەقتە ھازىر بىز يەنىلا بۇ ئىككى دۆلەتنىڭ ئىختىلابلارنى سۆھبەت ئارقىلىق ھەل قىلىشىنى تەۋسىيە قىلىمىز" دېگەن. (ۋەلى)