خىتاينىڭ يېڭى ئىنتېرنېت سىياسىتى غەزەپ چۇقانلىرىنى پەيدا قىلماقتا

ب ب س تورىدىكى مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يېقىندا تور بەتلىرىگە قارىتا يولغا قويغان يېڭى سىياسەتلىرىدە، ھەرقانداق كىشى تورغا كىرىش ئۈچۈن رەسمىي ئىسىم ۋە سالاھىيەت گۇۋاھنامىسى نومۇرىنى تىزىملىتىش بەلگىلەنگەن بولۇپ، ئىلگىرىكىدەك خالىغانچە يالغان ئىسىم ياكى تەخەللۇس قوللىنىپ تورغا كىرىش مەنئى قىلىنغان.

0:00 / 0:00

بۇ بەلگىلىمىگە ئاساسەن، خىتايدىكى بەزى چوڭ تور بەتلىرى مەجبۇرىي ھالدا تورداشلىرىغا قارىتا توغرا ئىسىم ۋە سالاھىيەت گۇۋاھنامىسىنى تىزىملىتىش تۈزۈمىنى بەلگىلىگەن. بۇ تۈزۈمگە خىلاپلىق قىلغۇچىلارنىڭ توردا پىكىر بايان قىلىشى بىردەك چەكلەنگەن. يەنى، ھەرقانداق ئىنتېرنېت ئىشلەتكۈچى توغرا ئىسىم ياكى سالاھىيەت گۇۋاھنامىسى نومۇرىنى تىزىملاتماي تۇرۇپ، توردا پىكىر بايان قىلالمايدىغان بولغان. بۇ بەلگىلىمە بارلىق تور بەتلىرىگە قارىتا كۈچكە ئىگە قىلىنغان.

ب ب س تورىدا بىر ھەپتىدىن بۇيان بۇ خۇسۇستا قاناتيايغان راي سىناشتىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ يېڭى بەلگىلىمىسى خىتاي زىيالىيلىرى ئارىسىدا غەزەپ چۇقانلىرىنى پارتلاتقان. ئەزەلدىن خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىنى تۇتۇپ كەلگەن زىيالىيلارمۇ "يوقالسۇن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى" دەپ شۇئار توۋلاشقا باشلىغان. ئۇلار بۇ بەلگىلىمىنى خەلقنىڭ ئاۋازىنى بوغۇش ئۈچۈن بېسىلغان يەنە بىر رەزىل قەدەم دەپ قارىغان.

راي سىناشقا پىكىر قاتناشتۇرغان خىتايلارنىڭ ئىنكاسلىرى ئىنتايىن قاتتىق بولۇپ، خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ دېموكراتىك بىر تۈزۈمگە كۆچۈشىگە بولغان ئۈمىدلىرىنىڭ پۈتۈنلەي ئۈزۈلگەنلىكى، بۇ يېڭى بەلگىلىمە تۈپەيلى كومپارتىيە بىلەن ئوخشاش ئاۋازدا سۆزلىمىگەنلەرنىڭ ھەممىسىنىڭلا نازارەت ئاستىغا ئېلىنىدىغانلىقى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خەلق بىلەن قارشىلىشىۋاتقانلىقى قاتارلىق ئۆتكۈر ئىنكاسلار بايان قىلىنغان.

راي سىناشقا خىتاي، تەيۋەن، خوڭكوڭ، ئاۋمىنلىق خىتاي پۇقرالىرى قاتناشقان بولۇپ، بەزىلەر ئەينەن ھالدا "كوممۇنىستىك پارتىيىنىڭ بۇ مىللەتكە يېتەكچىلىك قىلىش ئىقتىدارى قالمىدى. بۇ تۇپراق قالايمىقانچىلىق ئىچىدە پارچە - پۇرات بولۇپ كېتىشتىن ئىلگىرى، خىتاي ھۆكۈمىتى خەلققە كىشىلىك ھوقۇقىنى قايتۇرۇپ بېرىشى كېرەك" دەپ يېزىشقان. بەزىلىرى ھۆكۈمەتنىڭ تور بېتىگە ئەسلى كىملىكىنى تىزىملىتىپ كىرىش بەلگىلىمىسىگە قارىتا، "بۇ دېگەنلىك، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ خەلقنىڭ ئىشەنچىسىدىن پۈتۈنلەي ئايرىلىپ قالغانلىقىنىڭ، خەلققىمۇ، ئۆزىگىمۇ ئىشىنەلمەي قالغانلىقىنىڭ ھەم دۆلەتنى كونترول قىلىش ئىقتىدارىدىن تامامەن مەھرۇم بولغانلىقىنىڭ ئېنىق ئىسپاتى" دېيىشكەن.

د ئۇ ق باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى خىتاي يولغا قويغان بۇ يېڭى سىياسەتكە قارىتا كۆز قارىشىنى بايان قىلىپ، "خىتاينىڭ بۇ سىياسىتىنى ئىنتېرنېت تېررورلىقى دەپ قاراش مۇمكىن" دېدى.

ئۇيغۇر ۋەتىنىدىكى تور بەتلىرىنىڭ 14 - مايدىن ئېتىبارەن ئېچىلغانلىقى جاكارلانغان بولۇپ، بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى 14 - ماي كۈنى ئالاھىدە مۇراجىئەت ئېلان قىلغان. ئەمەلىيەتتە، ئۇيغۇر ۋەتىنىدە ئەسلىدە مەۋجۇت بولغان مۇھىم تور بەتلىرىنىڭ ھىچبىرىنىڭ ھازىرغىچە ئېچىلمىغانلىقى مەلۇم. بولۇپمۇ، ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن ئالقىشقا ئېرىشكەن " ئۇيغۇربىز " تورى ھازىرمۇ تاقاق. " دىيارىم"، "سەلكىن" قاتارلىق چوڭ تور بەتلىرىنىڭ قۇرغۇچىلىرىنىڭ ھازىرمۇ خىتاي تۈرمىسىدە ئىكەنلىكى خەۋەرلەردە ئورۇن تۇتماقتا.

د ئۇ ق باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى خىتاينىڭ بۇ سىياسىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا تېخىمۇ ۋەھشى رەۋىشتە ئىجرا قىلىنىدىغانلىقىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئالاقە ۋە پىكىر ئەركىنلىكىنىڭ ھەر قاچان تەھدىت ئاستىدا تۇتىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ب ب س قانىلى خىزمەتچىسى بەن بروۋەت مۇشۇ بىر نەچچە كۈن ئىچىدە ئۈرۈمچىدىن قەشقەرگىچە بولغان جايلارنى زىيارەت قىلغان بولۇپ، 14 - ماي كۈنى ئېلان قىلغان ساياھەت خاتىرىسىدە 5 - ئىيۇل ۋەقەسى يۈز بەرگەن نەق مەيداننى زىيارەت قىلغانلىقىنى، ئۈرۈمچىنىڭ ۋەزىيىتىنىڭ يەنىلا جىددىيلىكىنى، قوراللىق ساقچى قىسىمنىڭ شەھەردە داۋاملىق چارلاش ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى ۋە ئۆزىنىڭ خىتاي جاسۇسلىرىنىڭ نازارىتى ئاستىدا بولغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ، "ئۈرۈمچىدىكى تورخانىلاردا بىرمۇ ئادەم يوق" دەپ يازغان.

ب ب س مۇنازىرچىلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىنتېرنېتكە قارىتا يولغا قويغان يېڭى بەلگىلىمىسىنى، خىتايدا دېموكراتىيىنىڭ بارغانسېرى چېكىنىۋاتقانلىقى، خەلق بىلەن ھۆكۈمەت ئارىسىدىكى ئارىلىقنىڭ تېخىمۇ كېڭىيىۋاتقانلىقىنىڭ ئىسپاتى قىلىپ كۆرسەتمەكتە.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.