بېيجىڭ ھۆكۈمىتى ئوچۇق - ئاشكارا ھالدا تېخىمۇ كۆپلىگەن خىتاي ئوقۇتقۇچىلىرىنى ئۇيغۇر ئېلىدە ئىشلەشكە ئەۋەتمەكتە
2006.11.17
يېقىندا خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ يىلدىن باشلاپ خىتاي ئۆلكىلىرىدىن ئۇيغۇر ئېلىدىكى ھەرقايسى مەكتەپ ئورۇنلىرىغا ئوچۇق - ئاشكارا ھالدا جەمئىيەتتىن بىۋاستە تاللاش ۋە ياردەم پۇلى بېرىش قاتارلىق ئۇسۇللارنى قوللىنىش ئارقىلىق ئوقۇتقۇچى ئەۋەتىشكە باشلىغان. خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، يېقىندا بېيجىڭدىن 25 نەپەر خىتاي ئوقۇتقۇچىنى ئۇيغۇر ئېلىگە بېرىپ ئىشلەشكە ئەۋەتىپ ئۇلارنىڭ ھەر بىرىگە بىر قېتىمدىلا 10000 يۈئەندىن قوشۇمچە ياردەم پۇلى بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
"ھەرقانداق ئوقۇتقۇچى ئۆز مەيلى ۋە ئۆز ئىختىيارى بويىچە ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ"
بېيجىڭ شەھەرلىك مائارىپ كومىتېتىنىڭ مەسئۇلى يېقىندا بۇ ھەقتە توختىلىپ، "گەرچە ئۇيغۇر ئېلىگە ئوقۇتقۇچى ئەۋەتىش خىزمىتى 2004 - يىلىدىن باشلىنىپ، بۇ يىل 3 - يىلى بولسىمۇ، بۇ قېتىم بىز ئىلگىرىكى رايون، سان چەكلىمىسىدىن بۆسۈپ چىقىپ، تۇنجى قېتىم جەمئىيەتتىن ئوچۇق - ئاشكارا بىۋاستە قوبۇل قىلىش ھەرىكىتىنى باشلىۋەتتۇق. يەنى "ھەرقانداق ئوقۇتقۇچى ئۆز مەيلى ۋە ئۆز ئىختىيارى بويىچە ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ" دېگەن بەلگىلىمىنى چىقاردۇق" دەپ بىلدۈردى.
خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن بېرىلگەن مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئۇيغۇر ئېلىگە ئەۋەتىلىدىغان بۇ ئوقۇتقۇچىلار مەزكۇر رايوندا ئىشلەش جەريانىدا، مەيلى مائاش جەھەتتە بولسۇن ياكى باشقا تەمىنات جەھەتتە بولسۇن ئۆزى ئىشلىگەن مەكتەپتىكى باشقا ئوقۇتقۇچىلارغا ئوخشاش قارىلىدىكەن. بۇنىڭدىن باشقا يەنە، ئۇلار ھەر يىلى بىر قېتىم ئۆز يۇرتىغا بېرىپ تۇغقان يوقلاش پۇرسىتىگە ئىگە ئىكەن.
ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىلار خىزمەتلىرىدىن ئايرىلماقتا
زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئۇيغۇر ئېلىدىكى بىر ئالىي مەكتەپ خىزمەتچىسى ھازىر ئۆزى ئىشلەۋاتقان مەكتەپتە ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىلار سانىنىڭ بارغانسېرى ئازلاپ كېتىۋاتقانلىقىنى، مەكتەپ مائارىپ ئىشلىرى ئىشخانىسىنىڭ ھە دىسىلا، خىتاي تىلىدا دەرس ئۆتۈشكە مەجبۇر بولۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىلارنىڭ دەرسىنى ئاڭلاپ، ئۇلارنى "خىتاي تىلىنى راۋان سۆزلىيەلمەيدىكەن، ئۆتكەلدىن ئۆتەلمەپتۇ " دېگەن باھانىلەر بىلەن دەرس ئۆتۈشتىن توختىتىپ قويىۋاتقانلىقىنى ھەمدە دەرس ئۆتۈشتىن توختىتىپ قويۇلغان بۇ ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئورنىغا دەرھال خىتاي ئۆلكىلىرىدىن كەلگەن خىتاي ئوقۇتقۇچىلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى مەلۇم قىلدى.
زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان بۇ ئالىي مەكتەپ خىزمەتچىسى خىتاي ئۆلكىلىرىدىن مەزكۇر مەكتەپكە كىلىپ ئىشلەۋاتقان خىتاي ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ مەزكۇر جايدىكى تۇرمۇش شارائىتى ئىنتايىن ياخشى ئىكەنلىكىنى ھەمدە ھەر يىلى تەتىلدە ئۆز يۇرتىغا بېرىپ -كېلىپ تۈرۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن بېرىلگەن بۇ ھەقتىكى مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، ھازىر ئۇيغۇر ئېلىگە ئەۋەتىلىۋاتقان خىتاي ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ياش -چەكلىمىسى ئەرلەر 55 ياشتىن تۆۋەن؛ ئاياللار 50 ياشتىن تۆۋەن بولۇشى كېرەك ئىكەن. ھەمدە ئۇلار ئۇيغۇر ئېلىگە بارغاندىن كېيىن ھەر قانداق دەرسنى ئۆتسە بولىدىكەن. مەسىلەن، باشلانغۇچ مەكتەپ دەرسلىكىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ماتېماتىكا، فىزىكا، خىمىيە، بىئولوگىيە، تارىخ، جۇغراپىيە، سىياسەت ۋە تولۇق ئوتتۇرىنىڭ تىل - ئەدەبىياتى قاتارلىق دەرسلەرنىڭ ھەممىسىنى ئۆتۈشكە رۇخسەت ئىكەن.
قاھار بارات: خىتايلار ئۇيغۇر مائارىپىمىزنى يۈزدە - يۈز يوق قىلىش مەقسىتىگە يېتەلمەيدۇ
ئۇيغۇر مائارىپچىلار، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىلارنىڭ خىتاي تىلى سەۋىيىسىنى باھانە قىلىپ نۇرغۇنلىغان ئوقۇتقۇچىلارنى مائارىپ سېپىدىن يىراقلاشتۇرىۋاتقانلىقىدەك قىلمىشىنى ئەيىبلىمەكتە.
ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق ئۇزۇن يىل مائارىپ ساھەسىدە ئىشلىگەن ئۇيغۇر زىيالىيسى دوكتور قاھار بارات ئەپەندى ئۇيغۇر ئېلىدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان مائارىپ سىياسىتى ھەققىدە توختىلىپ "خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىر ستالىن دەۋرىدىكى سىياسەتكە ئوخشاش سىياسەت قوللىنىۋاتىدۇ" دەپ بىلدۈردى.
ئۇيغۇر زىيالىيسى دوكتور قاھار بارات ئەپەندى مىللىي مائارىپنى قوغداپ قېلىشتا ئامالسىز قېلىۋاتقان شارائىتتا، ئۇيغۇر مائارىپىنىڭ كۈندىن - كۈنگە چېكىنىپ كېتىۋاتقانلىقىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئۇيغۇر زىيالىيسى قاھار بارات ئەپەندى "گەرچە خىتاي ھۆكۈمىتى مائارىپىمىزنى خىتايلاشتۇرۇشقا تىرىشىۋاتقان بولسىمۇ، ئۇلار ھەرگىزمۇ ئۇيغۇر مائارىپىمىزنى يۈزدە - يۈز يوق قىلىش مەقسىتىگە يېتەلمەيدۇ" دەپ كۆرسەتتى. (مېھرىبان)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ئۇيغۇر دىيارىدىكى نامرات ئىشسىز ياشلار شېنجېنغا ئاپىرىلىدىكەن
- قوش تىللىق مائارىپمۇ ياكى بىر تىللىق مائارىپمۇ؟
- ۋاڭ لېچۈەننىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئىشسىزلىق مەسىلىسى ھەققىدىكى سۆزلىرىگە ئىنكاسلار
- بېيجىڭ ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىنى پۈتۈنلەي خىتاي تۇپرىقىغا ئايلاندۇرۇشقا تىرىشماقتا
- ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ چىقىش يولى نەدە؟
- خىتاينىڭ تەرەققىياتى ئۇيغۇر ئېلىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەر قايسى جايلاردا ئىشسىزلىق مەسىلىسىنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرماقتا
- خىتاينىڭ "پەۋقۇلئاددە ۋەزىپىلىك يېزا ئوقۇتقۇچىلىرى" سىياسىتى ئۇيغۇرلار ئىچىدە خىتاي تىلىنى ئومۇملاشتۇرۇشنىڭ يەنە بىر يېڭى باسقۇچى
- ئىقتىساد قانچە تىز تەرەققى قىلسا ئەمگەك كۈچلىرىگە شۇنچە ئېھتىياجلىق تۇرۇپ، نېمە ئۈچۈن خىتايدا ئىشسىزلىق مەسىلىسى ھەل بولمايدۇ؟