'ۋەتەنپەرۋەر مۇھاجىرلار ئۆمىكى'نىڭ خىتاي زىيارىتى ئاخىرلاشتى

خىتاي ھۆكۈمىتى ھەر يىلدىكىگە ئوخشاش بۇ يىلمۇ 7 - ئاينىڭ 20 - كۈنىدىن 8 - ئاينىڭ 5 - كۈنىگىچە قازاقىستان، قىرغىزىستان، ئۆزبېكىستان، ئاۋسترالىيە، پاكىستان ۋە تۈركىيە قاتارلىق 6 دۆلەتتىن 45 كىشىنى بېيجىڭ، شاڭخەي، قەشقەر، تۇرپان ۋە ئۈرۈمچى قاتارلىق شەھەرلەرنى ئېكسكۇرسىيە قىلدۇرغان.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺗﺎﺭﯨﻢ
2010-08-10
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
5 - ﺋﯩﻴﯘﻝ ﯞﻩﻗﻪﺳﯩﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ، ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﻰ ﻛﻮﭼﯩﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﺧﯩﺘﺎﻱ ﻗﻮﺭﺍﻟﻠﯩﻖ ﺳﺎﻗﭽﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ "ﻗﺎﻧﯘﻧﺴﯩﺰ ﺋﯘﻧﺴﯘﺭﻻﺭﻧﻰ ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﺟﺎﺯﺍﻻﺵ" ﺩﻩﭖ ﻳﯧﺰﯨﻠﻐﺎﻥ ﭘﯩﻼﻛﺎﺕ ﺋﺎﺭﻗﯩﺴﺪﺍ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺷﻠﯩﺮﻯ.
5 - ﺋﯩﻴﯘﻝ ﯞﻩﻗﻪﺳﯩﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ، ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﻰ ﻛﻮﭼﯩﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﺧﯩﺘﺎﻱ ﻗﻮﺭﺍﻟﻠﯩﻖ ﺳﺎﻗﭽﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ "ﻗﺎﻧﯘﻧﺴﯩﺰ ﺋﯘﻧﺴﯘﺭﻻﺭﻧﻰ ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﺟﺎﺯﺍﻻﺵ" ﺩﻩﭖ ﻳﯧﺰﯨﻠﻐﺎﻥ ﭘﯩﻼﻛﺎﺕ ﺋﺎﺭﻗﯩﺴﺪﺍ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺷﻠﯩﺮﻯ.
Photo: RFA

بۇ ئېكسكۇرسىيە ئۆمىكىگە  تۈركىيىدىن 3 ئۇيغۇر، 2 قازاق قاتناشقان بولۇپ، ئۇيغۇرلاردىن سابىر بۇغدا، ۋولقان ئۆزتۈرك ۋە دىلشات ئۇيغۇروغلى، قازاقلاردىن ئابدۇللا ئاقاي ۋە ئابدۇللا مالقوچ قاتارلىق كىشىلەر ئۆمەك تەركىبىدىن ئورۇن ئالغان.

7 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن خىتاي مۇھاجىرلار ئىشخانىسى، ئاپتونوم رايونلۇق تاشقى ئىشلار ئىشخانىسى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق مۇھاجىرلار ئىشخانىسى قاتارلىق ئورگانلارنىڭ ئاساسلىق ئەمەلدارلىرىدىن تەركىپ تاپقان ھەيئەتلەر ئارقا - ئارقىدىن چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلار زىچ ياشاۋاتقان جايلارغا بېرىپ ، ھەر خىل ۋاسىتىلەرنى قوللىنىپ چەتئەلدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار بىلەن يېقىن مۇناسىۋەت ئورنىتىشقا تىرىشماقتا.

ھەتتا، "ۋەتەنپەرۋەر ئۇيغۇرلار ئۆمىكى" ئۇيۇشتۇرۇپ ئۇيغۇر دىيارىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدۇرماقتا. چەت' ئەلدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلاتلىرى مەسئۇللىرى ۋە ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەر بۇ ئېكسكۇرسىيە ئۆمىكىنىڭ ئاتالمىش "ۋەتەنپەرۋەر مۇھاجىرلار ئۆمىكى" ئىكەنلىكى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ئارقىلىق خەلقنىڭ مىللىي سىياسىي دەۋاغا بولغان قوللىشىنى ۋە ھۆرمىتىنى ئاجىزلاشتۇرۇشنى مەقسەت قىلىدىغانلىقى، ئەمما ئۇيغۇرلارنىڭ مەزكۇر ئۆمەككە قاتناشقانلارنى ئەيىبلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.
    
بۇ ئۆمەككە قاتنىشىپ بېيجىڭ شاڭخەي، قەشقەر، تۇرپان ۋە ئۈرۈمچى قاتارلىق شەھەرلەرنى ئېكسكۇرسىيە قىلىپ كەلگەن ئۇيغۇرلار بۇ ھەقتە نېمىلەرنى ئويلاۋاتىدۇ؟ بۇ ھەقتە كۆز قارىشىنى ئېلىش ئۈچۈن ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر ئۇيغۇر بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

ئۆمەككە قاتناشقان سابىر بۇغدا ئىسىملىك ئۇيغۇر بولسا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلمىدى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.

 
پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت