خىتاي رەئىسى خۇ جىنتاۋ ھازىر يۈرگۈزۈلۈۋاتقان 'خىتايچە سوتسىيالىزم' دېگەن تۈزۈمنى ماۋزېدۇڭ، دېڭ شاۋپىڭ، جاڭ زېمىن قاتارلىق ئۈچ ئەۋلاد رەھبەر ماركىسىزم -لېنىنىزمنى تەرەققى قىلدۇرۇپ ئىجاد قىلغان تۈزۈم دەۋاتىدۇ. ئەمما نەزىرىيە تەتقىقاتچىلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، 'خىتايچە سوتسىيالىزم ' دېگەن تۈزۈمنىڭ يادروسى پۈتۈنلەي چەتتىن ئىمپورت قىلىنغان، ئۇنىڭ ھېچنېمىسى خىتايدا ئىجاد قىلىنمىغان.
ۋېي زىيۇ ئەپەندى 'كۆزىتىش ژۇرنىلى' نىڭ 1 - ئاينىڭ 26 - كۈنىدىكى سانىدا ئوتتۇرىغا قويغان مۇلاھىزىسىدە بايان قىلىشىچە، دۇنيادا سوتسىيالىزم لاگېرى گۇمران بولغاندىن كېيىن، خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى گۇمرانلىقتىن ئۆزىنى قاچۇرۇش ئۈچۈن 'سوتسىيالىزم' دېگەننىڭ ئالدىغا 'خىتايچە' دېگەننى قوشۇپ، گۇمران بولغان سوتسىيالىزمدىن چېگرا ئايرىدى. ئەمەلىيەتتە خىتايدا ھازىر داۋاملاشتۇرۇلىۋاتقان 'خىتايچە سوتسىيالىزم' دېگەن تۈزۈمنىڭ مەزمۇنلىرى، مەسىلەن: پرولېتارىيات دىكتاتورىسى، دېموكراتىيە- مەركەزلەشتۈرۈش تۈزۈمى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمى، سىياسىي كېڭەش تۈزۈمى دېگەنلەرنىڭ ھەممىسى 'خىتايچە' ئەمەس.
'پرولېتارىيات دىكتاتورىسى' دېگەن رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ ئۇرۇش يىللىرىدىكى ۋاقىتلىق سىياسىتىدىن كۆچۈرۈلگەن
ۋېي زىيۇ ئەپەندىنىڭ بايان قىلىشىچە، 'خىتايچە سوتسىيالىزم' تۈزۈمنىڭ يادروسى بولغان 'پرولېتارىيات دىكتاتورىسى' نەزىرىيىسى قەدىمقى رىم ئىمپېرىيىسى دەۋرىدە، ئۇرۇش يىللىرىدا دۆلەت باشلىقىنىڭ ئاساسىي قانۇننىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىمىغان ھالدا، ھەربىي ھالەت ئېلان قىلىپ ھاكىممۇتلەقلىق قىلىشىغا رۇخسەت قىلغان ۋاقىتلىق سىياسىتىدىن كەلگەن. ماركىس بۇ ئىدىيىنى فرانسىيە ئىنقىلابى دەۋرىدە قوللىنىپ تەجرىبە قىلىنغانلىقىنى بايان قىلغان ئىدى. كېيىن، لېنىن ئۇنى قايتىدىن قوللانغان.
خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى ھازىر بۇنداق 'دىكتاتۇرلۇق' شەكىلنى سىياسىي بيۇرودىكى بىر نەچچە ئادەمنىڭ ئىمتىيازىغا ئايلاندۇرۇۋالدى. ئۇلار چوڭ ئاكسى سوۋېت ئىتتىپاقىدىن قوبۇل قىلىنغان بۇ ئەجنەبىيچە شەكىلنى قوللىنىپ كېلىۋاتىدۇ، بەزىدە ئۇنى 'قاتتىق زەربە بېرىش' دېگەن نام بىلەن ئاتايدۇ. ئۇلار بۇ شەكىلنى خەلقنى بوي سۇندۇرۇش ئۈچۈن ئۆزلىرى خالىغان ۋاقىتتا قوللىنىدۇ.
'مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمى' سوۋېت ئىتتىپاقىدىن كۆچۈرۈلگەن
ۋېي زىيۇ ئەپەندىنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتايچە سوتسىيالىزمدىكى 'مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمى'، 'كوللېكتىپ رەھبەرلىك تۈزۈمى'، 'دېموكراتىيىنى مەركەزلەشتۈرۈش تۈزۈمى' دېگەنلەرنىڭ ھەممىسى سوۋېت ئىتتىپاقىدىن بىۋاستە كۆچۈرۈپ كېلىنگەن.
'مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمى' سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ 'ۋەكىللەر يىغىنى' يەنى رۇسچە 'سوۋېت' دەپ ئاتىلىدىغان تۈزۈمنىڭ ئۆزى. لېنىن ئۇنىڭغا تەبىر بېرىپ ' بۇ تۈزۈمدە كوللېكتىپ رەھبەرلىك ۋە دېموكراتىيىنى مەركەزلەشتۈرۈش يولغا قويۇلىدۇ، بۇ -ئىنقىلابنىڭ رەھبەرلىك ھوقۇقىنى 10 نەچچە نەپەر ئەقىللىق ئادەمنىڭ قولىغا تۇتقۇزۇش دېگەنلىك' دېگەن. بۇنداق تۈزۈم شارائىتىدا ھەقىقىي مەنىدىكى 'سايلام' مەۋجۇت ئەمەس، ئۇ پەقەت بىر خىل شەكىل.
'كوممۇنىست پارتىيە يېتەكچىلىكىنى كۆپ پارتىيە ھەمكارلىقى تۈزۈمى' نى گومىنداڭدىن قوبۇل قىلغان
ۋېي زىيۇ ئەپەندىنىڭ بايان قىلىشىچە، ئۆتكەن ئەسرنىڭ 40 - يىللىرىدا، گومىنداڭ بىلەن كوممۇنىست پارتىيە ئوتتۇرىسىدا ھوقۇق تالىشىپ ئۇرۇش قوزغىلىۋاتقاندا، گومىنداڭ ھۆكۈمىتى 1946 - يىلى 1- ئايدا چۇڭچىڭدا كۆپ پارتىيە سىياسىي جەھەتتە كېڭىشىدىغان بىر يىغىن ئاچقان ئىدى. ئۇنىڭغا كوممۇنىست پارتىيىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 7 پارتىيىنىڭ ۋەكىللىرى، ھەتتا پارتىيىسىز زاتلار ۋەكىللىرىمۇ تەكلىپ قىلىنغان ئىدى. بۇ شەكىلگە ئامېرىكا دېموكراتىيىسىنىڭ مەزمۇنلىرى قوبۇل قىلىنغان ئىدى.
خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى 1949 - يىلى 9 - ئاينىڭ 21 - كۈنى، ھاكىمىيەت قۇرۇش ئالدىدا مۇشۇ شەكىلدىن پايدىلىنىپ 'بىرىنچى قېتىملىق مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭىشى' دېگەن يىغىننى چاقىردى. بۇ شەكىل شۇنىڭدىن باشلاپ داۋاملىشىۋاتىدۇ. ئەمەلىيەتتە بۇنداق يىغىننىڭ شەكلى ئۆزگەرگەن، ئۇنىڭدا ئاساسەن 'كوممۇنىست پارتىيە رەھبەرلىكى'، 'ئىدىيىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش' دېگەن سۆزلەر تەكرارلىنىپ كوممۇنىست پارتىيە يېزىپ چىققان قارارغا چاۋاك چېلىنىدۇ، خالاس. خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى بۇ شەكلىنى ھازىر چىرايلىق ئىبارىلەر بىلەن پەدەزلەپ 'كوممۇنىست پارتىيە يېتەكچىلىكىدىكى كۆپ پارتىيە ھەمكارلىقى' دەپ ئاتىۋالدى. ئەمما خىتاي خەلقى بۇنداق يىغىننى 'تەڭتەك' دەپ ئاتايدۇ.
خىتايچە سوتسىيالىزمدا ھوقۇقدارلارغىلا مەنپەئەت يەتكۈزۈدىغان كاپىتالىزم يولغا قويۇلۇۋاتىدۇ
ۋېي زىيۇ ئەپەندىنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاي رەھبەرلىرى 'خىتايچە سوتسىيالىزم' تۈزۈمىنى يولغا قويۇشتا دېڭ شاۋپىڭنىڭ 1986 - يىلىدىكى 'ئامېرىكىدا ئۈچ چوڭ ھوقۇق ئايرىۋېتىلگەن، ئۇ دۆلەتتە ئۈچ ھۆكۈمەت بار. ئۇلار ئىچكى قىسىمدا تولا تالاش - تارتىش قىلىپ ئىش ئاققۇزالمايدۇ. بىز بۇنداق بۇرژۇئاچە دېموكراتىيىنى قوبۇل قىلمايمىز' دېگەن يوليورۇقىغا ئاساسەن ئىش كۆرۈپ، ' سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى' دېگەن نام ئاستىدا، 'ھوقۇقدارلارغىلا مەنپەئەت يەتكۈزۈدىغان كاپىتالىزم' نى يولغا قويۇۋاتىدۇ. ئاڭ-فورما جەھەتتە بولسا 'بارلىق ئىجتىمائىي تۈزۈملەرنى زوراۋانلىق كۈچ بىلەن ئاغدۇرۇپ تاشلاش'، 'ئارمىيە دۆلەتنىڭ ئەمەس، ئۇنىڭغا پارتىيە قوماندانلىق قىلىدۇ' دېگەن لېنىنچە سوتسىيالىزم نەزىرىيىسىنى قوللىنىۋاتىدۇ. (ۋەلى)
