خىتاي ھۆكۈمىتى 2000 - يىلىدىن باشلاپ خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى بىر قىسىم ئوتتۇرا مەكتەپلەردە شىنجاڭ سىنىپى تەسىس قىلىپ، ئۇيغۇر ۋە باشقا خىتاي بولمىغان مىللەت بالىلىرىنى تاللاپ پۈتۈنلەي خىتاي مائارىپىدا تەربىيىلەپ كېلىۋاتقان ئىدى.
خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى خىتاي ئۆلكىلىرىدە ئېچىلغان مەزكۈر شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلىرىنىڭ ئەندىزىسى بۇيىچە، ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئۈرۈمچى، سانجى، شىخەنزە، قاراماي،ئاقسۇ، كورلا، قۇمۇل قاتارلىق سەككىز شەھەردىكى بىر قىسىم ئوتتۇرا مەكتەپلەردىمۇ، يىراق چەت جايلاردىكى ئوقۇغۇچىلارنى قوبۇل قىلىپ، مەخسۇس خىتاي مائارىپىدا تەربىيىلەيدىغان ئاپتونوم رايوننىڭ ئىچىدىكى تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلىرى تەسىس قىلغان. شۇنداقلا، بۇ سىنىپلاردا 9 - ئايدىن ئېتىبارەن ئوقۇش باشلاشنى قارار قىلغان.
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يەنىمۇ كۆپ ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى پەقەت خىتاي تىلى مائارىپىدىلا تەربىيىلەشنى كۈچەيتىۋاتقانلىقى، ئەزەلدىن خىتاينىڭ قوش تىللىق مائارىپ سىياسىتىگە نارازىلىق بىلدۈرۈپ كەلگەن ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى ھەم زىيالىيلاردا كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىماقتا.
بۇ مۇناسىۋەت بىلەن مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە، ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە خانىمنىڭ ياردەمچىسى رۇقىيە خانىم بىلەن سۆھبەتتە بولدى.
يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن، بۇ سۆھبەتنىڭ تەپسىلى مەزمۇنلىرىنى مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە سىلەرگە سۇنىدۇ.