زورىيىۋاتقان خىتاي ئاخباراتى ۋە سىقىپ چىقىرىلىۋاتقان چەت ئەل خەۋەرلىرى


2007.12.11

بۈگۈنگە قەدەر خىتاي ئاخباراتىنىڭ خىتاي ئىچىدىكى ۋەزىيەتنى توغرا ئەكس ئەتتۇرمەيۋاتقانلىقى ھەققىدە كۆپلىگەن خەۋەرلەر بېرىلگەن بولسىمۇ، ئەمما، چەت ئەل خەۋەرلىرىنىڭ خىتاي خەلقىغە تولۇق ۋە توغرا يەتكۈزۈلمەيۋاتقانلىقى ھەققىدە كۈپ توختالمىغان. نيۇيورك ۋاقتى گېزىتىنىڭ 7 ‏- دېكابىر سانىدا، مەخسۇس بۇ تېمىدا ماقالە ئېلان قىلىندى. ماقالىنىڭ سەرلەۋھىسى: " زورىيىۋاتقان خىتاي ئاخباراتى ۋە سىقىپ چىقىرىلىۋاتقان چەت ئەل خەۋەرلىرى" دۇر.

"خىتاي خەلقى بۇنىڭدىن خەۋەرسىز ياكى ئاز خەۋەردار ھەتتا خاتا مەلۇماتقا ئىگە"

ماقالىنىڭ ئاپتورى ھوۋارد فرەنچ نيۇيورك ۋاقتى گېزىتىنىڭ شاڭخەيدىكى مۇخبىرلار پونكىتىنىڭ باشلىقى. ئۇ ماقالىسىنى مۇنداق باشلىغان: " بۇ يىل ئىچىدە، خىتاينىڭ قۇلىقىنىڭ تۈۋىدە بومبىلار پارتلىدى، ئوقلار ئېتىلدى، شۇئارلار توۋلاندى، قان ئاقتى، ياشلار تۆكۈلدى؛ ئەمما خىتاي خەلقى بۇنىڭدىن خەۋەرسىز ياكى ئاز خەۋەردار ھەتتا خاتا مەلۇماتقا ئىگە."

ئاپتور يۇقىرىقى سۆزلىرىدىن كېيىن، بۇ يىل دۇنيادا يۈز بەرگەن چوڭ ۋەقەلەردىن بېرمىدىكى راھىپلار نامايىشى ۋە بېرما دېموكراتىك ھەرىكىتىنىڭ يول باشچىسى ئاڭ ساڭ سۇچىنىڭ قولغا ئېلىنىشى، پاكىستاندا يۇز بەرگەن پارتلىتىش ۋەقەلىرى، پەرۋەز مۇشەررەپنىڭ ھەربىي ھالەت ئېلان قىلىشى قاتارلىقلارنىڭ خىتاي مەتبۇئاتىدا ناھايىتى چەكلىك ئورۇن ئالغانلىقىنى، تەرەپسىز ۋە مۇلاھىزە خاراكتېرلىك ماقالىلەرنىڭ ھېچ يېزىلمىغانلىقىنى ئاشكارىلاپ: "بۇ يىل 27 ‏- سېنتەبىر كۈنى- دەيدۇ ئاپتور مىسال ئېلىپ- بېرما ئەسكەرلىرى نامايىشچىلارغا ئوق چىقاردى، راھىپلار ئۆلدى ۋە يارىدارلاندى. ۋەقەدىن بىر كۈن كېيىن، شاڭخەي سەھەر گېزىتى بىلەن بېيجىڭ ياشلىرى گېزىتى'بېرما ھۆكۈمىتى نامايىشچىلارنى بېسىقتۇردى، بېسىقتۇرۇش جەريانىدا قورال ئىشلەتمىدى،' دەپ خەۋەر بەردى. بۇ خەۋەرنى شىنخۇا ئاگېنتلىقنىڭ ئۇچۇرىغا ئاساسەن بەردى،" دەيدۇ.

ئاخباراتچىلارنىڭ چەت ئەللىكلەرنى زىيارەت قىلىشى چەكلەنگەن

ئاپتور خىتاي ئاخباراتىدىكى بۇ خىل قىپ-قىزىل يالغانچىلىقنىڭ مەنبەسى ئۈستىدە توختىلىپ مۇنداق دېگەن 30 يىلنىڭ ئالدىدا خىتايدىكى گېزىت ‏- ژۇرناللارنى بارماق بىلەن سانىغىلى بولاتتى، 2005 ‏-يىلىدىكى ىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، نۆۋەتتە خىتايدا، 2000 دىن ئارتۇق گېزىت، 9000 دىن ئارتۇق ژۇرنال نەشر قىلىنىۋاتىدۇ؛ بۇلارنىڭ ئىچىدە پەقەت بىر قانچىلا گېزىت - ژۇرنالنىڭ چەت ئەلدە پونكىتى بار، ئۇ بولسىمۇ شىنخۇا ئاگېنتلىقى، خەلق گېزىتى، خىتاي خەلقئارا رادىئوسى ۋە CCTV دىن ئىبارەت.

ئاپتور خىتايدىكى بۇ خىل يالغان خەۋەرلەرنىڭ مەنبەسى ھەققىدە ئىزدىنىپ، بىر ژۇرنالنىڭ تەھرىرىنى زىيارەت قىلغىنىدا، ئۇ تەھرىر، ئاخباراتچىلارنىڭ چەت ئەللىكلەرنى زىيارەت قىلىشى ۋە چەت ئەل ئاخبارات ئورۇنلىرىنىڭ خىزمەتچىلىرى بىلەن كۆرۈشىشى چەكلەنگەن دەپ بىلدۈرگەن. ئاپتور بۇ ئەھۋالنى ئىگىلەپ دۆلەت ئاخبارات ئىدارىسىنى زىيارەت قىلغىنىدا مۇنداق تۈزۈمنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئىنكار قىلغان.

ئاپتور ھوۋارد فرەنچ، ماقالىسىدە، خىتاي مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ خىتاي مەتبۇئاتلىرى ھەققىدىكى ئىنكاسىغا ئالاھىدە ئورۇن بەرگەن. ماقالىدە بىلدۈرۈلىشىچە، بېيجىڭ خەلق ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئاخبارات پروفېسسورى يۈ گۇمىڭ بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن": خىتاي مەتبۇئاتىدىكى چەت ئەل خەۋەرلىرى، خىتاينىڭ تاشقى سىياسىتىنىڭ ئەينىكى. چەت ئەلدىكى ۋەقەلەر ھەققىدە دېيىلگەنلەر ئاخباراتچىلارنىڭ يەتكۈزۈۋاتقىنى ئەمەس، خىتاي دىپلوماتلىرىنىڭ يەتكۈزۈۋاتقىنىدۇر."

ھۆكۈمەت، مەسىلىلەرنى ئاخبارات ساھەسىنى ئارىلاشتۇرماي بىر تەرەپ قىلىشنى خالايدۇ

جەنۇب ئاخبارات ئاگېنتلىقنىڭ تەھرىرى جاڭ پىڭ " بىز دۇنيا خەۋەرلىرىنى بەرگەندە، بىخەتەرلىكىمىزنىمۇ ئويلىشىپ قويىمىز" دېيىش ئارقىلىق چەت ئەل خەۋەرلىرىگە قويۇلۇۋاتقان چەكلىمىلەرنى ئىشارەت قىلغان.

نيۇيورك ۋاقتى گېزىتىنىڭ خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، شاڭخەيدىكى فۇدەن ئۇنىۋېرسىتېتى ئاخبارات پاكۇلتىتىنىڭ پروفېسسورى ما لىڭ : " ئامېرىكا ئاخباراتىدا ياخشى خەۋەرمۇ، يامان خەۋەرمۇ بېرىلىۋېرىدۇ، ئۇلار ئۈچۈن ھەممىسى مۇھىم. ھەممىسى پايدىلىق. بىزدە خەۋەرنىڭ ياخشى-يامىنى بار. چۈنكى ھۆكۈمەت، مەسىلىلەرنى ئاخبارات ساھەسىنى ئارىلاشتۇرماي ئۆز ئالدىغا بىر تەرەپ قىلىشنى خالايدۇ " دەپ كىنايە جاۋاب بەرگەن.

بېيجىڭ خەلق ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئاخبارات پروفېسسورى يۇگۇمىڭ ئاشكارا ھالدا مۇنداق دېگەن": خىتاي مەتبۇئاتىدىكى چەتئەل خەۋەرلىرى، خىتاينىڭ تاشقى سىياسىتىنىڭ ئەينىكى. چەتئەلدىكى ۋەقەلەر ھەققىدە دېيىلگەنلەر ئاخباراتچىلارنىڭ يەتكۈزۈۋاتقىنى ئەمەس، خىتاي دىپلوماتلىرىنىڭ يەتكۈزىۋاتقىندۇر."

نيۇ يورك ۋاقتى گېزىتىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دۇنيا خەۋەرلىرىنى قىسىش مەسىلىسى، ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئاخبارات ساھەسى ئۈچۈنمۇ ئومۇمى بىر ئەھۋال. شۇنىڭ ئۈچۈن، گۇانتانومو تۈرمىسىدىن قويۇپ بېرىلگەن 5 ئۇيغۇرنىڭ ئالبانىيىگە ئورۇنلىشىشى، رابىيە قادىر خانىمنىڭ جورج بۇش بىلەن كۆرۈشىشى ۋە ياپونىيە زىيارىتى قاتارلىق ئۇيغۇر ھاياتىغا ئالاقىدار مۇھىم ۋەقەلەر ھەققىدە ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئاخباراتلاردا تىلغا ئېلىنمىغان. يالغان خەۋەر بېرىشكە مېجبۇرلىنىشمۇ ئۇيغۇر ئاخباراتى دۇچ كېلىۋاتقان مەسىلىلەرنىڭ بېرى. يېقىندا ئۇيغۇر ئېلىدىكى بىر گېزىت، ئامېرىكىدا ئوقۇۋاتقان، ئۇيغۇر دوكتۇر ئەنۋەرجان مۇھەممەتنىڭ بۇ يىل 4 ‏- ئايدا خۇجىنتاۋنى كۈتۈۋېلىش ئۈچۈن، ۋاشىنگتوندىكى ئايرۇدۇرۇمغا بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراقنى كۆتۈرۈپ چىققانلىقى خەۋەر قىلىنغان، مۇخبىرىمىز ئەنۋەرجاننى زىيارەت قىلغىنىدا، ئەنۋەرجان بۇ خەۋەرنى ئىنكار قىلغان ئىدى.

ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ بىلدۈرىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دۇنيا خەۋەرلىرىنى قىسىش مەقسىتى، يالغۇز ئۇيغۇرلارنى دۇنيادىن خەۋەرسىز قالدۇرۇشلا ئەمەس، يەنە بىر تەرەپتىن جاسارەتسىزلەندۈرۈشتۇر. (شۆھرەت ھوشۇر)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.