خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىگە "بومبا" خاراكتېرلىك تەكلىپ
2007.11.21
رويترېس ئاگېنتلىقىنىڭ 21 - نويابىر كۈنى بېيجىڭدىن خەۋەر قىلىشىچە، خىتاينىڭ ئەنخۇي ئۆلكىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ۋاڭ جاۋجۇن يېقىندا، خىتاي دۆلەت باشلىقى خۇ جىنتاۋ بىلەن خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋغا ئوچۇق خەت يېزىپ، مەركىزى ھۆكۈمەتنى رادىكال خاراكتېرلىك سىياسىي ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشقا چاقىرغان.
ئۇ چاقىرىقىدا، سىياسىي پارتىيىلەر چەكلىمىسىنى بىكار قىلىش، تۈرمىلەردىكى بارلىق سىياسىي مەھبۇسلارنى قويۇپ بېرىش، چەتئەلدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان دېموكراتچى كۈچلەرنىڭ دۆلەت ئىچىگە قايتىپ كىرىشىگە رۇخسەت قىلىش ۋە ئۇلارنىڭ سايلام ئارقىلىق ھاكىمىيەتكە ئىشتىراك قىلىشىغا يول بېرىش قاتارلىق خىتاينىڭ نۆۋەتتىكى سىياسىي سىستېمىسىغا تۈپ خاراكتېرلىك ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈش خاراكتېرىگە ئىگە تەكلىپلەرنى سۇنغان.
" تيەنئەنمېن ۋەقەسىگە قايتىدىن باھا بېرىلىشى كېرەك"
ۋاڭ جاۋجۇن چاقىرىقىدا يەنە، 1989 -يىلىدىكى تيەنئەنمېن ۋەقەسىنى قايتىدىن باھالاش، 1999 - يىلى چەكلىمىگە ئۇچرىغان فالۇنگۇڭ ھەرىكىتىنى ئەركىن قويۇۋېتىش تەكلىپىنى بېرىپ، خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنى جەسۇر ۋە ئادىل بولۇشقا، ئوخشاش بولمىغان كۆز قاراشتىكى گۇرۇھ ۋە پارتىيىلەردىن قورقماسلىققا ۋە رىقابەتتىن قاچماسلىققا چاقىرغان ھەم خىتاي خەلقىنى باشقۇرۇش ھوقۇقى، كۆپ پارتىيە ئىشتىراكىدىكى ئەركىن سايلامدا ئۇتۇپ چىققاندىلا قانۇنىي ئاساسقا ئىگە بولىدۇ دەپ كۆرسەتكەن.
ۋاڭ جاۋجۈن ئوچۇق خېتىدە، خىتاينىڭ جىددىي بىر سىياسىي ئىسلاھاتقا مۇھتاج ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، نۆۋەتتە خىتايدا داۋام قىلىۋاتقان پۇل پاخاللىقى، پاي چەك بازىرىنىڭ تۇراقسىزلىقى، ئۆي-مۈلۈك باھاسىنىڭ ئۆرلەپ كېتىشى، رايونلار ئارا تەڭسىزلىك ۋە جەمئىيەتتىكى قاتلاملار ئارا تەڭسىزلىك قاتارلىق مەسىلىلەر رادىكال بىر سىياسىي ئىسلاھات بىلەنلا تۈزىلىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
رويترېس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ۋاڭ جاۋجۇن، بۇ يىل 59 ياش بولۇپ، ئەسلىدە ھەربىي ساھەدە خىزمەت ئىشلىگەن، كېيىن سودا ساھەسىگە كىرگەن، نۆۋەتتە، ئەنخۇي ئۆلكىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ئەزاسى. رويترېس ئاگېنتلىقى ۋاڭ جاۋجۈن بىلەن تېلېفون ئارقىلىق كۆرۈشكىنىدە، ۋاڭ جاۋجۇن ئۆزىنىڭ مەركىزىي ھۆكۈمەتكە سىياسىي ئىسلاھات چاقىرىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ 60 بەتلىك ئوچۇق خەت يازغانلىقىنى بىلدۈرگەن ھەم ئۇ ئۆزىنىڭ ئوچۇق خەتنى يېزىشتىن ئاۋۋال، كۆپلىگەن زىيالىيلارنىڭ پىكرىنى ئالغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ سىياسىي ئىسلاھات تەلەپ قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.
" خىتاي سىياسىي تۈزۈلمىسى رادىكال بىر ئىسلاھاتقا مۇھتاج"
رويترېس ئاگېنتلىقى قولىغا چۈشۈرگەن مەزكۇر ئوچۇق خەتتە يەنە مۇنۇلار تىلغا ئېلىنغان : " ھازىرغىچە قولغا كەلتۈرۈلگەن ئىقتىسادىي ساھەدىكى نەتىجىلەر، سەھىيە، ئېكولوگىيە ۋە تەبىئىي بايلىق ساھەسىدە پەيدا بولغان زىيانلارنىڭ ئورنىنى تولدۇرالمايدۇ. ۋاڭ جاۋجۇن ئوچۇق خېتىدە، جەمئىيەتتىكى ھەر قايسى قاتلاملار ئارا تەڭسىزلىك ئۈستىدە نۇقتىلىق نارازىلىقىنى ئىپادىلىگەن بولۇپ، بولۇپمۇ، دۆلەت ئىگىلىكىدىكى كارخانىلارنى شەخسىيلەشتۈرۈش داۋامىدا، كۆپلىگەن ئىشچىلارنىڭ تەمىنات جەھەتتە ھەقسىزلىككە ئۇچرىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن.
بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ قانۇن پروفېسسورى، جيا ۋېيفاڭنىڭ " ئوچۇق -خەت ۋە قانۇن-تۈزۈم" ناملىق ماقالىسىدە ئوتتۇرىغا قويۇلىشىچە، ئوچۇق خەت يوللاش نۆۋەتتە، خىتاي زىيالىيلىرىنىڭ پىكىر ئەركىنلىكىنى قوللىنىشتىكى نىسبەتەن كەڭ ئومۇملاشقان ئۇسۇل. بۈگۈنگە قەدەر ئوچۇق خەتلەرنىڭ كۆپىنچىسى، خىتايدىكى ئايرىم مەسىلىلەر ئۈستىدە، مەلۇم ساھەلەرنىڭ رەھبەرلىكىگە يوللانغان. بۇ قېتىمقى ئوچۇق خەت، ئولكە دەرىجىلىك بىر ئەمەلدار تەرىپىدىن، دۆلەتنىڭ ئىككى چوڭ كاتتىبېشىغا يوللانغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە، خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى ئۈچۈن ئىنتايىن سەزگۈر مەسىلە ھېسابلىنىدىغان سىياسىي ئىسلاھات تېمىسى ئوتتۇرىغا قويۇلغان، ئىسلاھات ئېلىپ بارغاندىمۇ، تۈزۈلمىنى قىسمەن ئەمەس تۈز يىلتىزىدىن ئۆزگەرتىش تەكلىپى، كەسكىن تون، ئاشكارا سالاھىيەت بىلەن سۇنۇلغان. شۇنىڭ ئۈچۈن رويترېس ئاگېنتلىقى بۇ خەۋەرنى تارقاتقاندا، "خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىگە قارىتا بومبا خاراكتېرلىك تەكلىپ" دېگەن ماۋزۇدا تارقاتقان.
" تەيۋەن پارلامېنتىدىكى ياقا سىقىشىش، خىتاي خەلق قۇرۇلتىيىدىكى ھىلە - نەيرەڭدىن ئەلا"
رويترېس ئاگېنتلىقى، سىياسىي ئىسلاھات تېمىسىدا زىيالىيلارنىڭ رايىنى سىنىغىنىدا، كۆپلىگەن خىتاي زىيالىيلىرىنىڭ پىكرى، ۋاڭ جاۋجۇننىڭ پىكرى بىلەن بىر سىزىقتا چىققان؛ چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى سوتسىئولوگىيە پاكۇلتىتىنىڭ پروفېسسورى سۇن لىپېڭ، " ھۆكۈمەت مۇقىملىق ھەممىنى بېسىپ چۈشىدۇ" سىياسىتىدىن ۋاز كېچىش كېرەك، چۈنكى ئۇنىڭ " خىتايدىكى سىياسىي ئىسلاھات قەدىمىنى توختىتىپ قويغىنىغا 20 يىل بولدى" دېگەن.
ۋاڭ جاۋجۇننىڭ ئوچۇق خېتىدىكى يەنە بىر دىققەتكە سازاۋەر نۇقتا، ئۇنىڭ تەيۋەن پارلامېنتى بىلەن خىتاي خەلق قۇرۇلتىيى ئارىسىدا ئېلىپ بارغان سېلىشتۇرمىسىدۇر. سېلىشتۇرما مۇنداق بېرىلگەن: تەيۋەن پارلامېنتىدىكىلەرنىڭ ئەمەلىي مەسىلىلەرنى تالىشىپ ياقا سىقىشىپ-مۇشت ئېتىشىپ كېتىشلىرى، خىتاي خەلق قۇرۇلتىيىدا كۇس-كۇس پاراڭ قىلىشىپ ھوقۇق ئۈچۈن ھىيلە-نەيرەڭ تۈزگەندىن مىڭ ئەلا." (شۆھرەت ھوشۇر)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خىتايدىكى دېموكراتىك پارتىيىلەر ئاق تاشلىق كىتابتا ئېيتىلغان 'كۆپ پارتىيە ھەمكارلىق تۈزۈمى' نىڭ ساختىلىقىنى پاش قىلدى
- ئۆتمەس ماتا، داڭلاپ ساتا
- خىتاي رەھبەرلىرى دەۋاتقان 'دېموكراتىيە' ھەققىدىكى مۇلاھىزىلەر داۋاملاشماقتا
- خىتاي رەھبەرلىرى 'دېموكراتىيە' دېگەن ئاتالغۇنىڭ مەنىسىنى ئۆزگەرتمەكتە
- 17 - قۇرۇلتايدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان 'دەسلەپكى تەقسىماتتا ئادىل بولۇش' دېگەن سىياسەت ھەققىدە مۇلاھىزە
- 17 - قۇرۇلتاي ئۇيغۇرلار ئۈچۈن قانداق ياخشىلىق ئېلىپ كېلىدۇ؟
- خىتاي پۇقرالىرى سىياسەتتىن سوۋۇۋاتامدۇ؟
- ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ۋە ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي ئىشلار بىرلەشمە كومىتېتى 2007- يىللىق كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتى ئېلان قىلدى (3)
- خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ 17 - قۇرۇلتېيىدىن بۇرۇنقى ئالامەتلەر(4)
- خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ 17 - قۇرۇلتېيىدىن بۇرۇنقى ئالامەتلەر (3)