خىتايدا 'ئەمەلدارلارنىڭ توردىن قورقۇش كېسىلى' ئېغىرلاشماقتا

يېقىندىن بۇيان، خىتايدا چىرىكلىك ھەم پارىخورلۇق جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىنىپ، جازاغا تارتىلغان ئەمەلدارلارنىڭ ئەڭ دەسلەپكى جىنايى پاكىتلىرىنىڭ ئىنتېرنېت تورلىرىدا ئاشكارىلانغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرلەر كۆپىيىشكە باشلىغان.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﻣﯩﻬﺮﯨﺒﺎﻥ
2010.05.06

خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، يېقىندىن بۇيان خىتايدىكى ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى ئارىسىدا، ئۆزلىرىنىڭ شەخسى تۇرمۇشىدىكى مەخپىيەتلىكى، پارا ئالغان قىلمىشلىرىغا دائىر ئىسپاتلىق ماتېرىياللار ھەم ئەمەلدارلار ئارىسىدىكى ئۆز- ئارا زىددىيەت، ھوقۇق تالىشىش كۈرەشلىرىگە دائىر سۆھبەت مەزمۇنلىرىنىڭ تور بەتلىرىدە ئاشكارىلىنىشىدىن ئەنسىرەش پىسخىكىسى كۈچىيىۋاتماقتا ئىكەن.

نۆۋەتتە ئەمەلدارلارنىڭ بۇ خىل "تور خەۋەرلىرىدىن قورقۇش" پىسخكىسى ھەققىدىكى خەۋەر - ئانالىزلىرى چەتئەللەردىكى خىتايچە تور مەنبەلىرىدىلا ئەمەس، بەلكى خەلق گېزىتى، شىنخۇا ئاگېنتلىقى قاتارلىق خىتاينىڭ ھۆكۈمەت مەتبۇئاتلىرىدىمۇ بۇ خىل ماقالىلەر كۆپىيىشكە باشلىغان.

يېقىندا خەلق گېزىتىنىڭ "پۇقرالار رايى" سەھىپىسى، خەلق تورى، خەۋەرلەر تورى قاتارلىق تور بەتلىرىدە " ئەمەلدارلارنىڭ تور خەۋەرلىرىدىن قورقۇش كېسىلى" ھەققىدە ئېلىپ بارغان 3 كۈنلۈك راي سىناش نەتىجىسىنى ئېلان قىلغان.

خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، راي سىناشقا قاتناشقان كىشىلەرنىڭ ئىچىدە، 70% ى خىتايدىكى ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىدا " توردىن قورقۇش كېسىلى بارلىقى"نى بىلدۈرۈپ، "ناھىيە- باشقارما دەرىجىلىك ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىدا بۇ كېسەل ئەڭ ئېغىر" دەپ جاۋاب بېرىشكەن؛ 22% كىشى " ئەمەلدارلار تور بەتلىرىدىكى ئۆزلىرى ھەققىدىكى خەۋەرلەرگە ئانچە پەرۋا قىلمايدۇ" دەپ جاۋاب بەرگەن؛ 8% كىشى " تازا ئېنىق بىلمەيمىز" دەپ جاۋاب بېرىشكەن.

راي سىناش نەتىجىسىدە يەنە، ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ تور بەتلىرىدە ئاشكارىلىنىشتىن ئەڭ قورقۇدىغان مەسىلىلىرى ھەققىدىكى تەكشۈرۈش نەتىجىسى ئېلان قىلىنغان.

خەلق گېزىتىنىڭ بۇ راي نەتىجىسىگە نىسبەتەن، خىتاي پۇقرالىرى تور بەتلىرىدە ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، خىتايدا ئەمەلدارلارنىڭ پارىخورلۇق چىرىكلىشىش ئەھۋالى ئېغىر بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ تور بەتلىرىدىكى ئۆزلىرىگە ئائىت خەۋەرلەردىن بۇ قەدەر قورقۇدىغانلىقى تەكىتلەنگەن.

بىر تور ئابونىتى ئۆز قارىشىنى ئىپادىلەپ: "ئەگەر ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى خىزمەتتە پاك بولغان بولسا، ئىش بېجىرىشتە پارا ئالمىغان، تۇرمۇشتا چىرىكلەشمىگەن بولسا، ئۇلار پۇقرالار ئۈچۈن كۆپرەك ياخشى ئىش قىلىپ بېرەلىگەن بولسا، ئۇلار تور بەتلىرىدىكى ئۆزلىرىنىڭ پارىخورلۇق، چىرىكلىك قىلمىشلىرىنىڭ ئاشكارىلىنىپ كېتىشىدىن بۇ قەدەر قورقمىغان بولاتتى!" دەپ يازغان.

مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئەمەلدارلارنىڭ چىرىكلىشىش ئەھۋالى خىتاي بويىچە ئەڭ ئېغىر بولۇپ، بۇلتۇر 9- ئايدا ئۈرۈمچىدە خىتاي پۇقرالىرى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان نارازىلىق نامايىشىدا خىتاي پۇقرالىرى ئۆز شوئارلىرىدا " پارىخور ئەمەلدار ۋاڭ لېچۈەن تەختتىن چۈشسۇن" دەپ شوئار توۋلىغان ئىدى. گەرچە ئىككى ھەپتە بۇرۇن خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى ۋاڭ لېچۈەننى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرغانلىقىنى جاكارلىغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭغا چارە كۆرىدىغانلىقى ھەققىدە ھېلىغىچە ھېچقانداق ئىپادە بىلدۈرمىگەن.

"شەپە" ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى جاڭ ۋېيگو ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، خىتاي ئەمەلدارلىرىدىكى "تور خەۋەرلىرىدىن قورقۇش كېسىلى" ھەم چىرىكلىشىشنىڭ ئەۋج ئېلىشى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: "خىتايدا كوممۇنىست ئەمەلدارلىرىنىڭ پارىخورلۇق چىرىكلىشىش ئەھۋالى ھەقىقەتەن ئېغىر. شۇڭا ئۇلار تور بەتلىرىدە ئۆز قىلمىشلىرىنىڭ ئاشكارىلىنىپ كېتىشىدىن شۇنچە قورقۇدۇ. ئەمما ھازىرقى شارائىتتا، خىتاي ھۆكۈمىتى پەقەت بىر قانچە ئەمەلدارنى جازالاش ئارقىلىقلا بۇ ئەھۋالنى توسۇپ قالالمايدۇ. چۈنكى خىتاينىڭ دۆلەت تۈزۈلمىسىنىڭ ئۆزى ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ چىرىكلىشىشىگە يول قويىدۇ، ۋاڭ لېچۈەنگە ئوخشاش پارىخور ئەمەلدارلارنىڭ جازالانماسلىقىدىكى سەۋەبمۇ ئاشۇ يەردە. ھۆكۈمەت بۇ خىل ئەمەلدارلىرى ئارقىلىق خەلقنى باستۇرىدۇ. شۇڭا خەلقنىڭ بۇنداق ئەمەلدارلارغا بولغان نارازىلىق ھەرىكەتلىرىنى چەكلەپ كەلمەكتە. مېنىڭچە، ئالدى بىلەن خىتايدا ھەقىقىي دېموكراتىك تۈزۈم ئەمەلگە ئاشقاندىلا، ئاندىن بۇ خىل ئەھۋاللارنى ئازايتىش مۇمكىن."

خىتاي ۋەزىيىتىنى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، خىتايدىكى ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ پارىخورلۇق چىرىكلىكىگە ئائىت مەزمۇنلار چەتئەللەردىكى خىتاي دېموكراتلىرىنىڭ بوشۈن، يېڭى ئىرا قاتارلىق تور بەتلىرىدە دائىم يېزىلىۋاتقان مەزمۇنلار بولسىمۇ، ئەمما خىتاينىڭ خەلق گېزىتى قاتارلىق ھۆكۈمەت مەتبۇئاتلىرىدا پۇقرالاردىن، ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ "تور خەۋەرلىرىدىن قورقۇش پىسخكىسى"ھەققىدە راي سىناش ئېلىپ بېرىشى تۇنجى قېتىملىق ئىش بولۇپ، بۇ خىل ئەھۋال خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭمۇ ئۆز ئەمەلدارلىرىنىڭ چىرىكلىشىش قىلمىشىدىن ئەنسىرەشكە باشلىغانلىقىنىڭ ئىپادىسى ئىكەن. ئەمما، خىتاي ھۆكۈمىتى يەنە بىر تەرەپتىن، پۇقرالارنىڭ بۇ خىل سەتچىلىكلەرنى چەتئەل مەتبۇئاتلىرىغا ئاشكارىلىۋېتىپ، دۆلەت ئىناۋىتىنىڭ چۈشۈپ كېتىشىدىن ئەنسىرەيدىكەن.

شۇڭا يېقىندىن بۇيان "دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى قوغداش قانۇنى" دېگەنگە ئوخشاش قانۇن، نىزاملارنى تۈزۈش ئارقىلىق پۇقرالارنىڭ ئىنتېرنېت تور ئالاقىسىگە داۋاملىق چەك قويۇپ كېلىۋاتماقتا ئىكەن. مەسىلەن، قەشقەر شەھىرىدە ئېلان قىلىنغان "پۇقرالارنىڭ ئىنتېرنېت ئالاقىسىدىكى بەلگىلىمىلەر"دىكى مەزمۇنلار ئارىسىدا "ھۆكۈمەت خىزمىتى ھەم ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى ئۈستىدىن تور بەتلىرىدە ئۆسەك سۆز تارقاتقۇچىلار قانۇن بويىچە جازالىنىدۇ" دەپ ئېلان قىلىنغان ئىدى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.