خىتايدا ئەرزدارلار ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش تۈزۈمىنى بىكار قىلىشنى تەلەپ قىلدى

"ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش" ئىلگىرى سوتسىيالىستىك تۈزۈمدىكى دۆلەتلەردە قوللىنىلغان تۈزۈم بولۇپ، شەرقىي ياۋروپادا سوتسىيالىزم تۈزۈمى ئاغدۇرۇلغاندىن بۇيان، ھازىر پەقەت خىتاي، شىمالىي كورېيە قاتارلىق ئاز بىر قىسىم دۆلەتلەردە يۈرگۈزۈلۈپ كېلىۋاتماقتا.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﻣﯩﻬﺮﯨﺒﺎﻥ
2010-02-19
Share
Wu-xongda-ependi-lawgey-305.jpg ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﺪﯨﻜﻰ "ﺟﯘﯕﮕﻮ ﻻﯞﮔﻪﻱ ﻓﻮﻧﺪﻯ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﯩﺘﻰ" ﻧﯩﯔ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﻰ ﺧﺎﺭﺭﯨﻲ ﯞﯗ ﻳﺎﻛﻰ ﯞﯗ ﺧﻮﯕﺪﺍ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ ﻣﯘﺯﯦﻲ ﺋﯧﭽﯩﻠﯩﺶ ﻣﯘﺭﺍﺳﯩﻤﯩﺪﺍ.
RFA Photo

سوتنىڭ ھۆكۈمىسىزلا ھەر قايسى يەرلىك ساقچى دائىرىلىرى تەرىپىدىن جىنايەت گۇماندارى سۈپىتىدە تۇتۇپ تۇرۇلغان پۇقرالارنى، مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش جازاسى بىلەن جازالايدىغان بۇ تۈزۈم، يولغا قويۇلغاندىن بۇيان خەلقئارا ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرى تەرىپىدىن " قانۇنسىز قىلمىش" دەپ ئەيىبلىنىپ كېلىنمەكتە ئىدى.

"ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش تۈزۈمى" 1949 - يىلى خىتايدا كوممۇنىستىك ھاكىمىيەت ئورنىتىلغاندىن باشلاپلا يولغا قويۇلۇشقا باشلانغان بولۇپ، 2002 - يىلى 6 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن باشلاپ قايتا تۈزىتىش كىرگۈزۈلۈپ، "جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىلىرىنىڭ ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش نىزامنامىسى" سۈپىتىدە ھەر قايسى يەرلىك ساقچى ئىدارىلىرىدە قوللىنىشقا باشلىغان ئىدى. خىتايدا پۇقرالارنىڭ دېموكراتىيە تەلەپ قىلىش سادالىرى كۈچەيگەندىن بۇيان خىتاي پۇقرالىرىمۇ، ھازىرقى كوممۇنىست ھۆكۈمەتتىن جىنايەت گۇماندارلىرى دەپ تۇتۇپ تۇرۇلغانلارنى سوت ھۆكۈمىسىزلا، " ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش جازاسى" بېرىدىغان بۇ تۈزۈمنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى تەلەپ قىلماقتا.

بۈگۈن ئامېرىكا ئاۋازى رادىئو ئىستانسىسىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، تۈنۈگۈن 18 - فېۋرال كۈنى شاڭخەيدىكى 20 نەچچە ئەرزدار خىتاي خەلق قۇرۇلتىيىغا ئىمزالىق خەت يېزىپ، خىتايدا يولغا قويۇلۇپ كېلىۋاتقان "ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش تۈزۈمى" نى بىكار قىلىشنى تەلەپ قىلغان. ئىمزالىق خەت يوللىغۇچىلارنىڭ بىرى بولغان سۈن گوپىڭ ئەپەندى ئامېرىكا ئاۋازى رادىئو ئىستانسىسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغىنىدا بۇ ئىمزالىق خەتتە ئوتتۇرىغا قويۇلغان تەلەپلەر ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېگەن.

"بىز تۈنۈگۈن ئىمزالىق خەتنى خىتاي مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىغا زاكاز خەت قىلىپ سېلىۋەتتۇق، ئۇلار چاغاندىن كېيىنلا بۇ خەتنى تاپشۇرۇۋالىدۇ. ھازىرچە بۇ خەتتە بىز ئوتتۇرىغا قويغان تەلەپلەر توغرىلىق خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ بىزگە جاۋاب قايتۇرىدىغان ياكى خېتىمىزنى جاۋابسىز قالدۇرىدىغانلىقىنى بىلمەيمىز. ھەقىقەتەنمۇ ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش تۈزۈمى ئارقىلىق بىر ئادەمنى كىشىلىك ئەركىنلىكىدىن مەھرۇم قىلىش، ھازىرقى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆزى بەلگىلىگەن قانۇن تۈزۈمگىمۇ خىلاپ، چۈنكى سوتنىڭ ھۆكۈمىسىزلا مەلۇم بىر باشلىقنىڭ تەستىقى بىلەنلا بىر ئادەمنى ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش جازاسى بىلەن جازالاش ھۆكۈمەتنىڭ ئۆزى چىقارغان " دۆلەتنى قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىش" دەيدىغان بەلگىلىمىسىگە خىلاپ بىر قىلمىش."

خەۋەرلەردىن ئاشكارىلىنىشىچە، خىتايدىكى بۇ خىل ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش تۈزۈمى پەقەت خىتاي ئۆلكىلىرىدىلا ئەمەس، ئۇيغۇر ئېلىدىمۇ ئوخشاشلا مەۋجۇت، ھەتتا تېخىمۇ رەھىمسىزلىك بىلەن ئىجرا قىلىنماقتا ئىكەن. ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق "ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش فوندى جەمئىيىتى" نىڭ باشلىقى ۋۇ خۇڭدا ئەپەندى ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش پونكىتلىرىنىڭ زور كۆپچىلىكىنىڭ ئاساسەن ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش ئارمىيىسى ئورۇنلاشقان رايونلارغا جايلاشقانلىقىنى بايان قىلدى.

"ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش تۈزۈمى ئۆزىگە خاس بىر قىسىم ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە. ئۇيغۇر ئېلىدە خىتاينىڭ ھېچقانداق جايىدا بولمىغان، ھەتتا تىبەتتىمۇ يوق بولغان ئاتالمىش ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش ئارمىيىسى دېگەن بىر تەشكىلات بار. ئۇلار ئۇيغۇر ئېلىدىكى بايلىقلارنى كونترول قىلىپ تۇرۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش پونكىتلىرىنىمۇ كونترول قىلىپ تۇرماقتا. ئۇيغۇر ئېلىدا مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇۋاتقان ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش ئارمىيىسى كوممۇنىست خىتاينىڭ مەزكۇر رايوندىكى ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇدىغان قورالى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش ئارمىيىسىنى بىر چوڭ تۈرمە دەپ قارىساقمۇ بولىدۇ. ھازىر ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش ئارمىيىسىنىڭ كونتروللۇقى ئاستىدىكى ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش تۈرمىلىرىدە ئۇيغۇر مەھبۇسلارنىڭ سانىمۇ بارغانسېرى كۆپىيىۋاتقان بولۇپ، بۇلارنىڭ كۆپ ساندىكىسى مىللىي بۆلگۈنچىلەر بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. دېمەك ھازىر بۇ ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش تۈرمىلىرى مەزكۇر جايدىكى ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇدىغان بىر سىياسىي قورالغا ئايلانماقتا."

بۇلتۇر 5 - ئايدا يەكەندە ساقچىخانىدا ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈۋېتىلگەن مەمەت تۇرسۇن تاشنىڭ قېيىنئاتىسى توختى ھوشۇرمۇ ئۆزىنىڭ كۈيئوغلى مەمەت تۇرسۇن تاشنىڭ دېلوسىنى ئادىل بىر تەرەپ قىلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلغىنى ئۈچۈن يەركەن ساقچى ئىدارىسى تەرىپىدىن تۇتۇپ تۇرۇلۇپ 15 كۈنلۈك ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىشكە سېلىنغانلىقىنى بايان قىلغان ئىدى.

بۈگۈن ئامېرىكا ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئېلشات ئەپەندى رادىئومىز ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ خىتاينىڭ "ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش" تۈزۈمىگە بولغان قارىشى ھەم ئۇيغۇر ئېلىدە بۇ تۈزۈمنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى ھەققىدىكى قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئېلشات ئەپەندى يەنە، نۇرغۇنلىغان خىتاي شىركەتلىرىنىڭ ئەنە شۇنداق "ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش ئورۇنلىرى" دىكى كىشىلەرنى ئىشلىتىش ئارقىلىق ئىشلەنگەن مەھسۇلاتلارنى چەتئەللەرگە ئېكسپورت قىلىۋاتقانلىقىنى، شۇڭا خىتاي مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋالغۇچىلارنىڭ چوقۇم مەھسۇلات ئىشلەنگەن ئورۇننى ئوبدان سۈرۈشتۈرۈشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

خىتايدىكى "ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش تۈزۈمى" خەلقئارا ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرى تەرىپىدىن ئۈزلۈكسىز تەنقىدلىنىپ كېلىنىۋاتقان بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ جىنايەتچىلەرنى ھەتتا تېخى جىنايىتى بېكىتىلمىگەن جىنايەت گۇماندارلىرىنى ئېغىر ئەمگەككە سېلىش ئارقىلىق پۇقرالارنىڭ كىشىلىك ئەركىنلىكىنى دەپسەندە قىلىدىغان بۇ خىل قىلمىشى غەرب دېموكراتىك ئەللىرىنىڭ قاتتىق قارشىلىقىغا ئۇچراپ كېلىۋاتقان بولۇپ، يېقىنقى بىر - نەچچە يىلدىن بۇيان غەربتىكى دېموكراتىك دۆلەتلەر خىتايدىكى ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش ئورۇنلىرىدا ئىشلەنگەن مەھسۇلاتلارنى بايقۇت قىلىۋاتقانلىقى ئاخبارات خەۋەرلىرىدە ئاشكارىلانماقتا.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت