
تۈنۈگۈن يەنى چارشەنبە كۈنى خىتاينىڭ شىئەن شەھىرىدە 10 نەپەر چەتئەللىك ساياھەتچىنى گۆرۈگە ئېلىۋېلىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن. ۋەقە چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10دا شەھەرنىڭ قايناق مەركىزىدە يۈز بەرگەن. گەرچە خىتاي ساقچىلىرى 3 سائەت تىركەشكەن گۆرۈگە ئالغۇچىنىڭ قولىدىن ساياھەتچىلەرنى قۇتقۇزۇپ قالالىغان بولسىمۇ، ئەمما ۋەقە پەيدا قىلغان ۋەھىمە ھېلىھەم داۋام قىلماقتا.
خىتاي: " خىتاي ساياھەتچىلەر ئۈچۈن يەنىلا بىخەتەر جاي"
بۈگۈن خىتاي تاشقى ئىشلار باياناتچىسى چېن گاڭ، بۇ ھەقتە بايانات بېرىپ، مەزكۇر ۋەقەنىڭ خىتاينىڭ ئومۇمى ۋەزىيىتىنى ئەكس ئەتتۈرمەيدىغانلىقىنى، خىتاينىڭ چەتئەل ساياھەتچىلىرى ئۈچۈن يەنىلا تېنچ ۋە بىخەتەر دۆلەت ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. ئەمما ئۇ ۋەقەنىڭ تەپسىلاتى، بولۇپمۇ، گۆرۈگە ئالغۇچىنىڭ نېمە سەۋەبتىن ۋە قانداق مەقسەت بىلەن ۋەقەنى سادىر قىلغانلىقى ھەققىدە مەلۇمات بەرمىگەن.
بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، شۇ كۈنى ئەتىگەن ئاۋستىرالىيىلىك ساياھەتچىلەر ئاپتوبۇسىغا ئېتىلىپ چىققان شياۋ تاۋ، ساياھەتچىلەرگە تەھدىت ئاھاڭىدا ۋاقىراپ گەپ قىلغان ۋە بېلىدە پارتلاتقۇچى بومبا بارلىقىنى كۆرسەتكەن. بۇنىڭ بىلەن ئاپتوبۇسدىكى بىر قىسىم ساياھەتچىلەر ئۆزىنى سىرتقا ئاتقان، بىر قىسمى ساقچىلار قۇتقازغانغا قەدەر گۆرۈگە ئالغۇچىنىڭ نازارىتىدە تۇرغان. خىتاي ساقچىلىرى ئاپتوبۇسى 3 سائەت قورشاۋدا تۇتقان، ئاخىرىدا گۆرۆگە ئالغۇچى ئاپتوبۇستىن چۈشۈپ باشقا بىر ئاپتوبۇسقا ئالمىشىۋاتقان پۇرسىتىدە ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن.
ئاۋسترالىيە: " ئاۋسترالىيە خەلقى ۋە ھۆكۈمىتىگە ئۆچمەنلىك يوق"

چارشەنبە كۈنى مەزكۇر ۋەقە ھەققىدە بايانات ئېلان قىلغان ئاۋسترالىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى، مەزكۇر ۋەقەنىڭ ئالاھىدە ۋەقە ئىكەنلىكىنى، بۇ ۋەقەدە ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتى ياكى خەلقىغە قارىتا بىر نارازىلىق ياكى ئۆچمەنلىك ئالامىتى بايقالمىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، خىتايدا ئولىمپىك مەزگىلى ۋە ھارپىسىدا ئىش تېرىپ قېلىش ئېھتىمالى بولغان كۈچلەر ئۈچ تۈرلۈك بولۇپ، بۇلاردىن ئېھتىمالغا ئەڭ يېقىنى ئۇيغۇرلار. چۈنكى، خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر قىزلىرىنى ئېشىنچا ئەمگەك كۈچى نامى ئاستىدا خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكەش ئارقىلىق ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئىززەت نەپسىگە ھۇجۇم قىلىۋاتىدۇ؛ يەنە بىر تەرەپتىن، سىياسىي ئۆكتىچىلەرگە ئىزچىل تۈردە ئۆلۈم جازاسى بېرىش ئارقىلىق ئۇيغۇر خەلقى ئارىسىدا ئىنتىقام تۇيغۇسى پەيدا قىلىۋاتىدۇ.
ئۇنىڭدىن باشقا، ئۇيغۇرلار ئارىسىدىكى ئىشسىزلىق مەسىلىسى، مەجبۇرىي يولغا قويۇۋاتقان قوش تىللىق مائارىپ، دىنىي ۋە مەدەنىي پائالىيەتلىرىدىكى توسقۇنلۇقلار، تۈرلۈك ساھەلەر بۇيىچە مەنپەئەت تەقسىماتىدىكى ئادالەتسىزلىكلەر ئۇيغۇرلارنى خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ بىرىنچى نومۇرلۇق ئۈكتىچىسىگە ئايلاندۇرغان. ئۆتكەن يىلى 12 - ئايدا يۈز بەرگەن پامىر ۋەقەسى ۋە بۇ يىل ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن 27 يانۋار توقۇنۇشى، ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى مىللىي كەيپىياتنىڭ بىر ئىنكاسى.
ۋەقەنى سادىر قىلغان بىر قانچە خىل ئېھتىماللىق
ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەردىن زۇھرۇللاھنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتايدا ۋەقە چىقىرىش ئېھتىمالى بولغان ئىككىنچى كۈچ، خىتايدىكى ئەرزدارلار. زۇھرۇللاھنىڭ قارىشىچە، خىتايدىكى ئەرزدارلارنىڭ ئەرزى ئاساسەن ئەمەلدارلار ئۈستىدىن بولغىنى ئۈچۈن، بۇ ئەرزلەر ھەل قىلىنمايلا قالماي، بەلكى، ئەرزدارلارنىڭ ئولىمپىك مەزگىلىدە بېيجىڭغا بېرىپ ئەرز سۇنۇشى چەكلەنمەكتە. ۋەقە سادىر قىلىشى ئېھتىمالى بولغان ئۈچۈنچى كۈچ 1989 -يىلىدىكى تيەنئەنمېن قۇربانلىرىنىڭ ئائىلە تاۋاباتلىرى ياكى رادىكال قاراشتىكى دېموكراتچى كۈچلەردۇر.
زۇھرۇللاھنىڭ بۇ قارىشىنى، بۇ يىل بېشىدا ئېلان قىلىنغان خىتاي ئۆتكۈنچى ھۆكۈمىتىنىڭ باياناتىمۇ تەستىقلايدۇ، چۈنكى، مەزكۇر بايانات، خىتاينى دېموكراتىيىلەشتۈرۈش ئۈچۈن خىتاي خەلقىنى قاتتىق -يۇمشاق بارلىق ۋاستىلارنى قوللىنىشقا چاقىرغان ئىدى. گۆرۈگە ئالغۇچىنىڭ ئىسىم-فامىلىسىدىن ئۇنىڭ خىتاي ئىكەنلىكى ئېنىق، ئەمما خىتاينىڭ قايسى تۈر ئۆكتىچى كۈچلىرىگە تەۋە ئىكەنلىكى مەلۇم ئەمەس، ئەمما ئاۋازىنى دۇنياغا ئاڭلاتماقچى ئىكەنلىكى، دۇنيا جامائىتىنىڭ دىققىتىنى تارتماقچى ئىكەنلىكى، ئۇنىڭ گۆرۈگە ئېلىشتا چەتئەللىك ساياھەتچىلەرنى نىشان قىلغانلىقىدىن مەلۇم.
گەرچە، خىتاي باياناتچىسى چېن گاڭ بۈگۈنكى باياناتىدا : " بۇنداق ۋەقە دۇنيانىڭ ھەممە يېرىدە يۈز بېرىپ تۇرىدۇ، باشقا دۆلەتلەرمۇ بۇ خىل ۋەقەلەردىن تامامەن ساقلىنالمايدۇ" دېيىش ئارقىلىق، ۋەقەنى ئىجتىمائىي بىر جىنايەت سۈپىتىدە كۆرسىتىشكە تىرىشقان بولسىمۇ، ئەمما ھېلىھەم، گۆرۈگە ئالغۇچىنىڭ كىملىكى ۋە مەقسىتى ھەققىدە ھېچقانداق ئىپادە بىلدۈرمەسلىكى، ۋەقەنىڭ سىياسىي تەرىپىدىن بىشارەت بەرمەكتە. (شۆھرەت ھوشۇر)