ھازىر خىتايدا مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش بىلەن مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتېيىنىڭ يىللىق يىغىنى ئېچىلىش ئالدىدا تۇرۇۋاتىدۇ. 'شىنخۇئا ئاگېنتلىقى' نىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاي كوممۇنىست پارتىيە مەركىزى كومىتېت سىياسىي بيۇروسى 2 - ئاينىڭ 25 - كۈنىدىن 27 - كۈنىگىچە 3 كۈن يىغىن ئېچىپ 'مەمۇرىي ئورگان ئىسلاھاتى' ئېلىپ بېرىشنى، دۆلەت كابىنتىنىڭ قارىمىقىدىكى 28 مىنىستىرلىقنى 20 گە قىسقارتىشنى ئوتتۇرىغا قويغان.
'بۇ قېتىمقى ئىسلاھات ھۆكۈمەتنى مۇلازىمەت شەكىللىك ھۆكۈمەتكە ئايلاندۇرۇشنى مەقسەت قىلىدۇ'
شىنخۇئا ئاگېنتلىقىنىڭ بۈگۈن ئېلان قىلغان خەۋىرىدە بايان قىلىنىشىچە، خۇ جىنتاۋ ئوتتۇرىغا قويغان مەمۇرى ئورگان ئىسلاھاتى ھۆكۈمەتنى مۇلازىمەت شەكىللىك ھۆكۈمەتكە ئايلاندۇرۇشنى مەقسەت قىلىدۇ. جۇڭگودا ھازىر بۇ ئىسلاھاتنى باشلاش ئۈچۈن، ھەر يىلى بىر قېتىم ئېچىلىدىغان مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش بىلەن مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتېيىنىڭ يىغىنىغا قاتنىشىدىغان ۋەكىللەر بېيجىڭغا كېلىشكە باشلىدى.
'بۇ قېتىمقى ئىسلاھات كەلگۈسىدە بولىدىغان سىياسىي ئىسلاھاتنىڭ بىر قىسمى'
خىتايدىكى چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى ئىگىلىك باشقۇرۇش ئىنىستېتوتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ۋاڭ مىڭنىڭ قارىشىچە، بۇ قېتىم خۇ جىنتاۋ ئوتتۇرىغا قويغان مەمۇرى ئىسلاھات ھۆكۈمەتتىكى ھەر قايسى ئورگانلار ئارا ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، بايلىقلارنى قايتىدىن تەقسىملەش مەسىلىسنى ھەل قىلىدۇ، سىياسىي ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشقا ئۇزۇن جەريان كېرەك، بۇ قېتىمقى ئىسلاھات كەلگۈسىدە بولىدىغان سىياسىي ئىسلاھاتنىڭ بىر قىسمى.
'سىياسىي ئىسلاھاتقا كېلىۋاتقان توسالغۇ كوممۇنىست پارتىيە'
ھازىر ئامېرىكىدا تۇرۇۋاتقان سىياسىي ئوبزورچى خېيىڭ ئەپەندىنىڭ كۆز قارىشى بۇنىڭغا ئوخشىمايدۇ، ئۇنىڭ قارىشىچە، خىتاي رەھبەرلىرى تېخىچە سىياسىي ئىسلاھاتنى چۈشەنمەيدۇ، ئىسلاھات قىلدۇق دەپ پات-پات مەمۇرىي ئورگانلار بىرلەشتۈرىۋېتىدۇ، بىر مەزگىل ئۆتكەندە يەنە قايتىدىن تىرىلدۈرىدۇ.
بۇنداق ئىسلاھات بىلەن مەسىلە ھەل بولغىنى يوق. ئەمەلىيەتتە ئىسلاھاتقا كېلىدىغان توسالغۇ ھۆكۈمەتنىڭ ئۆزىدىن كېلىدۇ، تېگى-تەكتىدىن ئېيتقاندا ھۆكۈمەتنىڭ كەينىدىكى زوراۋانلىققا تايىنىپ ھاكىمىيەت باشقۇرۇۋاتقان كوممۇنىست پارتىيىدىن كېلىۋاتىدۇ.
"كوممۇنىست پارتىيە ئۆزىنىڭ بۇيرۇقى 'جۇڭنەنخەيدىن چىقالمايدىغان' ھالەتنى ئۆزگەرتمەكچى"
- خىتايدا ئىسلاھات' ئېلىپ بېرىش دېيىلىۋاتقىلى 30 يىل بولدى، - دەپ بايان قىلىنىدۇ بۈگۈن خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتىنىڭ 'كۆزىتىش جۇرنىلى'دا ئېلان قىلىنغان 'كوممۇنىست پارتىيە ھازىر ئۆزىنى قانۇنلاشتۇرماقچى' دېگەن بۇ ئوبزورىدا، - بۇ يىللاردا خىتايدا ئىسلاھ قىلىشقا تىگىشلىك مەسىلىنىڭ ئاران 3 تەن بىرى ئورۇنلاندى، مەسىلە سىياسىي ئىسلاھات ئېلىپ بارغاندا ئاندىن ھەل بولىدۇ. ئەمەلىيەتتە 60 يىلدىن بۇيان خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى يەنىلا 'زوراۋانلىق ئىنقىلاب'، 'پارتىيە مىلتىقنى ئىدارە قىلىش' يولىدا مېڭىپ، رەھبەرلەرنى خەلق ئەمەس، كوممۇنىستلار ئۆزلىرى سايلاپ كېلىۋاتىدۇ.
ئەمدى 2008 - يىلىغا كەلگەندە، 28 مىنىستىرلىقنى 20 گە قىسقارتىشنى ئىسلاھات' دەپ ئاتاپ، بۇنى ئىككى يىغىن' دېگەن شەكىل ئارقىلىق كۈچكە ئىگە قىلىپ، كوممۇنىست پارتىيىنىڭ بۇيرۇقى 'جۇڭنەنخەيدىن چىقالمايدىغان' ھازىرقىدەك بۇنداق ھالەتنى ئۆزگەرتمەكچى بولۇۋاتىدۇ.
بۇ قېتىم كوممۇنىست پارتىيە ئوتتۇرىغا قويغان ئىسلاھات يەنىلا بىر سىياسىي ئويۇن بولۇشى مۇمكىن
ياۋرۇپادا چىقىدىغان غەرب شامىلى جۇرنىلىنىڭ تەھرىرى ھازىر شىۋېتسىيىدە تۇرۇۋاتقان ئابدۇرىشىت ھاجى كېرىمى ئەپەندىنىڭ مۇلاھىزە قىلىشىچە، خىتايدا ھازىر ئوتتۇرىغا قويۇلغان 28 مىنىستىرلىقىنى 20 گە قىسقارتىدىغان ئىسلاھات، پەقەت خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتىنىڭ ھازىرقىدەك لىڭشىپ قالغان ئورنىنى مۇقىم قىلىش ئۈچۈن ئوينىلىۋاتقان سىياسىي ئويۇن بولۇشى مۇمكىن.
مىنىستىرلىقلارنى ئازايتقانلىق بىلەن خىتاينىڭ سىياسىي قۇرۇلمىسىدا ئۆزگىرىش بولمايدۇ
ھاجى ئابدۇرىشىت كېرىمى ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، مىنىستىرلىقلارنى ئازايتقانلىق بىلەن خىتاينىڭ سىياسىي قۇرۇلمىسىدا ئۆزگىرىش بولمايدۇ. (ۋەلى)