نۆۋەتتە خىتايدا 1 - سېنتەبىردىن باشلاپ ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇلۇشقا باشلىغان تېلېفون مۇلازىمىتىدە كىملىك تۈزۈمى ئومۇملاشتۇرۇش تۈزۈمىگە نىسبەتەن خىتاي پۇقرالىرى جىددىي ئىنكاس قايتۇردى. خىتايدىكى ھۆكۈمەت مەتبۇئاتلىرىدا، تۈنۈگۈندىن باشلاپ بۇ تۈزۈمنىڭ جايلاردىكى قول تېلېفونى ھەم قول تېلېفون كارتىلىرىنى سېتىش مەركەزلىرىدە بىرلا ۋاقىتتا يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، پۇقرالارنىڭ بۇ تۈزۈمگە نىسبەتەن قوللاش ھەم قارشى ئېلىش پوزىتسىيىسىدە بولغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرلەر كۆپلەپ بېسىلدى.
شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە، "ھۆكۈمەتنىڭ نۆۋەتتە قول تېلېفونلىرىدا كۆپلەپ ئەۋەتىلىۋاتقان ئەخلەت ئۇچۇرلار ھەم زىيادە كۆپ سودا ئېلانلىرىنى توسۇش، شۇنداقلا بەزى يامان نىيەتلىك كىشىلەرنىڭ پۇقرالارنىڭ بىخەتەرلىكىگە تەھدىت سېلىش، دۆلەت بىخەتەرلىكىگە زىيان يەتكۈزۈدىغان ئۇچۇرلارنى ئەۋەتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ھۆكۈمەتنىڭ بۇ تۈزۈمنى يولغا قويغانلىقى، كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ ھۆكۈمەتنىڭ بۇ قارارىنى قارشى ئالغانلىقى" ھەققىدىكى مەلۇماتلار بېرىلدى.
ئەمما، خىتاي تىلىدىكى تور بەتلىرىنىڭ ئەركىن مۇنازىرە مەيدانلىرىدا، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇزۇندىن بۇيان يولغا قويۇۋاتقان، 2010 - يىل 1 - سېنتەبىردىن باشلاپ رەسمىي قارارلاشتۇرۇلغان بۇ تۈزۈم ھەققىدىكى نارازىلىق ئىنكاسلىرى كۆپلەپ يېزىلدى. شوخۇ تورىدىكى بىر ئىنكاستا بۇ ھەقتە توختىلىپ، "قول تېلېفون ھەم قول تېلېفون كارتىسى سېتىۋېلىشتا كىملىك تۈزۈمىنىڭ يولغا قويۇلۇشى، جۇڭگو پۇقرالىرىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئەركىنلىكىنىڭ بوغۇلۇۋاتقانلىقىنىڭ ئىسپاتى. ھازىر بىر پارتىيە ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدىكى كوممۇنىست ھۆكۈمەت پۇقرالارنىڭ قول تېلېفوندا ئۇچۇر يوللاش ئەركىنلىكىنى توسۇش، ھۆكۈمەتكە نارازى بولغان پۇقرالارنى باستۇرۇش ئۈچۈن بۇ تۈزۈمنى قوللانماقتا،" دەپ خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتى ئەيىبلەندى.
تۈنۈگۈندىن باشلاپ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دائىرىسىدىمۇ، تېلېفون مۇلازىمىتىدە كىملىك تۈزۈمى ئومۇملاشتۇرۇلغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرلەر بېرىلدى. تەڭرىتاغ تورىنىڭ تۈگۈنكى خەۋىرىدە پۇقرالارنىڭ بۇ تۈزۈمگە نىسبەتەن ئالقىشلاش پوزىتسىيىسىدە بولغانلىقى بايان قىلىنغان.
ئەمما، بۈگۈن ئۇيغۇر ئېلىدىن رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئۇيغۇرلار، بۇ تۈزۈمنىڭ يولغا قويۇلۇشى، ھۆكۈمەتنىڭ رايوندىكى تۈزۈمنى يەنىمۇ چىڭىتقانلىقىنىڭ ئىپادىسى دەپ قارايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
تېلېفون زىيارىتىمىزنى قوبۇل مەلۇم بىر ياش نۆۋەتتە يۈرگۈزۈلىۋاتقان، تېلېفون مۇلازىمىتىدە كىملىك تۈزۈمىنىڭ يولغا قويۇلۇشى، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا يېڭىلىق ئەمەسلىكىنى، بۇلتۇر "5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى"دىن كېيىنلا ئۇلار تۇرۇۋاتقان جايدا قول تېلېفونى سېتىۋالغاندا كىملىك تۈزۈمى يولغا قويۇلغانلىقىنى، ھازىر ۋەزىيەتنىڭ تېخىمۇ چىڭىپ كېتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان بىر نەپەر ھۆكۈمەت خىزمەتچىسى بۇ تۈزۈم ھەققىدە توختىلىپ، "تېلېفون مۇلازىمىتىدە كىملىك تۈزۈمىنىڭ يولغا قويۇلۇش ئەسلى نورمال ئىش. ئەمما، ھازىر بىزنىڭ بۇ يەردە ۋەزىيەت چىڭىپ كەتتى. مانا ئەمدى تېلېفون كارتىلىرى سېتىۋېلىشتىمۇ كىملىك تەكشۈرۈش تۈزۈمى يولغا قويۇلدى. ئەگەر ھۆكۈمەت خالىسا بىزنىڭ ئۆز - ئارا قىلىشقان پاراڭلىرىمىزنى ئاڭلايدۇ. ھازىر بىزنىڭ بۇ يەردە تېلېفوندىكى نورمال پاراڭلىرىمىزنىمۇ قىلىشتىن ئېھتىيات قىلىدىغان بولۇپ قالدۇق،" دېدى.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت ئەپەندى بۇ تۈزۈم ھەققىدە توختىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رايوندا قوللىنىۋاتقان بۇ بىر قاتار تۈزۈملىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇچۇر ھەم پىكىر ئەركىنلىكىنى بوغۇش، ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇش سىياسىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش ئۈچۈن ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.
خىتاي ۋەزىيىتىنى كۆزىتىپ كېلىۋاتقانلار ئۆز قاراشلىرىدا، نۆۋەتتە كوممۇنىست ھۆكۈمىتى يولغا قويۇۋاتقان قول تېلېفون ھەم قول تېلېفون كارتىسىنى سېتىۋېلىشتا كىملىك تۈزۈمىنى ئومۇملاشتۇرۇش قاتارلىق تۈزۈملىرى ئەمەلىيەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ پۇقرالارنىڭ پىكىر ئەركىنلىكىنى چەكلەشتە قوللىنىۋاتقان تاكتىكىلىرى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى پۇقرالارنىڭ ئۇچۇر ئەركىنلىكىنى بوغۇش بىلەن ئەيىبلىمەكتە.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.