خىتايدا مال باھاسى داۋاملىق ئۆرلەمدۇ؟


2008.01.03

'چۇڭچىڭ ۋاقىت گېزىتى' دە 2008 ‏- يىل 1 ‏- ئاينىڭ 3 ‏- كۈنى ئېلان قىلىنغان مال باھاسى ھەققىدىكى سانلىق مەلۇماتلارغا قارىغاندا، 2007 ‏- يىلىنىڭ ئاخىرىغا قەدەر چۇڭچىڭ شەھىرىدە ئاشلىق، گۆش، ئۆي ياكى ئۆي ئىجارىسى، سۇ، توك ۋە باشقا يېقىلغۇ باھالىرى %5.5 ئۆرلىگەن. بۇ شەھەر خىتايدىكى 36 چوڭ شەھەرنىڭ ئىچىدە مال باھاسى ئۆرلەش جەھەتتە 12 ‏- ئورۇندا تۇرىدۇ. ئەمدى 2008 ‏- يىلىدا، بۇ شەھەردە مال باھاسى بۇنىڭدىن بەك ئۆرلەپ كەتمىگەندىمۇ، يەنىلا مۇشۇ سۈرئەت داۋاملىشىشى مۇمكىن، دەپ مۆلچەرلەنگەن.

مال باھاسى جەمئىيەتنىڭ نازۇك نېرۋىلىرىغا ئەڭ تېز تەسىر قىلىدىغان سەزگۈر مەسىلە

2008 ‏- يىلى يېتىپ كېلىش بىلەن تەڭلا، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا، مال باھاسىدىن ئىبارەت جەمئىيەتنىڭ نازۇك نېرۋىلىرىغا ئەڭ تېز تەسىر قىلىدىغان بۇ سەزگۈر مەسىلىگە قارىتا 'ماكرولۇق كونترول قىلىشنى كۈچەيتىش ' دېگەن سىياسەتنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، يەنىلا ئەركىن بازار ئىگىلىكى قانۇنىيىتىگە خىلاپ ئىش كۆرۈشكە باشلىدى. 'تەڭرىتاغ تورى' نىڭ 2008 ‏- يىل 1 ‏- ئاينىڭ 1 ‏- كۈنى بايان قىلىشىچە، ئاپتونوم رايونىنىڭ دۆلەت زېمىنىنى ئىدارە قىلىش ئورگىنى بۇنىڭدىن كېيىن ماكرولۇق كونترول قىلىشنى كۈچەيتىش ئارقىلىق، تۇرالغۇلارنىڭ ئىجارە باھاسىنى تۆۋەنلىتىش ۋە يەر -تۇرالغۇ تەرەققى قىلدۇرۇشتا كۆپلەپ يەر ئىگىلەشتىن، مال باھاسىنىڭ ئۆرلەپ كېتىشىدىن ساقلىنىش كېرەك، دەپ جىددىي تەكىتلىگەن. بۇ ۋاقىتتا خەلقنىڭ، بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ مال باھالىرى بىردىنلا ئۆرلەپ كەتكەنلىكى مەسىلىسىگە بولغان ئىنكاسلىرى ئاللىقاچان جىددىي تۈس ئالغان ئىدى.

رادىئومىز مۇخبىرىنىڭ ئىگىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى مال باھاسىنى كونترول قىلىش كېرەك دېگەنسىرى، ئۇيغۇر يۇرتلىرىدا مال باھاسى شۇنچە تېز ئۆرلىگەن. پەقەت قوي گۆشىنىڭ باھاسىلا بىر كىلوگرامى 26 يۈەنگە يەتكەن. بۇ جىددىي ھادىسە، قۇربان ھېيتتا قوي قۇربانلىق قىلىدىغان كىشىلەرگە جىددىي قىيىنچىلىق تۇغدۇرغان. ئىنكاسلارغا قارىغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتى 2008 ‏- يىلىدا گۆشنى ئوراپ قاچىلاش ئەسلىھەلىرىنى بەرپا قىلىش ئۈچۈن مەبلەغ سالىدىكەن، بۇ پىلان ئەمەلگە ئاشسا، بۇ خىل قوي گۆشىنىڭ باھاسى بىر كىلوسى 70 يۈەنگە چىقىشى مۇمكىن ئىكەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى 2007 ‏ - يىلىدىكى ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىمۇ، ھەل قىلىنمىغان پۇل پاخاللىقىنىمۇ تەڭ ئۆتكۈزۈۋالدى

‏-‏ ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ ئەڭ يۇقىرى پەللىسىگە يەتتى، دەپ ئاتالغان 2007 ‏- يىلى ئاشلىق، گۆش، ئۆي باھالىرى ئۆزلۈكسىز ئۆرلەپ، پۇل پاخاللىشىپ ئۆتۈپ كەتتى،‏-‏ دەپ بايان قىلىنىدۇ 'خىتاي ئىقتىساد گېزىتى'نىڭ تور بېتىدە 1 ‏- ئاينىڭ 1 ‏- كۈنى ئېلان قىلىنغان 'يېڭى يىلدىكى مال باھاسى ھەققىدە مۆلچەر' دېگەن ماقالىدە، 2008 ‏- يىلى ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزۈش دەپ ئاتالغان بىر داغدۇغا ئىچىدە تۇرغان خىتاي ھۆكۈمىتى دەل مۇشۇ ھەل قىلىنمىغان مەسىلىنى ئۆز پېتى ئۆتكۈزۈۋالدى، بۇ مەسىلە ھازىر 2008 ‏- يىلىدا يەنىلا داۋاملىشىۋاتىدۇ.

خىتايدا ئىقتىسادىي مەسىلىگە نىسبەتەن خاتا چۈشەنچە بار

‏-‏ خىتايدا مال باھاسى دېگەن ئىقتىسادىي مەسىلىگە نىسبەتەن خاتا چۈشەنچە بار، ‏-‏ دەپ بايان قىلىنىدۇ ب ب س 2007 ‏- يىلىنىڭ ئاخىرىدا ئېلان قىلغان بىر ئىقتىسادىي مۇلاھىزىدە، ‏‏- شۇڭلاشقا خىتاي ھۆكۈمىتى 'بازارنى ئاۋاتلاشتۇرۇش، مال باھاسىنى مۇقىم قىلىش' دېگەن سىياسەتنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ ۋە بۇ سىياسەت ئارقىلىق پۇل پاخاللىشىش مەسىلىسىنى ھەل قىلماقچى بولىدۇ. ئەمەلىيەتتە بۇنداق سىياسەت بىلەن پۇل پاخاللىشىش مەسىلىسىنى ھەل قىلغىلى بولمايدۇ.

بۇ ماقالىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان مۇلاھىزىدە ئېيتىلىشىچە، خىتايدا ئىشىكنى ئېچىۋېتىش-ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش باشلانغاندىن كېيىن، ئىقتىساد ھەر يىلى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %8 دىن ئۆرلىدى، مال باھاسىمۇ ئۆرلىدى، ئەمما ئىشچى، دېھقانلارنىڭ بۇنىڭغا مۇناسىپ ھالدا ئۆرلەشكە تېگىشلىك كىرىمى ئۆرلىمىدى. بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا، تۇرمۇش بۇيۇملىرى، تۇرالغۇ، داۋالىنىش، مائارىپ باھاسىنىڭ ئۆرلىشى كەڭ خەلق ئاممىسىغا قەھەتچىلىك پەيدا قىلدى. شۇڭلاشقا مال باھاسىدىكى كىچىككىنە بىر ئۆزگىرىشمۇ، ھازىر خەلققە نىسبەتەن شۇ قەدەر جىددىي مەسىلە بولۇپ قېلىۋاتىدۇ.

ئۇيغۇر رايونلىرىدا يىللىق ئوتتۇرىچە كىرىمى 700 يۇەندىن تۆۋەن كىشىلەر قانداق ئىقتىسادىي كاپالەتكە ئېرىشتى؟

'تەڭرىتاغ تور بېتى' دە ئېلان قىلىنغان بىر خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا 2007 ‏- يىل 11 ‏- ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، يېزىلاردىكى ئوتتۇرىچە كىرىمى 700 يۇەندىن تۆۋەن 1 مىليون 290 مىڭ كىشىنىڭ %98 ى ئىقتىسادىي جەھەتتىن كاپالەتلەندۈرۈلۈپ بولغان. ئەمما بۇ ئالاھىدە ئىلتىپاتتىن بەھرىمان بولغان بىر كىشى ئاران 60 يۇەن پۇلغا ئېرىشكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

بۇنىڭدىن مەلۇمكى، خىتاينىڭ ئۆز رايونلىرىدىكى خەلقنىڭ نامراتلىق دەرىجىسى بىلەن خىتاي ئەڭ كۆپ بايلىققا ئېرىشىۋاتقان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى خەلقنىڭ نامراتلىق دەرىجىسىدە ناھايىتى چوڭ پەرق بار. ئۇيغۇر يۇرتلىرىدا خەلققە ئەڭ كېرەكلىك نەرسىنىڭ باھاسى خىتاي رايونلىرىغا سېلىشتۇرغاندا ئەڭ كۆپ ئۆرلىگەن.

پۇل بازار ئىگىلىكىدە ئەركىن ئالماشتۇرۇلمىسا، قىزىل رەقەم ھەل بولمايدۇ

يېقىنقى ئۈچ ھەپتىدە، خىتاي پۇلىنىڭ ئامېرىكا دوللىرى بىلەن ئالماشتۇرۇش نىسبىتىدە يەنە بىر قېتىم چوڭ ئۆزگىرىش بولدى، ‏-‏ دەپ بايان قىلىنىدۇ ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بىر خەۋىرىدە، ‏-‏ خىتاي پۇلىنىڭ قىممىتى %6.6 ئۆرلىدى. بۇ چاغدا خىتاي-ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدىكى سودىدىكى قىزىل رەقەممۇ 232 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يەتتى.

مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بايان قىلىنىشىچە، ئىقتىسادىي قانۇنىيەت بۇيىچە ئېيتقاندا، خىتاي بىلەن باشقا دۆلەت ئوتتۇرىسىدا سودىدا كېلىپ چىققان قىزىل رەقەم ئۆرلەپ كەتسە، خىتاي پۇلىنىڭ قىممىتى ئۆرلىتىلسە بۇ مەسىلە ئۆزلىكىدىن ھەل بولۇپ كېتىدۇ. ئەگەر ھۆكۈمەت كونترول قىلىۋېلىپ، پۇل بازار ئىگىلىكىدە ئەركىن ئالماشتۇرۇلمىسا، قىزىل رەقەم ھەل بولمايدۇ، بەلكى ئۇنىڭ ئەكسىچە، خىتايدا پۇل پاخاللىقى تېزلىشىدۇ، مال باھاسى ئۆرلەپ كېتىدۇ، بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا خەلقنىڭ ئىش ھەققى ئۆلچىمى يەنىلا يۇقىرى كۆتۈرۈلمىسە، ئىقتىسادىي كرىزىس ئېغىرلىشىدۇ، بۇ جىددىي سىياسىي كرىزىسقا ئايلىنىشى مۇمكىن. (ۋەلى)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.