خەلقئارا تەشكىلاتلار خىتايدا ئۆلۈم جازاسىنى بىكار قىلىشنى تەلەپ قىلدى

0:00 / 0:00

خىتاي دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەر ئىچىدە ئۆلۈم جازاسىنى ئەڭ كۆپ ئىجرا قىلىۋاتقان دۆلەت. گەرچە خىتاي ئالىي سوت مەھكىمىسى 2007 ‏- يىلى ئۆلۈم جازاسىنى تەدبىقلاش ھوقۇقىنى يەرلىك سوت مەھكىمىلىرىدىن ئۆتكۈزۈۋالغان بولسىمۇ،لېكىن بۇ خىتاينىڭ دۇنيا بۇيىچە ئۆلۈم جازاسىنى ئەڭ كۆپ ئىجرا قىلىدىغان دۆلەتلىك ئورنىنى ئۆزگەرتەلمىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇيغۇر ئېلىدە سىياسىي مەھبۇسلارغا ئۆلۈم جازاسى بېرىش ھەرىكىتى ئۈزلۈكسىز داۋاملاشماقتا. بۇ ئەھۋالدا خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى قاتارلىق كىشىلىك ھوقۇقى ئورگانلىرى خىتاي دائىرىلىرىنى ئولىمپىك يىلىدا ئۆلۈم جازاسىنى بىكار قىلىشقا چاقىردى.

" خىتاي ھۆكۈمىتى ھەر يىلى 5000 دىن 12000 غا قەدەر مەھبۇسقا ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىشى مۇمكىن "

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغۇچىلارنىڭ سانىنى دۆلەت مەخپىيەتلىكى قاتارىدا كۆرىدىغانلىقى تۈپەيلى، ھەر يىلى خىتايدا قانچىلىك ئادەمگە ئۆلۈم جازاسى بېرىلىدىغانلىقىنى ياكى ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىنىدىغانلىقىنى مەخپىي تۇتۇپ كەلمەكتە. لېكىن خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ پەرەز قىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھەر يىلى 5000 دىن 12000 غا قەدەر ھەر تۈردىكى مەھبۇسلارغا ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىش مۇمكىنچىلىكى مەۋجۈت بولۇپ، بۇ سان شۇ بىر يىل ئىچىدە دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەردە ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەن ئادەملەرنىڭ ئومۇمى سانىدىنمۇ كۆپ.

شۇڭا ئۆلۈم جازاسىنى بىكار قىلىش ياكى ئۆلۈم جازاسى بېرىشنى ئازايتىش ھەرىكىتى خىتاي ھۆكۈمىتى بېيجىڭ ئولىمپىك يىغىنى مەزگىلىدە دۇچ كېلىۋاتقان ئەڭ جىددىي چاقىرىقلارنىڭ بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. مەركىزى فرانسىيىدىكى ئۆلۈم جازاسىغا قارشى تۇرۇش دۇنيا ئىتتىپاقى چارشەنبە كۈنى خىتاي خەلق قۇرۇلتىيىغا يازغان ئۆلۈم جازاسىنى بىكار قىلىش ھەققىدىكى بىر خېتىدە، ئالدىمىزدىكى كۈنلەردە ئېچىلىدىغان خىتاي خەلق قۇرۇلتىيى مەملىكەتلىك يىغىنىنىڭ ئۆلۈم جازاسى ۋە ئۆلۈم جازاسىنى كېچىكتۈرۈپ ئىجرا قىلىشنى بىكار قىلىش توغرىسىدا " كونكرېت تەدبىر ئېلىشى"نى تەلەپ قىلدى.

" ئۇيغۇر سىياسىي مەھبۇسلىرىغا ئۆلۈم جازاسى بېرىش ئولىمپىك روھىغا پۈتۈنلەي خىلاپ "

ئۆلۈم جازاسىغا قارشى تۇرۇش دۇنيا ئىتتىپاقىنىڭ مەزكۇر خېتىگە ئامېرىكا، ياۋروپا ۋە ئاسىيا ئەللىرىدىكى نۇرغۇن ئاممىۋى تەشكىلاتلار ئىمزا قويغان بولۇپ، بۇ تەشكىلاتلار ئامېرىكا جىنايى ئىشلار ئاقلىغۇچى ئادۋوكاتلار جەمئىيىتى، خەلقئارا ئىسلاھات مۇنبىرى تەشكىلاتى، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى، كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

ئۆلۈم جازاسىغا قارشى تۇرۇش دۇنيا ئىتتىپاقى خېتىدە مۇنداق دەيدۇ، " ئولىمپىك روھى پەقەت خىتاينىڭ ئۆلۈم جازاسىدا دۇنيا چېمپىيونى بولۇش خاتىرىسىگە خاتىمە بېرىلگەندىلا ئۆز ئورنىنى تاپقان بولىدۇ". لېكىن رويېتىرس ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە ئەسكەرتىشىچە، ئۆلۈم جازاسىغا قارشى تۇرۇش دۇنيا ئىتتىپاقىنىڭ مەزكۇر چاقىرىقى تىبەت، دارفۇر ۋەقەسى ۋە كىشىلىك ھوقۇقى مەسىلىلىرىدە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ بېسىمىغا دۇچ كېلىۋاتقان خىتايغا نىسبەتەن يېڭى نەرسە بولماسلىقى مۇمكىن.

خىتاي ھۆكۈمىتى بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى سىياسىيلاشتۇرۇشقا قارشى تۇرىدىغانلىقىنى ئۈزلۈكسىز تەكىتلەپ، ئۆلۈم جازاسى بېرىش مەسىلىسىدە ناھايىتى ئېھتىيات بىلەن ھەرىكەت قىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتسىمۇ، لېكىن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دائىرىلىرىنىڭ 2007 ‏- يىلى 10 ‏- ئايدا قەشقەر شەھىرىدە پامىر ۋەقەسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك 5 نەپەر ئۇيغۇرنى ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلغانلىقى، يەنە بىر ئۇيغۇرغا كېچىكتۈرۈپ ئۆلۈم جازاسى بەرگەنلىكى چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋە خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇقى ئورگانلىرىنىڭ شىددەتلىك تەنقىدىگە ئۇچرىغان ئىدى.

خىتاي ھۆكۈمىتى بولسا بۇ 6 نەپەر ئۇيغۇرنى شەرقىي تۈركىستان ئىسلام پارتىيىسىنىڭ ئەزالىرى، دەپ ئېلان قىلغان ھەم ئۇلارنىڭ پامىر ئىگىلىكىدە ھەربىي لاگىر قۇرغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئۆلۈم جازاسىغا قارشى تۇرۇش دۇنيا ئىتتىپاقىنىڭ چاقىرىقى چەتئەلدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلار خەلقئارا ئورگانلارنى ۋە غەرب دۆلەتلىرىنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر سىياسىي مەھبۇسلىرىغا ئۆلۈم جازاسى بېرىۋاتقانلىقىغا دىققەت قىلىش توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرۇۋاتقان ۋە بۇنىڭ ئولىمپىك روھىغا پۈتۈنلەي خىلاپ ئىكەنلىكىنى تەكىتلەۋاتقان مەزگىلدە ئېلان قىلىندى.

" خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغۇچىلارنىڭ ھەقىقىي سانىنى ئېلان قىلىشى كېرەك "

خىتاي مەتبۇئاتلىرىنىڭ خەۋەرلىرىدە ئەسكەرتىشىچە، خىتاي ئالىي سوت مەھكىمىسى 2007 ‏- يىلى 1 ‏- ئاينىڭ 1 ‏- كۈنى ئۆلۈم جازاسىنى تەدبىقلاش ھوقۇقىنى ئۆلكە دەرىجىلىك يۇقىرى سوتلارنىڭ ئىلكىدىن ئۆتكۈزۈۋالغاندىن كېيىن، شۇ يىلى خىتايدا ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغۇچىلارنىڭ سانىدا ئازىيىش كۆرۈلگەن. لېكىن ئۆلۈم جازاسىغا قارشى تۇرۇش دۇنيا ئىتتىپاقى بولسا خىتاي مەتبۇئاتلىرىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋەرلىرىگە گۇمان بىلەن قارىماقتا.

مەزكۇر ئورگان خىتاي خەلق قۇرۇلتىيىغا يازغان خېتىدە، بۇ ئىسلاھاتنىڭ ئەھمىيەتلىك بولغان ياكى بولمىغانلىقىغا پەقەت خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغۇچىلارنىڭ ھەقىقىي سانىنى ئېلان قىلغاندىلا بىر نېمە دېگىلى بولىدۇ، دەپ تەكىتلەيدۇ. ئۆلۈم جازاسىغا قارشى تۇرۇش دۇنيا ئىتتىپاقى بۇ ھەقتىكى باياناتىدا ئۆلۈم جازاسىنى كەڭ - كۆلەمدە ئىجرا قىلىش ئولىمپىكنىڭ "ئىنسان شان - شەرىپى"نى قوغداش پرىنسىپىغا توغرا كەلمەيدىغانلىقىنى، شۇ مۇناسىۋەت خىتايدا ئۆلۈم جازاسىنى بىكار قىلىش خەلقئارا ھەرىكىتى قوزغاپ، خىتاي خەلق قۇرۇلتىيىغا خەت يازغانلىقىنى ۋە يىغىن چاقىرىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. (ئەركىن)