خىتاي ھۆكۈمىتى ئاز سانلىق مىللەت بالىلىرىنى خىتايچە ئوقۇتىدىغان تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلىرىنى يەنىمۇ كېڭەيتمەكتە


2007.02.15

qosh-til-xoten-mektep.jpg
2006 – يىلى 13- ئۆكتەبىر كۈنى خوتەندىكى بىر قوش تىللىق مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچىلار مەكتەپ مەيدانىدا. گەرچە ئاپتونومىيە قانۇنىدا ئۇيغۇر تىلى ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئىككى ھۆكۈمەت تىلىنىڭ بىرى، دەپ بەلگىلەنگەن بولسىمۇ، خىتاي دائىرىلىرى ئۆزلىرى چىقارغان قانۇنغا رىئايە قىلماي، "قوش تىل" سىياسىتى ئارقىلىق ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىستىمالدىكى ئورنىنى يوقاتماقتا. AFP

خىتاي مائارىپ مىنىستىرلىقى، خىتاي كومپارتىيە مەركىزى كومىتېتىنىڭ قارارىغا ئاساسەن، مەخسۇس ئۇيغۇر ئېلى بالىلىرىنى خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەردە تەربىيىلەيدىغان بۇ خىل شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلىرىنى دەسلەپ 2000- يىلىدىن باشلاپ خىتاينىڭ دېڭىز بويىدىكى ئېچىۋىتىلگەن 12 ئاساسلىق شەھىرىدە تەسىس قىلىپ، يىلىغا بىر مىڭ ئەتراپىدا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىنىپ كەلگەن ئىدى. خىتاي ھەمدە ئۇيغۇر مائارىپ تورلىرىدا بۇ ھەقتە بېرىلگەن ئەڭ يېڭى خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، ھازىر شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلىرى خىتاينىڭ 26 شەھەردىكى جەمى 51 ئوتتۇرا مەكتەپتە تەسىس قىلىنغان.

خىتاي ھۆكۈمىتى 2000 - يىلى " شىنجاڭنىڭ مائارىپىغا ياردەم بېرىش"نامىدىكى مەزكۇر پىلانىنى يولغا قويغاندىن بۇيان خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى بۇ خىل تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلىرىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش كۆلىمىنى تەدرىجى كېڭەيتىپ باردى. خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلىرىنىڭ كۆلىمى 2004 ‏- يىلى 1540 قا كېڭەيتىلگەن، 2005 - يىلى 3075 كە يەتتى. 2006 - يىلى بولسا 3990 دىن ئاشقان ئىدى. بۇ يىلدىن باشلاپ يىلىغا 5مىڭ نەپەر ئوقۇغۇچى خىتاي ئۆلكىلىرىدە ئېچىلغان شىنجاڭ سىنىپلىرىغا ئۇزىتىلىدۇ.

بۇ مائارىپنى گۈللەندۈرۈش پىلانى ئەمەس، ئەمەلىيەتتە بىر سىياسىي ئىستراتېگىيە

خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ ئۇيغۇر رايونىغا قويغان سېكرېتارى ۋاڭ لېچۇئەن، ئىلگىرى خىتاي ئۆلكىلىرىدە قۇرۇلغان بۇ شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلىرىنىڭ كۆلىمىنى تېخىمۇ كېڭەيتىش توغرىسىدا يوليورۇق بېرىش جەريانىدا خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى شىنجاڭ سىنىپلىرىنىڭ مۇھىم ئىستراتېگىيىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكى تەكىتلەپ "شىنجاڭ سىنىپىغا قوبۇل قىلىنىدىغان ئوقۇغۇچىلارغا سىياسىي ئىدىيىۋى جەھەتتىكى تەلەپنى قاتتىق قويۇش كېرەك، ئوقۇغۇچىلارنىڭ سىياسىي ساپا ئۆلچىمى، ئۇلارنىڭ ئۆگىنىش نەتىجىسىدىنمۇ مۇھىم، بۇ جەھەتتىكى تەربىيىنى ئەڭ ئالدىغا قويۇش كېرەك، چۈنكى ئۇلار شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى ھەم تەرەققىياتىدىكى مۇھىم ئارقا سەپ كۈچى" دېگەن ئىدى.

ئەمدى، ھەر قايسى خىتاي ئۆلكىلىرى شىنجاڭ سىنىپى ئېچىشقا نېمە دەپ ماسلاشتى ؟ جېجياڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمىتىنىڭ "شىنجاڭ سىنىپى ئېچىش خىزمەت يىغىنىنىڭ" ھۆججىتىدىن بۇنىڭغا جاۋاب تاپالايمىز.

جېجياڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ 2006 يىلى 5 - ئاينىڭ 10 - ھەم 11 - كۈنلىرى ئاچقان شىنجاڭ سىنىپى قۇرۇش پىلانىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش خىزمەت يىغىنىنىڭ ھۆججىتىدە "ئۆلكىمىز ئىچىدە شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلىرىنى تەسىس قىلىش مەركىزى ھۆكۈمەت بىزگە تاپشۇرغان شەرەپلىك سىياسىي ۋەزىپە. بۇ يۇقىرىنىڭ، مەملىكىتىمىزنىڭ مۇھىم چېگرا ئېغىزى، دۆلەت پۈتۈنلىكى ھەم مۇقىملىقىنىڭ ئالدىنقى سېپى بولغان شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، مىللي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى مۇھىم ئىستراتېگىيىلىك پىلانى. بۇ شىنجاڭ سىنىپلىرى مانا مۇشۇ ئىستراتېگىيىلىك پىلاننىڭ ئىشقا ئېشىشىدىكى مۇھىم كۈچلەرنى يېتىشتۈرۈشنى ۋەزىپە قىلىشى كېرەك. شۇنداقلا بۇ سىياسىي ۋەزىپىنى چوقۇم ئەستايىدىل مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن ئورۇنلاش شەرت" دېيىلگەن.

ئىگىلىشىمىزچە، خىتاي ھۆكۈمىتى بېيجىڭ، شاڭخەي، تيەنجىن، گۇئاڭجۇ، داليەن، چىڭداۋ، قاتارلىق شەھهئەرلىرىدە تەسىس قىلغان بۇ شىنجاڭ سىنىپى نامىدىكى خىتايچە ئوقۇتۇلىدىغان تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلىرىغا 90% ئۇيغۇر قاتارلىق ئاز سانلىق مىللەت، 10%خىتاي ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش نىسبىتى بويىچە، يېزا- قىشلاقلاردىكى نامرات ئوقۇغۇچىلارنى ئاساس قىلىپ قوبۇل قىلماقتا. ئۇيغۇر رايونى بالىلىرى بۇ شىنجاڭ سىنىپلىرىدا پۈتۈنلەي خىتاي مائارىپىدا تەربىيىلەنمەكتە.

ئۇيغۇر ئېلى ئىچىدىمۇ شىنجاڭ سىنىپىنىڭ ئەندىزىسى بويىچە خىتايچە ئوقۇتۇش سىنىپلىرى بارغانچە كېڭەيتىلدى

ئۇيغۇر رايونلۇق پارتكومى، خىتاي مەركىزى كومىتېت شىنجاڭ خىزمىتىنى ماسلاشتۇرۇش گۇرۇپپىسى يىغىنىنىڭ روھىغا ئاساسەن، ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلىرىنى ئېچىش ئەندىزىسىدىن پايدىلىنىپ 2004 - يىلى ئۇيغۇر رايونىدىكى ئۈرۈمچى، قارىماي، شىخەنزە، كۈيتۈن، سانجى، كورلا، قۇمۇل، ئاقسۇ قاتارلىق 8 شەھەردە ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلىرى ئۈچۈن خىتايچە تولۇقسىز ئوتتۇرا سىنىپلىرىنى ئېچىپ دەسلەپ 1000 ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلدى، كېيىن يىلدىن ‏- يىلغا ئوقۇغۇچى سانىنى كۆپەيتىپ بارماقتا. 2008 ‏- يىلىغا بارغاندا بۇ خىل خىتاي تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئوقۇيدىغان ئوقۇغۇچىلار سانى 15000 غا يەتكۈزىلىدىكەن.

ئۇيغۇر ئېلى ئاخبارات تورىنىڭ 15 - فېۋرالدىكى خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دائىرىلىرى ئۇيغۇر رايونىدىكى سەككىز شەھەردە قۇرۇلغان خىتايچە ئوقۇتۇلىدىغان تولۇقسىز ئوتتۇرا سىنىپلىرىدىن باشقا بۇ يىل 6 - ئايدا بۇ سەككىز شەھەردە يەنە، خىتايچە تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلىرىنى تەسىس قىلىپ، يېزا قىشلاقلاردىكى ئاز سانلىق مىللەت بالىلىرىنى پۈتۈنلەي خىتايچە مائارىپتا ئوقۇتۇش سۈرئىتىنى كۆچەيتىدىكەن.

ھەمدە بۇ خىتايچە ئوقۇتۇلىدىغان تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلىرىگە ئۇيغۇر رايونىنىڭ يېزا ‏- قىشلاقلىرىدىكى ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىنى ئاساس قىلىپ 80% مىللىي ۋە 20% خىتاي ئوقۇغۇچى نىسبىتى بويىچە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىنماقتا ئىكەن.

ئۇيغۇرلار خىتايچىلاشتۇرۇش مائارىپىغا ماسلىشىشقا مەجبۇر بولماقتا

بەزى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنكاسىغا قارىغاندا، خىتاي ھۆكىمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئوتتۇرا ۋە ئالىي مەكتەپلەرنىمۇ خىتايچە ئوقۇتۇشقا يۈزلەندۈرۈشى ۋە شۇنداقلا بارلىق ساھەلەردە خىتاي تىلىنى ئاساس قىلىپ ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىشلىتىلىشىنى بارا ‏- بارا ئەمەلدىن قالدۇرۇشى بىلەن تەڭ، ئۇيغۇر ئاتا ‏- ئانىلار بالىلىرىنى كىچىكىدىنلا خىتايچە ئوقۇتۇشقا مەجبۇر بولماقتا ئىكەن.

خىتاي ئۆلكىلىرىدە ئوقۇش پۇرسىتىگە ئېرىشكەن بالىلار بولسا بۇنى پەقەت كۆڭلىدىكى گۈزەل غايىلىرىگە يېتىش يولىدىكى ناھايىتى ئەھمىيەتلىك پۇرسەت دەپلا چۈشىنىدۇ خالاس. خىتاينىڭ مەلۇم ئۆلكىسىدە ئېچىلغان شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپىغا يېڭىلا قوبۇل قىلىنغان بىر ئۇيغۇر قىز ئۆزىنىڭ ئاتا ‏- ئانىسى ھەم يۇرتىدىن ئايرىلىپ خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى يات مۇھىتتا ئوقۇشنى تاللىشىغا مۇنداق چۈشەندۈرۈش بەرگەن ئىدى.

خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىنقى بىر نەچچە يىل ئىچىدە، ئۇيغۇر مىللىي مائارىپىنى خىتايچىلاشتۇرۇش قەدىمىنى بارغانچە تېزلەتتى. ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئالىي مەكتەپلەردىن تا باشلانغۇچ مەكتەپلەرگىچە، ھەتتا يەسلى مائارىپىدىمۇ خىتاي تىلىنى ئاساس قىلغاندىن باشقا، خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلىرىغا ۋە ئۇيغۇر ئېلىدىكى خىتاي ئوتتۇرا مەكتەپلىرىدە تەسىس قىلىنغان خىتايچە تولۇقسىز ئوتتۇرا سىنىپلىرىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش سالمىقىنى ئۆزلۈكسىز كېڭەيتىپ بارماقتا.

بۇ ئەسلىدىنلا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا كۈچەيتىپ ئېلىپ بېرىۋاتقان مىللىي مائارىپنى خىتايچىلاشتۇرۇش سىياسىتىدىن ئەندىشە تۇيغان ھەم نارازى بولۇۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ قارشىلىقىنى كۈچەيتمەكتە.

خىتاي ھۆكۈمىتى تەشۋىقاتلىرىدا ئۇيغۇر رايونى بالىلىرىغا خىتاي تىلى مائارىپىنى كۈچەيتىش، غەربنى ئېچىش ئىستراتېگىيىسىنىڭ بىر قىسمى، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مائارىپىنى گۈللەندۈرۈشنىڭ ياخشى يولى دەپ تەكىتلەپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇر زىيالىيلىرى بۇنى، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئەۋلادلىرىنى ئۆز مەدەنىيىتى ۋە مائارىپىدىن ئايرىپ، ئاسسىمىلياتسىيە قىلىشنىڭ بىر ئۇسۇلى، تېخىمۇ تېز خىتايلاشتۇرۇشتىكى تەدبىرى دەپ قارىماقتا. (گۈلچېھرە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.