خىتايدا سوتچىلارنىڭ قانۇننى دەپسەندە قىلىشى


2008.02.26

خىتايدا سوت مەھكىمىلىرىنىڭ ناھەق ھۆكۈملىرى تۈپەيلى مەركەزگە ئەرىز قىلغۇچى پۇخرالار سانىنىڭ ناھايىتى كۆپلىكى، خىتاي ۋە چەت`ئەل مەتبۇئاتلىرىدا كەڭ تارقىلىۋاتقان خەۋەرلەر ھېسابلىنىدۇ. ئەمما ئۇيغۇر دىيارىدىكى سوت مەھكىمىلىرىنىڭ ناھەق ھۆكۈملىرى توغرىسىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاسان ئاشكارىلانمايدىغانلىقى ۋە ئەرزدارلارنىڭ بىخەتەرلىكىنىڭمۇ كاپالەتكە ئىگە ئەمەسلىكى سىر ئەمەس.

بوشۈن تور بېتىنىڭ 2 - ئاينىڭ 24 - كۈنىدىكى "شىنجاڭ يۇقىرى سوت مەھكىمىسى سوتچىلىرىنىڭ قانۇنغا خىلاپلىق قىلىش جىنايىتى ئېغىر بولماقتا" ناملىق خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئۇيغۇر دىيارىدىن ئالىي سوت مەھكىمىلىرىگە ئەرىز قىلغۇچىلارنىڭ سانى ھازىرغا قەدەر 1مىليون 90 مىڭدىن ئاشقان بولۇپ، بۇ ئەرىزلەرنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى سوتنىڭ ناھەق ھۆكمى ۋە سوتچىلارنىڭ پارىخورلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن.

گەرچە Sh.U.A.R قانۇن كومىتېتى ۋە يۇقىرى سوت مەھكىمىسى، يىللاردىن بۇيان چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش ھەققىدە، بولۇپمۇ قانۇن ساھەسىدىكى، جۈملىدىن، سوت ئورگانلىرىدىكى پارىخورلۇققا قارشى تۇرۇش توغرىسىدا نۇرغۇن قېتىم بەلگىلىمىلەر چىقىرىپ، تەلىم - تەربىيە كۇرسلىرىنى ئۇيۇشتۇرغان بولسىمۇ، سوت ئورگانلىرىدىكى چىرىكلىكنى تۈگىتەلمىگەن.

بۇ ھەقتە د ئۇ ق باياناتچىسى دىلشات رېشىتنىڭ ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەكرەمگە بەرگەن جاۋاپلىرىغا قۇلاق سالغايسىلەر. (ئەكرەم)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.