'كۆزىتىش ژۇرنىلى'نىڭ بۈگۈنكى سانىدا، خىتاينىڭ سۇ مەنبەسى مەسىلىسى ھەققىدە يېزىلغان بىر ئوبزور ئېلان قىلىندى. بۇ ئوبزورنى ھازىر گېرمانىيىدە تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان بىناكارلىق پەنلىرى دوكتورى ۋاڭ ۋېيلو ئەپەندى يازغان. بۇ مۇتەخەسسىس بۇنىڭدىن بۇرۇن سەنشيا بوغۇزى قۇرۇلۇشىنىڭ لايىھىلىنىشى ھەققىدە مۇلاھىزىلەر ئېلان قىلغان. بۇ مۇتەخەسسىس بۈگۈنكى ئوبزورىدا، ئالدى بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 'جۇڭگو سۇ بايلىقى ئەڭ كەم دۆلەت' دېگەن يەكۈنىنىڭ ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن ئەمەسلىكىنى كۆرسىتىدۇ.
بۇلتۇر دۆلەت كابىنتى تارقاتقان ھۆججەتتە 'جۇڭگو سۇ بايلىقى ئەڭ كەم دۆلەت' دېگەن ئىدى
- سۇ مەنبەسى دېگەن تەبىئى ھۆل-يېغىندىن شەكىللەنگەن يەر يۈزىدىكى ئېقىنلار ۋە يەر ئاستىدىكى نەملىكنىڭ جۇغلانمىسىدىن ئىبارەت، - دەپ بايان قىلىنىدۇ 'كۆزىتىش ژۇرنىلى'دا ئېلان قىلىنغان بۇ ئوبزوردا، - خىتايدا خۇاڭ ۋەنلى، جاڭ گۇاڭدۇ قاتارلىق پروفېسسورلار بايان قىلغان ئىلمىي ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا، خىتاينىڭ سۇ مەنبەلىرى 281 مىليارد كۇبمېتىر، سۇ مەنبەلىرىنىڭ كۆپلىكى جەھەتتە دۇنيا بۇيىچە 6 - ئورۇندا تۇرىدۇ. خىتايدا كىشى بېشىغا 2350 كۇپمېتىردىن سۇ توغرا كېلىدۇ، بۇ جەھەتتىمۇ دۇنيا بۇيىچە 4 - ئورۇندا تۇرىدۇ.خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 'جۇڭگو سۇ بايلىقى ئەڭ كەم دۆلەت' دېگىنى ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن ئەمەس.
بۇ ئوبزوردا بايان قىلىنىشىچە، دۇنيادا سۇ مەنبەلىرى ئەڭ كەم دەپ ئاتىلىدىغان 30 نەچچە دۆلەت بار. بۇلار كۇۋەيت، سەئۇدى ئەرەبىستانى، سۈرىيە، بېلگىيە، ماراكەش، مىسىر، لىۋان، نىگېرىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىن ئىبارەت. مۇشۇ سۇ مەنبەلىرى كەم دۆلەتلەرنىڭ ئىچىدە، ئادەم بېشىغا توغرا كېلىدىغان سۇ مىقدارى بىر قەدەر يۇقىرى بولغان ئومماننىڭ ئاران 1200 كۇبمېتىر. ئادەم بېشىغا توغرا كېلىدىغان سۇ مىقتارى ئەڭ ئاز دېيىلگەن سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ ئاران 140 كۇپمېتىر، كۇۋەيتنىڭ ۋە بەھرەيىننىڭ تېخى 0.
مۇشۇ 30 نەچچە دۆلەتكە سېلىشتۇرغاندا، خىتاينىڭ ئادەم بېشىغا توغرا كېلىدىغان سۇ مىقدارى ئون ھەسسە كۆپ.خىتاينىڭ جۇغراپىيە ئورنى جەھەتتىن ئېيتقاندىمۇ، خىتايدىكى گۇاڭجۇ، شاڭخەي قاتارلىق كۆپىنچە چوڭ شەھەرلەر ھۆل -يېغىن كۆپ ياغىدىغان بەلۋاغدا. ھۆل-يېغىن مىقدارى موسكۋا، لوندون، بېرلىن، پارىژلاردىن كۆپ. ۋاھالەنكى، خىتاي دۆلەت كابىنتىنىڭ قىزىلباشلىق ھۆججىتىدە دېيىلگەن 'جۇڭگو سۇ بايلىقى ئەڭ كەم دۆلەت'دېگەن سۆز ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن ئەمەس. 'سۇنى ناھايىتى تېجەپ سەرپ قىلغاندىمۇ، 2030 - يىلىغا كەلگەندە جۇڭگودا سۇ مەنبەلىرى پۈتۈنلەي تۈگەيدۇ' دېگەن سۆز بولسا غەرەزلىك ئېيتىلغان سۆز.
بۇ يىل مەملىكەتلىك سۇ ئىشلار يىغىنىدا سۇنىڭ باھاسىنى ئۆستۈرۈش مەسىلىسى ئوتتۇرىغا قويۇلدى
ئوبزوردا بايان قىلىنىشىچە، خىتاي دۆلەت كابىنتى 2007 - يىلى 12 - ئايدا قىزىلباشلىق ھۆججەت تارقىتىپ، ئۆزىنىڭ ئۇچۇر ۋاستىلىرى ئارقىلىق 'سۇنى ناھايىتى تېجەپ سەرپ قىلغاندىمۇ، 2030 - يىلىغا كەلگەندە جۇڭگودا سۇ مەنبەلىرى پۈتۈنلەي تۈگەيدۇ' دەپ تەشۋىق قىلىشقا باشلىغاندىن كېيىن،خىتاي ھۆكۈمىتى 2008 - يىلى 1 - ئايدا، خاڭجۇ شەھىرىدە تازا قار يېغىۋاتقان بىر كۈنى، پۈتۈن مەملىكەتتىكى سۇ ئىشلار نازارەتلىرىنىڭ نازىرلىرىنى چاقىرىپ كېلىپ يىغىن ئېچىپ، يىغىندا تەبىئىي ھۆل-يېغىن ئازلاپ، سۇ مەنبەلىرى يېتىشمەيۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭ ئۈچۈن سۇ باھاسىنى ئۆستۈرۈشكە مەجبۇر بولۇۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ئوبزوردا تەھلىل قىلىنىشىچە، زامانىمىزدا خەلق تۇرمۇشىدا نېفىت، توك، سۇ كەم بولسا بولمايدىغان ئاساسىي ئەشيا. خەلق بۇنىڭسىز ياشىيالمايدۇ. مۇشۇ نېفىت، توك، سۇ بايلىقلىرىنى ئاچىدىغان ۋە ئۇنىڭغا ئىگىدارچىلىق قىلىدىغان شىركەتلەرنىڭ ھەممىسى دۆلەت ئىگىلىكىدىكى شىركەتلەر. بۇ شىركەتلەرنىڭ ئىگىسى بولغان كوممۇنىست خىتاي ھۆكۈمىتى 'ئېھتىياج بىلەن تەمىنلەشنىڭ مۇناسىۋىتىنى تەڭشەش' دېگەن نام ئاستىدا، ئاۋۋال يېقىلغۇ نېفىتنىڭ باھاسىنى ئۆستۈردى. كەينىدىنلا توكنىڭ باھاسىنى ئۆستۈردى. ئەمدى نۆۋەت سۇنىڭ باھاسىنى ئۆستۈرۈشكە كەلگەندەك قىلىدۇ. ئەمدى كوممۇنىست پارتىيە خەلققە ئەڭ كېرەكلىك بولغان سۇنىڭ باھاسىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن 'سۇنى ناھايىتى تېجەپ سەرپ قىلغاندىمۇ، 2030 - يىلىغا كەلگەندە جۇڭگودا سۇ مەنبەلىرى پۈتۈنلەي تۈگەيدۇ' دېگەننى 'ئىلمىي يەكۈن' دەپ باھانە قىلىشى مۇمكىن.
يېقىلغۇ، توك ۋە سۇنىڭ باھاسى ئۆسسە ئۇنىڭدىن دۆلەتلا بەھرىمان بولىدۇ
ئوبزوردا تەھلىل قىلىنىشىچە، ئەگەر كوممۇنىست خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ بۇ 'ئىلمىي تەرەققىيات نوقتىئىي نەزىرى' گە ئاساسەن سۇنىڭ باھاسىنى ئۆستۈرسە، ئۇنىڭ بىلەن خەلققە ئادەتتە ئىچىدىغان تۇرۇبا سۈيىنىڭ باھاسى ئۆسۈپلا قالماي، بەلكى دېھقانچىلىققا ئىشلىتىلىدىغان سۇنىڭ باھاسىمۇ ئۆسىدۇ، بۇلغانغان سۇنى بىر تەرەپ قىلىشنىڭ باھاسىمۇ ئۆسىدۇ، بۇ 'باھا ئۆستۈرۈش'تىن دۆلەت يەنى كوممۇنىست پارتىيىلا مەنپەئەت ئالىدۇ، ئەمما خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ بۇ 'ئىلمىي تەرەققىيات نوقتىئىي نەزىرى' نىڭ زەربىسىدە خەلق ئەڭ ئاساسىي تۇرمۇش مەنبەسى جەھەتتە تېخىمۇ كۆپ قېيىنچىلىققا دۇچ كېلىدۇ، تېخىمۇ كۆپ ئەركىنلىكتىن مەھرۇم قالىدۇ. (ۋەلى)