‏ئۇيغۇر دېھقانلىرى خىتاي ئۆلكىلىرىگە ئىشچىلىققا ئېلىپ كېتىلگەن بالىلىرىنىڭ ھالىدىن ئەندىشە قىلماقتا

0:00 / 0:00

ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەر قايسى ۋىلايەت ‏- ئوبلاست ھەمدە ناھىيىلىك ھۆكۈمەتلىرى باشقۇرۇۋاتقان تور بەتلەردە ئېلان قىلىنىۋاتقان خەۋەرلەردىن مەلۇمكى، نۆۋەتتە ئۇيغۇر ياشلىرىنى خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى زاۋۇتلارغا ئۇزىتىش يۇقىرى دولقۇنى ھاسىل بولغان.

دېھقانلارنى "يۆلەش" تىكى يېڭىچە ئۇسسۇل

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ھۆكۈمەت ھۆججەتلىرىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ياش دېھقان ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەش ئىستراتېگىيسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن، ھەر بىر ناھىيە ھەم يېزىلىق پارتكوم ۋە ھۆكۈمەتلەرگە ۋەزىپە چۈشۈرگەن، شۇنداقلا جايلاردىن مەخسۇس بىر كادىرنى ياش ئەمگەك كۈچلىرىنى خىتايغا يوللاشقا مەسئۇل قىلغان. شۇنداقلا بۇ كادىرنىڭ قانچىلىك ئۇيغۇر ياشنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە ئىشچىلىققا ئەۋەتىش ۋەزىپىسىنى تاماملىغانلىقىنى يىل ئاخىرىدىكى خىزمەت نەتىجىسى سۈپىتىدە باھالاشنى بېكىتكەن. بۇنىڭ بىلەن مەزكۇر ۋەزىپىگە قويۇلغان ئۇيغۇر يېزا كادىرلىرى ئۆيمۇ ‏- ئۆي كىرىپ دېھقانلارنى بالىلىرىنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە ئەۋەتىشكە كۆندۈرۈش ئۈچۈن تەشۋىقات ئېلىپ بارغان، ھەتتا بەزى كادىرلار تەھدىت قىلىش، مەجبۇرلاشتىنمۇ باش تارتمىغان.

قەشقەر يېزىلىرىدا بۇ ئىشقا مەسئۇل كادىرلار " بىرىنى سىرتقا چىقىرىپ، بىر كاپام ئاشنى تېجەپ كىرىم قىلىپ، بىر ئائىلىنى يۆلەش" دېگەن پرىنسىپ بويىچە ئىش تۇتۇۋاتقان بولسا، خوتەننىڭ بەزى جايلىرىدا ھەتتا" ئىككى ئائىلىدىن ئۈچ ئەمگەك كۈچىنى سىرتلارغا يۆتكەش" دېگەندەك پرىنسىپلارنى تۈزۈۋېلىپ تېخىمۇ كۆپ ئۇيغۇر ياشلىرىنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە ئىشچىلىققا ماڭدۇرۇش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلماقتا ئىكەن.

يېزىلاردىن تاللانغان بۇ ئۇيغۇر ياشلىرى خىتاي ئۆلكىلىرىگە مېڭىشتىن بۇرۇن مەخسۇس قىسقا مەزگىللىك خىتاي تىلى، قانۇن -ئىنتىزام تەربىيىلىرىدىن ئۆتكەندىن باشقا، ھەربىي مەشىققە قاتناشتۇرۇلغان. قەشقەرنىڭ يەكەن ناھىيىلىك ھۆكۈمەت خەۋەرلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ يېزىدىن يەتتىنچى تۈركۈمدە چىڭداۋغا ئەۋەتىلمەكچى بولغان يۈزدىن ئارتۇق قىزلار قاتتىق ھەربىي مەشىققە سېلىنغان.

"ئۆز مەيلى" بىلەن خىتايدا ئىشلەشكە ئەۋەتىلگەن قىزلارنىڭ زارى

ئىگىلىشىمىزگە قارىغاندا، خىتاي ئۆلكىلىرىدە ئېچىلغان زاۋۇت ‏- كارخانىلاردا ئىشلەشكە توختاملاشقان ساددا دېھقان ياشلىرى، ھۆكۈمەتنىڭ ئۇلارغا تۆۋەن بولغاندا 600 يۈئەن يۇقىرى بولغاندا 1400 يۈئەنگىچە مائاش بېرىلىدىغانلىقى، ئەۋزەل تۇرمۇش ھەمدە خىزمەت شارائىتلىرىغا، ياخشى مۇئامىلە ھەمدە ئىمتىيازلارغا ئېرىشىدىغانلىقى ھەققىدىكى تەشۋىقاتلىرى بىلەن، كۆڭلىگە ئازراق كىرىم قىلىپ ئائىلىنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىغان، ئىشقا ئورۇنلىشىدىغان، تەرەققىي قىلغان شەھەرلەرنى كۆرىدىغان بولدۇم دېگەندەك ئارزۇ ئارمانلارنى پۈكۈپ، يۇرتىدىن، ئاتا ‏- ئانىسىدىن ئايرىلىپ ھەر جەھەتتىن پەرقلىق بولغان خىتاي ئۆلكىلىرىگە بارغاندا پەقەت قاتتىق مەجبۇرىي ئەمگەك، ھەربىيچە قاتتىق تۈزۈم ھەتتا خارلاشقا ئۇچرىماقتا ئىكەن.

قەشقەرنىڭ يەكەن ناھىيىسىنىڭ بەشكەنت يېزىسىدىن بىر دېھقان، چىڭداۋدىكى مەلۇم كىيىم ‏- كېچەك زاۋۇتىغا ئېلىپ كېتىلگەن قىزىنىڭ تېلېفوندا يىغلاپ تۇرۇپ ئۆزىنى قايتۇرۇپ كېلىش ھەققىدە ئۆتۈنۈپ قىلغان سۆزلىرىنى ئاڭلاپ، مەيلى قانچىلىك زىيان تارتىشتىن قەتئىي نەزەر قىزىنى قايتۇرۇپ كېلىشنى ئويلاۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

بۇ دېھقاننىڭ بىلدۈرۈشىچە، بالىلىرىنىڭ ھالىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقان نۇرغۇن ئاتا ‏- ئانىلار ئۆزىگە ئوخشاش بالىلىرىنى قايتۇرۇپ كېلىشنى ئويلاۋاتقان بولسىمۇ، سىياسىي ھەمدە ئىقتىسادىي بېسىملار تۈپەيلى ئامالسىز قالماقتا ئىكەن.

ھۆكۈمەت كادىرلىرىنىڭ جاۋابى

بىز دېھقانلارنىڭ خىتاي ئۆلكىلىرىگە ئېلىپ كېتىلگەن بالىلىرىنى قايتۇرۇپ كېلىش ھەققىدىكى ئەرزلىرىگە مۇناسىۋەتلىك دائىرىلەرنىڭ قانداق مۇئامىلىدە بولۇۋاتقانلىقىنى ئىگىلەش ئۈچۈن قەشقەرنىڭ يەكەن ناھىيىلىك ھۆكۈمەت ھەمدە بەزى يېزىلىق ھۆكۈمەتنىڭ ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەش ئىشخانىلىرىغا تېلېفون قىلغان بولساقمۇ ئەمما، ئىنكار قىلىش ياكى قەستەن بىلمەسكە سېلىۋېلىشتەك مۇئامىلىلىرىگە ئۇچرىدۇق. بىز يەكەننىڭ بەشكەنت يېزىسىدىن ياشلارنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە ئەۋەتىشكە مەسئۇل كادىرىدىن خىتاي ئۆلكىلىرىگە ئەۋەتىلگەن ياشلارنىڭ ئەھۋالىنى سورىغان بولساقمۇ، ئەمما بۇ ئايال كادىر، باشقىچە جاۋاب بەردى.

يەكەن ناھىيىلىك ھۆكۈمەت ئىشخانىسىدىن ئەمگەك كۈچلىرىنى سىرتلارغا يۆتكەش ئىشلىرىغا مەسئۇل كادىرنى سورىدۇق. گەرچە بىز بۇ كادىرنىڭ ئېيتقىنى بۇيىچە يەكەن ناھىيىلىك پارتكومنىڭ ئەمگەك كۈچلىرىنى سىرتلارغا يۆتكەش ئىشخانىسىغا تېلېفون قىلغان بولساقمۇ، بۇ ئىشخانىدىكىلەر بولسا بىزنىڭ ئامېرىكىدىن تېلېفون قىلىۋاتقىنىمىزنى بىلىپ، ئۆز كادىرىنىمۇ تونىماسقا سېلىۋالدى.

ئۇيغۇر يېزىلىرىدىن خىتاي ئۆلكىلىرىگە ئېلىپ كېتىلىۋاتقان ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ ئەھۋاللىرىغا قىزىقسىڭىز، كېيىنكى قېتىملىق ئاڭلىتىشىمىزدا خىتاي ئۆلكىلىرىدە ئۇيغۇر ياشلىرىنى ئىشلىتىۋاتقان زاۋۇت ھەمدە ئۇيغۇر ئېلىدىكى مۇناسىۋەتلىك يۇقىرى دەرىجىلىك ئورگانلاردىن ئىگىلىگەن مەلۇماتلىرىمىزغا داۋاملىق دىققەت بېرىشنى ئۇنۇتمىغايسىز. (گۈلچېھرە)