خىتاي ئاخبارات ۋاستىلىرى 29 - مارت ۋە 31 - مارت كۈنلىرى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ يەكەن ناھىيىسىدىن 500 نەپەر قىزنى، يېڭى شەھەر ناھىيىسىدىن 330 نەپەر ياشنى خىتاينىڭ شەندۇڭ ئۆلكىسى چىڭداۋ شەھىرىدىكى كېيىم - كېچەك زاۋۇتلىرىدا ئىشلەش ئۈچۈن ئېلىپ كەتكەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.
مەتبۇئاتلاردا ئىلگىرى، بۇنىڭغا ئوخشاش خەۋەرلەر ئىزچىل تۈردە ئېلان قىلىنىپ كەلگەن بولۇپ، تېخى ئىككىنچى ئايدىلا يەكەن ئەمگەك كۈچلىرىنى خىتايغا يۆتكەش پىلانى بويىچە، چىڭداۋدىكى شىڭيۇڭئەن كېيىم - كېچەك زاۋۇتىغا 500 نەپەر قىز ئېلىپ كېتىلگەن ئىدى. خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ يىل يەكەن ناھىيىسىدىن خىتاي ئۆلكە ۋە شەھەرلىرىگە يۆتكىلىدىغان ئەمگەك كۈچىنىڭ سانى 6000 دىن ئاشۇرۇلىدىكەن.
خىتايغا يۆتكىلىدىغان ئۇيغۇرلارنىڭ سانى داۋاملىق ئاشۇرۇلماقتا
قەشقەرنىڭ يېڭىشەھەر ناھىيىسىدە بولسا 3 - ئايدىن بۇيان 3 تۈركۈم، جەمئى 564 كىشى خىتاي ئۆلكىلىرىدە ئىشلەشكە يولغا سېلىنغان. بۇ نۆۋەت يەنى 31 - مارت كۈنى چىڭداۋغا يولغا سېلىنغان ياشلار ئاساسەن يېڭى شەھەر بازىرى، باغچا يېزىسى، قۇمۇش ئېرىق يېزىسى ۋە خانئېرىق بازىرىدىن تەشكىللەنگەن. خىتاي مەتبۇئاتىدا 2006 - يىلى يېڭى شەھەر ناھىيىسىدىن سىرتقا يۆتكەپ ئىشلىتىلگەن ئادەم سانى 36 مىڭ 700 ئادەم قېتىمغا يەتكەنلىكى ئاشكارىلانغان ھەمدە بۇ يىل يېڭى شەھەر ناھىيىسىدىن خىتاي ئۆلكىسىدە ئۇزۇن مۇددەت ئىشلەيدىغان ئادەم سانىنى 8000 غا يەتكۈزۈش پىلان قىلىنغان.
ئىلگىرى ئىستانسىمىز ئىگىلىگەن مەلۇماتتىن، بۇ يىل پەقەت پىچان ناھىيىسىدىن خىتاي شەھەرلىرىگە ئورۇنلاشتۇرىدىغان ئىشچى قىزلارنىڭ سانىنىڭ 5000 ئىكەنلىكى ئىسپاتلانغان ئىدى.
بۇنىڭدىن سىرت يېڭىسار ناھىيىسىدىن خىتاي ئۆلكىسىگە 185 نەپەر قىز يولغا سېلىنغان بولۇپ، ئەڭ كېچىكىنىڭ يېشى 16، چوڭىنىڭ 22 ياش ئىكەن.
"غەمخورلۇق" ئارقىسىدىكى خورلۇق
خىتاي ئورگان مەتبۇئاتلىرى ۋە ئىستانسىمىزنىڭ بىۋاستە ئىگىلىگەن مەلۇماتلىرىدىن قارىغاندا، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئەمگەك كۈچلىرىنى بولۇپمۇ ياش ئۇيغۇر قىز - چوكانلىرىنى ئاساس قىلغان ئىشچىلارنى خىتاي شەھەرلىرىدىكى زاۋۇت - كارخانىلارغا ئورۇنلاشتۇرۇشتىكى مەقسىتى، ئىشسىزلىق مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ۋە ئىشسىز قالغان نامرات ئۇيغۇر دېھقانلىرىنى ھاللىق سەۋىيىگە يەتكۈزۈش بولۇپ، بۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي بولمىغان مىللەتلەرگە يەتكۈزىۋاتقان غەمخورلۇق سىياسىتى ھېسابلىنىدىكەن.
لېكىن ئۇيغۇر ئېلىدىن ئىستانسىمىزغا كەلگەن ئىنكاسلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلىدىغان ئىشچىلار چوقۇم 30 ياشتىن تۆۋەن بولۇشى ۋە ياش قىزلارنى ئىشقا قوبۇل قىلىش شەرت قىلىنغان بولۇپ، بەزى جايلاردا ھەتتا ئاتا - ئانىلارنىڭ رەت قىلىشىغا قارىماي، ئۇلارنىڭ بالىلىرى مەجبۇرىي ئېلىپ كېتىلگەن.
چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىدىن، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ رەئىسى ۋە ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ باش كاتىپى، ئالىم سېيىتوف ئەپەندى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رېشىت ئەپەندى بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر قىزلىرىنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكەشتىكى مۇددىئاسى ھەققىدە قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. (ئەقىدە)