0:00 / 0:00
گېرمانىيىدە سىياسىي پاناھلىق تىلىگەن بەزى ئۇيغۇرلارنىڭ تەلىپى رەت قىلىنىپ، خىتايغا مەجبۇرىي قايتۇرۇلۇش مەسىلىلىرى بىر قانچە قېتىم يۈز بەردى ھەم بۇ ئارىدا پاجىئەلەرمۇ كۆرۈلدى مۇشۇنىڭغا ئوخشاش سىياسىي پاناھلىق تىلىگەندىن كېيىن ئۇيغۇر ئېلىگە ئۆزلىگىدىن ياكى مەجبۇرى قايتۇرۇلغان ئۇيغۇرلارنىڭ تەقدىرى مەسىلىسى نۆۋەتتە چەتئەللەردە تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇرلار جىددى بۆلۈۋاتقان مەسىلىلەرنىڭ بىرى بولۇپ قالدى.
بۇ مۇناسىۋەت بىلەن گېرمانىيىدىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئەكرەم ئىلگىرى سىياسىي پاناھلىق ئىلتىماسى گېرمانىيە تەرەپتىن رەت قىلىنىپ خىتايغا قايتىپ كەتكەن بەزى كىشىلەرنىڭ خىتاينىڭ قانداق بېسىملىرىغا دۇچ كەلگەنلىكى ھەم ئۇلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋاللىرى ھەققىدە ئىگىلىگەن مەلۇماتلىرىنى ئاڭلىتىمىز.