سەئۇدى ئەرەبىستاندىن خىتايغا قايتۇرۇلغان ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدە خىتاينىڭ قولى بار

0:00 / 0:00
xitay-seudi.jpg
خىتاي مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى رېن يۈلىن 2007 – يىلى 25 – فېۋرال كۈنى سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ جەددە شەھىرىدە ئېچىلغان يىغىندا. ئۇيغۇرلار يېقىندا ئىككى ئۇيغۇرنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلىشىدا بېيجىڭنىڭ قولى بار دەپ قارىماقتا. AFP

يېقىندا ھەبىبۇللا ئەلى ۋە سابىر ئىسملىك ئىككى ئۇيغۇر ياشنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستاندىن خىتايغا قايتۇرۇلغانلىقى، بولۇپمۇ سەئۇدى ئەرەبىستاندا تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئەنسىزلىك ياراتقان، بولۇپمۇ سەئۇدى ئەرەبىستاندىن خىتايغا قايتۇرۇلغان بەزى ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ ئىز دىرەكسىز غايىب بولۇشى ۋە بەزىلەرنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تۈرمىگە تاشلانغانلىقى سەئۇدى ئەرەبىستاندا قانۇنلۇق تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇرلارنىمۇ ئەندىشىگە سالماقتا.

سەئۇدى ئەرەبىستان دائىرىلىرى، ھەبىبۇللا ۋە سابىرنىڭ مەزكۇر دۆلەتتە قانۇنسىز تۇرغانلىقى ئۈچۈن خىتايغا قايتۇرۇلغانلىقىنى بايان قىلماقتا. ئەمما، سەئۇدى ئەرەبىستاندا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار، بۇندىن بۇرۇنمۇ سەئۇدى ئەرەبىستاندا قانۇنسىز تۇرغان ئۇيغۇرلارنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستان ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تۇتۇلغانلىقىنى، ئەمما سەئۇدى ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇلارنى خىتايغا قايتۇرماي، ئۇلارنىڭ ئۈچىنچى بىر دۆلەتكە چىقىپ كېتىشىگە رۇخسەت قىلغانلىقىنى تەكىتلەپ، بۇ يېقىندا سەئۇدى دائىرىلىرى تەرىپىدىن قانۇنسىز تۇرۇۋاتىدۇ دەپ تۇتۇلغان ئۇيغۇرلارغا بۇنداق بىر پۇرسەت بېرىلمىگەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە.

سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى خىتاي باش ئەلچىخانىسىنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستاندا خىتاي پاسپورتى بىلەن تۇتۇلغان ئۇيغۇرلارنى دەرھال خىتايغا قايتۇرۇپ كېتىش ئۈچۈن، سەئۇدى ھۆكۈمىتى ئالدىدا جىددىي تەشەببۇستا بولۇشى، يېقىندا سەئۇدى ئەرەبىستاندىن خىتايغا قايتۇرۇلغان ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلىسىدە خىتاينىڭ رولى بارلىقى ھەققىدە ئۇيغۇرلار ئارىسىدا گۇمان قوزغىماقتا.

بەزى ئۇيغۇرلارنىڭ ئېيتىشىچە، سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن ئۇيغۇر ئېلى ئوتتۇرىسىدا بىۋاستە ئايروپىلان سەپەرلىرىنىڭ يولغا قويۇلۇشى، سەئۇدى ئەرەبىستاندا قانۇنسىز تۇرغان دەپ قولغا ئېلىنغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئۈچىنچى بىر دۆلەتكە چىقىپ كېتىشىگە رۇخسەت بىرىلمەي، خىتايغا قايتۇرۇلۇشىدا مۇھىم رول ئوينىغان.

زىيارىتىمىزنىڭ قوبۇل قىلغان سەئۇدى ئەرەبىستاندا ياشاۋاتقان ئەخمەت مۆمىن ئەپەندىم، يېقىندا ھەبىبۇللا ئەلى ۋە سابىر قاتارلىق ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستاندىن خىتايغا قايتۇرۇلۇش مەسىلىسى ئۈستىدە توختالدى.