خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ياش ئۇيغۇر قىزلىرىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش باھاسىدا خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكەشتىكى ھەقىقىي مەقسىتى نېمە؟
2007.01.16
يېقىندا قەشقەر ۋىلايەتلىك ھۆكۈمەت ئاخبارات تور بېتىدە يوپۇرغا ناھىيىسىنىڭ 2006 - يىلى بىر يىل ئىچىدە جەمئىي 2450 نەپەر ئىش كۈتۈپ تۇرغۇچىنىڭ خىتاي ئۆلكىلىرىگە خىزمەتكە ئورۇنلاشتۇرۇش پىلانىنى ئورۇنلاپ بولغانلىقى ھەققىدە خەۋەر بېرىلدى.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە يوپۇرغا ناھىيىسىنىڭ ھەر قايسى يېزا كەنتلىرىدىن خىتاي ئۆلكىلىرىگە ئەۋەتىلگەن بۇ دېھقانلار، ھۆكۈمەتنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن مۇلازىمەت ھەمدە كىيىم كېچەك پىششىقلاپ ئىشلەش كەسىپلىرى بويىچە قىسقا مەزگىل تەربىيىلەنگەندىن كېيىن خىتاي ئۆلكىلىرىدە مۇناسىۋەتلىك كەسىپلىرىگە خىزمەتكە ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئىكەن.
ئىلگىرىمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ قەشقەر، خوتەن ئاقسۇ ھەمدە ئىلى قاتارلىق جايلىرىدىن كىرىمى تۆۋەن دېھقانلارنى، بولۇپمۇ ئۇيغۇر قىزلارنى تۈركۈملەپ خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى زاۋۇت كارخانىلارغا خىزمەتكە ئورۇنلاشتۇرۇشقا ئېلىپ كەتكەنلىكى ھەققىدە مەلۇماتلارغا ئىگە بولغان ئىدۇق. گەرچە خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدىن كىرىمى تۆۋەن دېھقانلارنى ھەمدە ئىشسىز ياشلارنى كىرىم مەنبەسىگە ئىگە قىلىش ئۈچۈن خىتاينىڭ چوڭ شەھەرلىرىگە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش پىلانىنى ئىشقا ئاشۇرىۋاتقانلىقىنى تەشۋىق قىلىۋاتقان بولسىمۇ ئەمما ھۆكۈمەتنىڭ بۇ پىلانىدا ئاساسلىق قىز ئاياللارنىلا تاللاش ئوبيېكىت قىلىۋاتقانلىقى نۇرغۇن ئۇيغۇرلارنىڭ گۇمانلىرىنى قوزغىغان. چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلار ھەتتا بۇنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىرقىي جەھەتتىن ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش سۇيىقەستى يوشۇرۇنغان پىلان دەپمۇ باھالاشقان ئىدى.
بىز بۇ خىل پىكىر ھەم كۆز قاراشلارنىڭ ئاساسىي بار يوقلىقى شۇنداقلا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە خىزمەتكە ئورۇنلاشتۇرۇش پىلانىنى قانداق ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىغا دائىر مەلۇماتلارغا ئىگە بولۇش ئۈچۈن قەشقەر يوپۇرغا ناھىيىسىنىڭ يېزىلىرىغا تېلېفون قىلدۇق.
يوپۇرغا قەشقەرنىڭ ئاساسەن ئۇيغۇرلار ئولتۇراقلاشقان يېزا ئىگىلىكنى ئاساس قىلغان كىچىكرەك ناھىيىلىرىنىڭ بىرى. شۇنداقلا بۇ ناھىيە ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى بويىچە نامرات ناھىيىلەر قاتارىدا سانىلىدۇ. مەزكۇر ناھىيىدىن بىر يىل ئىچىدە 2500 گە يېقىن ياش قىزلارنىڭ خىتاي ئىچىدە ئۇيغۇر ئېلىگە ئەڭ يىراق بولغان شەندۇڭ ئۆلكىسىگە، يەنى ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىنىڭ پارتكوم سېكرېتارى ۋاڭلېچۇئەننىڭ يۇرتىغا يۆتكىلىشى يېزا دېھقانلىرىدا، ئاتا ئانىلاردا قانداق ئىنكاسلارنى پەيدا قىلدى؟ خىتاي ئۆلكىلىرىگە خىزمەتكە ئورۇنلاشتۇرۇش باھانىسىدا ئېلىپ كېتىلگەن ئۇيغۇر ياش دېھقان قىزلىرىنىڭ خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى تەقدىرى قانداق بولماقتا ؟ بۇ ھەقتە كېيىنكى پروگراملىرىمىزدا سىلەرنى يەنىمۇ تەپسىلى مەلۇماتلارغا ئىگە قىلىشقا تىرىشىمىز.
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- پەيزىۋاتلىق ئۇيغۇر قىزلار ئىچكىرى ئۆلكىلەردە ئىشلەشكە مەجبۇرى ئېلىپ كېتىلدى
- ئۇيغۇر دىيارىدىكى نامرات ئىشسىز ياشلار شېنجېنغا ئاپىرىلىدىكەن
- خىتايدا 2005 – يىلىمۇ يەنە مىڭلىغان ئادەم ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى
- ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ ئىچكىرىگە مەجبۇرىي ئېلىپ كېتىلىشىگە ئائىت ھەقسىز لىنىيە سۆھبىتى
- خىتاي ھۆكۈمىتى پەقەت پەيزىۋات ناھىيىسىدىلا 400 نەپەر ئۇيغۇر قىزنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكەپ كەتتى
- خىتاي ئۆلكىلىرىگە ئالداپ كېتىلگەن ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ تەقدىر- قىسمەتلىرىدە يەنىلا ئۆزگىرىش يوق
- ئامېرىكا ئادەم ئەتكەسچىلىكى مەسىلىسى ھەققىدە دوكلات ئېلان قىلىپ خىتاينى تەنقىدلىدى
- بالىلارغا بايراملىق تىلەكلەر
- شۋېتسىيىدىكى ئىككى خىتاي پۇقراسى ئادەم سودىسى بىلەن شۇغۇللانغانلىقى سەۋەبىدىن قولغا ئېلىنغان