خىتاي ئۆلكىلىرىگە ئېلىپ كېتىلگەن ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ تەقدىرى ئۇيغۇرلاردا ئەندىشە پەيدا قىلماقتا


2007.01.17

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنى ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە ئاپىرىپ ئىشلىتىش پىلانىدا پەقەتلا قىزلارنىلا ئوبېيكتا قىلىۋاتقانلىقى شۇنداقلا ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە توي قىلمىغان بولۇشنى شەرت قىلىشى ئۇيغۇرلاردا گۇمانلارنى پەيدا قىلغان.

بىر ئاي ئىلگىرى بىز ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ پەيزىۋات ناھىيىسى غولتوغراق يېزىسىدىن خىتاينىڭ تيەنجىن ۋە بېيجىڭ قاتارلىق شەھەرلىرىدە ئىشلەشكە 400 نەپەر ئۇيغۇر قىزنىڭ يوللانغانلىقىنى شۇنداقلا بۇ ئۇيغۇر قىزلىرىنى توي قىلمىغان بولۇشتىن سىرت يەنە چىراي ھەمدە بوي تۇرقىنىڭ قاملاشقان بولىشى دېگەندەك شەرتلەرگە ئاساسەن تاللاپ كېتىلگەنلىكى ھەققىدىمۇ تەپسىلى مەلۇماتلار بەرگەن ئىدۇق.

بىزگە بۇ ھەقتە ئۇچۇر بەرگەن ئۇيغۇرلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ توي قىلىش يېشىدىكى ئۇيغۇر قىزلىرىنى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن تاللاپ، خىتاي ئۆلكىلىرىگە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش باھانىسىدا تۈركۈملەپ ئېلىپ مېڭىۋاتقانلىقىنى ئەمما بۇ ئىچكىرىگە يولغا سېلىنغان قىزلارنىڭ ھەقىقى سانىنى ئىگىلەش مۈمكىنچىلىكىنىڭ يوقلىقىنى ئەسكەرتمەكتە.

ئىگىلىشىمىزگە قارىغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر قىزلىرىنى ئىچكىرىگە يۆتكەش پىلانى، ناھىيىلىك ھۆكۈمەت تەرىپىدىن بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، ناھىيىلىك ھۆكۈمەت ناھىيە تەۋەسىدىكى ھەر قايسى يېزا ۋە كەنتلەرگە سان چۈشۈرۈپ بەرگەن. بەزى كەنت ۋە ئەترەت باشلىقلىرى بۇ ساننى تولدۇرۇش ئۈچۈن ھەتتا دېھقانلارنى مەجبۇرلاشتىنمۇ باش تارتمىغان. گەرچە خىتاي دائىرىلىرى نېمە ئۈچۈن ئۇيغۇر ئەركەكلىرىنىڭ ئىچكىرىگە ئىشلەشكە ئېلىپ بېرىلمايدىغانلىقىنى ۋە ئۇيغۇر قىزلىرىغا نېمە ئۈچۈن توي قىلمىغان، چىرايلىق قىزلار بولۇش شەرتى قويۇلىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرمىگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇيغۇر ئىشلەمچىلەرنى ئىچكىرى ئۆلكىلەردە ئىشلەشكە ئورۇنلاشتۇرۇش ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ كىرىم مەنبەئەسىنى ئاشۇرۇشتىكى مۇھىم قاناللارنىڭ بىرى، دەپ ئەسكەرتىمەكتە.

سىلەرنى ئالدىنقى پروگراممىمىزدا مەلۇماتلار بىلەن تەمىن ئەتكىنىمىزدەك، بىر يىل ئىچىدە يوپۇرغا ناھىيىسىدىن خىتاينىڭ شەندۇڭ ئۆلكىسىگە ئېلىپ كېتىلگەن 2450 نەپەر قىزنىڭ ھەممىسى توي قىلمىغان 15 ياشتىن 22 ياشقىچە بولغان ئۇيغۇر قىزلىرى بولۇپ، ئۇلارنىڭ تەقدىرى مەسىلىلىرى بىر قىسىم ئاتا - ئانىلارنى ھەمدە ئۇيغۇرلارنى ئەندىشىگە سالماقتا ئىكەن. بۇ ھەقتە يوپۇرغا ناھىيىسىدىن بىر دېھقان تېلېفون زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر قىزلىرىنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە خىزمەتكە ئورۇنلاشتۇرۇش پىلانىدىن گۇمانلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى: گەرچە خىتاي ھۆكۈمىتى توي قىلمىغان ياش ئۇيغۇر قىزلىرىنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە تۈركۈملەپ يۆتكەش ھەرىكىتىنى، يەرلىك خەلقنىڭ ئىشسىزلىق، نامراتلىق مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتىكى ئىستىراتېگىيىلىك پىلان دەپ ئاتاۋاتقان بولسىمۇ ئەمما نۇرغۇن ئۇيغۇرلار بولۇپمۇ چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى بۇنى خىتاينىڭ ئىرقىي جەھەتتىن ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش غەرىزى يوشۇرۇنغان مەقسەتلىك پىلان دەپ نارازىلىق بىلدۈرمەكتە.

ئۇيغۇرلارنىڭ مەنىۋى ئانىسى، ئاتاغلىق كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى رابىيە قادىر خانىم خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر قىزلىرىنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكەش پىلانىغا ئىنتايىن دىققەت بىلەن قاراۋاتقانلىقى شۇنداقلا بۇ ئۇيغۇرلار ئورتاق كۆڭۈل بۆلۈپ توسۇپ قېلىشقا تېگىشلىك ھەرىكەت ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. (گۈلچېھرە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.