پىچان ناھىيىسىدىكى بىر تۈركۈم ئۇيغۇر قىزلىرى خىتاي ئۆلكىسىگە خىزمەتكە ئورۇنلاشتۇرۇلدى
2007.02.13
شىنجاڭ خەۋەر تورىنىڭ يېقىندا بەرگەن ئۇچۇرىدا، تۇرپان ۋىلايىتى پىچان ناھىيىسىدىن 167 نەپەر ئۇيغۇر ياشنىڭ خىتاينىڭ جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ خەييەن ناھىيىسىدىكى بىر كېيىم - كېچەك زاۋۇتىغا ئىشلەشكە ئەۋەتىلگەنلىكى خەۋەر قىلىندى. بۇنىڭدىن ئىلگىرى خىتاي ئاخبارات ۋاستىلىرى يەنە، پەيزىۋات قاتارلىق ناھىيىلەردىن مەخسۇس ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ ئىچكىرىدىكى خىتاي ئۆلكىلىرىدە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقىنى، ئۆتكەن يىلى پەيزىۋاتتىن بىر قېتىمدىلا 400 قىزنىڭ ئارقىدىن يەنە 200 قىزنىڭ ئىچكىرىگە ئېلىپ كېتىلگەنلىكىنى مەلۇم قىلغان ئىدى ھەمدە ئىنكاسلاردىن، شۇ قېتىم خىتاي ئۆلكىسىگە ئېلىپ كېتىلگەن قىزلارنىڭ سانى ھۆكۈمەت ئېلان قىلغان ساندىن خېلىلا كۆپ ئىكەنلىكى شۇنىڭدەك بۇ ۋەقەنىڭ مەجبۇرلاش خاراكتېرىگە ئىگە بولغانلىقى ئاشكارىلانغان ئىدى.
خەۋەردە پىچان ناھىيىسىدىن جېجياڭ ئۆلكىسىگە ئېلىپ كېتىلگەن بۇ 167 نەپەر ياشنىڭ جىنسى تەركىبى ئېيتىلمىغان بولغاچقا بىز، پىچان ناھىيىسىگە تېلېفۇن ئۇردۇق.
خىتايغا يۆتكەلگەنلەرنىڭ 95 % قىزلار
پىچان ناھىيىلىك پويىز ئىستانسىسىنىڭ باشلىقى ۋۇگۇيتۇڭ، جېجياڭنىڭ خەييەن ناھىيىسىدىكى كىيىم - كېچەك زاۋۇتىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئىشچىلار ھەققىدىكى خەۋەردىن ئۆزىنىڭ تولۇق خەۋىرى بار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، بىزگە بۇ ھەقتە تەپسىلىي مەلۇمات بەردى.
ئۇ سۆزىدە "بىزنىڭ پىچان ناھىيىمىزدىن دەسلەپ 68 ئادەم، كېيىنكى قېتىمدا 178 ئادەم ئىچكىرىگە ئەۋەتىلدى. ئاساسلىقى يېزىلاردىكى ئاياللار يەنى 100 دە 95 % ئى ئاياللار، ئۇلارنىڭ ھەممىسى تولۇقسىز ئوتتۇرا ۋە تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتتۈرگەنلەر، ياش چەكلىمىسى بويىچە چوقۇم تولۇقسىز ئوتتۇرىنى پۈتتۈرۈش ئاساسى شەرت بولۇپ، ئۇلار ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇشقا كىرەلمىگەنلەر، بىزنىڭ تۇرپان ۋىلايىتىدە قۇرغاقچىلىق ئېغىر، سۇ كەمچىل بولغانلىقى ئۈچۈن، تېرىقچىلىق يېرى ئاز، دېھقانلارنىڭ ھەر يىلى ئالىدىغان ھوسۇلى ۋە كىرىمىمىز ئاز، شۇڭا دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى كۆپەيتىش ئۈچۈن، ناھىيىلىك ھۆكۈمەت يەنى بىزنىڭ ناھىيە باشلىقى مەخسۇس ئىچكىرى ئۆلكىگە خىزمەت تەكشۈرۈشكە بېرىپ، قايتىپ كەلگەندىن كېيىن كەڭ كۆلەمدە تەشۋىقات ئېلىپ بېرىپ، دېھقانلارنىڭ قىزلىرىنى ئىچكىرىدىكى زاۋۇتلارغا بېرىپ ئىشلەشكە چاقىرىق قىلدى. دەسلەپ ئىلتىماس قىلغۇچىلار سانى 100دىن ئارتىپ كەتتى، ئەمما رەسمىي يولغا سالىدىغان ۋاقىتتا بىر قىسىم ئاتا - ئانىلار بالىلىرىغا قىيماي قالدى، چۈنكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆرپ - ئادەتلىرىدە خۇراپاتلىق بولغاچقا، قىزلارنى يالغۇز سىرتقا يولغا سېلىش خاتا دەپ قارىلىدىكەن. ئەمما بىرىنچى تۈركۈمدىكىلەر كەتكەندىن كېيىن، ھازىر بۇ جەھەتتىكى ئاكتىپچانلىق خېلى كۈچەيدى. ئىشقا چۈشكەنلەرنىڭ ھەممىسى ئۇيغۇر، ئۇلارنىڭ يول كىراسى ئۈچۈن ناھىيە 100 يۈئەن پۇل تارقاتتى شۇنىڭدەك ئۇلارنى زاۋۇتقا ئاپىرىپ ئورۇنلاشتۇرىدىغان خادىملارنى تەيىنلىدى" دېدى.
پويىز ئىستانسىسىنىڭ باشلىقى بىزنىڭ ئۇلارنىڭ مائاشى قانچە ؟ دېگەن سۇئالىمىزغا 2 مىڭ يۈئەندىن 3 مىڭ يۈئەنگىچە دەپ جاۋاب بەردى. ئۇ سۆزىدە يەنە، ئۇيغۇر قىزلىرىنى خىتاي ئۆلكىسىدىكى زاۋۇتتا ئىشلەشكە ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىگە پىچان ناھىيىسىنىڭ ناھىيە باشلىقى پەرھات توختىنىڭ باش بولۇپ مەسئۇل بولۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
خىتايچە بىلمەيدىغان ئۇيغۇر قىزلىرىنى خىتايغا يۆتكەش كىشىلەردە سوئال تۇغدۇردى
بىز پىچان ناھىيىسىنىڭ ناھىيە باشلىقى پەرھات توختىدىن، ئوقۇش يېشىدىكى قىزلارغا زاۋۇتلاردا ئىشلەشنى تەشەببۇس قىلىشتىكى مەقسىتى، بولۇپمۇ بىر قىسىم ئاتا - ئانىلار قارشىلىق كۆرسىتىۋاتقان بىر ۋەزىيەتتە، نېمە ئۈچۈن ئۇلارنىڭ يەنە مەجبۇرلىنىۋاتقانلىقىنى سورىدۇق.
گەرچە پىچان ناھىيىسى پويىز ئىستانسىسىنىڭ باشلىقى ۋۇ گۇيتوڭ، بىزگە ئۇيغۇر قىزلىرى ئالىدىغان مائاشنىڭ 2 مىڭ يۈئەندىن 3 مىڭ يۈئەنگىچە ئىكەنلىكىنى ئېيتقان بولسىمۇ، ئەمما زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان تۇرپان رايونىدىكى بىر ئايال، تېلېۋىزوردا بۇ ھەقتە بەرگەن خەۋەردە ئۇلارنىڭ 1000 يۈئەن ئالىدىغانلىقىنى ئېيتقانلىقىنى بىلدۈردى.
چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى ئۇيغۇر ئېلىدە ياشاپ، "خىتاي تىلى بىلمەيدۇ دېگەن باھانە بىلەن ئىشقا ئورۇنلىشالمىغان ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ، پۈتۈنلەي خىتاي تىلى ئىشلىتىلىدىغان خىتاي ئۆلكىسىگە ئېلىپ بېرىلىپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشىنىڭ مەنتىقىسىز ئىكەنلىكىنى، خىتاي ئۆلكىسىگە ئېلىپ كېتىلگەن ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ تۈرلۈك كۆڭۈلسىز ئاقىۋەتلەرگە ۋە خورلاشلارغا ئۇچرايدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئاياللار كومىتېتىنىڭ رەئىسى ئايگۈل يۈسۈپ خانىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ بۇ ھەقتىكى قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
بىز پىچان ناھىيىسى پويىز ئىستانسىسىنىڭ باشلىقى ۋۇ گۇيتۇڭدىن، ھۆكۈمەتنىڭ تۇرپان ۋىلايىتىگە قاراشلىق ھەرقايسى ناھىيە ۋە يېزىلاردىن، خىتاي ئۆلكىسىگە ئەۋەتىلدىغان ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ سانىنى 5000 گە يەتكۈزىدىغانلىقىدىن خەۋەردار بولدۇق.
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- سەرگەردان ئۇيغۇر بالىلىرىغا كۆڭۈل بۆلۈشنى كۈچەيتمىسە بولمايدۇ
- خىتاي ئۇيغۇرلاردىن "ئۈچكە ئېتىبار بېرىش" نى قوبۇل قىلىشنى تەلەپ قىلماقتا
- خىتاي ئۆلكىلىرىگە ئېلىپ كېتىلگەن ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ تەقدىرى ئۇيغۇرلاردا ئەندىشە پەيدا قىلماقتا
- خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ياش ئۇيغۇر قىزلىرىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش باھاسىدا خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكەشتىكى ھەقىقىي مەقسىتى نېمە؟
- خىتاي تەتقىقاتچىسىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە ئىككىنچى ئوتتۇرا شەرق بەرپا قىلىش ئىش پىلانى
- پەيزىۋاتلىق ئۇيغۇر قىزلار ئىچكىرى ئۆلكىلەردە ئىشلەشكە مەجبۇرى ئېلىپ كېتىلدى
- بېيجىڭ ھۆكۈمىتى ئوچۇق - ئاشكارا ھالدا تېخىمۇ كۆپلىگەن خىتاي ئوقۇتقۇچىلىرىنى ئۇيغۇر ئېلىدە ئىشلەشكە ئەۋەتمەكتە
- ئۇيغۇر دىيارىدىكى نامرات ئىشسىز ياشلار شېنجېنغا ئاپىرىلىدىكەن
- قوش تىللىق مائارىپمۇ ياكى بىر تىللىق مائارىپمۇ؟
- خىتايدا 2005 – يىلىمۇ يەنە مىڭلىغان ئادەم ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى