پىچان ناھىيىسىدىكى ئۇيغۇر قىزلار خىتاي ئۆلكىسىدە قانداق ئاقىۋەتلەرگە دۇچ كېلىدۇ ؟


2007.02.14

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ يېقىندا تۇرپان ۋىلايىتى پىچان ناھىيىسىدىن 246 نەپەر ئۇيغۇر قىزنى، خىتاينىڭ جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ خەييەن ناھىيىسىدىكى بىر زاۋۇتقا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەر ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ھەر خىل قىياسلارنى مەيدانغا كەلتۈرمەكتە. ئۇلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، گەرچە بۇ مەسىلە بىر تەرەپتىن، ئىشسىز قالغان تۇرمۇشى نامرات ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ قىزلىرىنى يۇقىرى مائاش بىلەن تەمىنلەپ، ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلغاندەك كۆرۈنسىمۇ، ئەمما بۇنىڭ ئەسلى ماھىيىتى خىتاي تىل سەۋىيىسى يوق دىيەرلىك ھەمدە ئەمدىلا 14 ‏- 15 ياشقا كىرگەن كىچىك قىزلارنىڭ خىتاي ئۆلكىلىرىدە يالغۇز ياشاشقا مەجبۇرلىنىدىغانلىقى، بۇ قىزلارنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ ئىنتايىن خەۋپلىك ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدىكەن.

بۇ مەسىلىلەرنى چۆرىدىگەن ھالدا، مۇخبىرىمىز ئەقىدە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى مەمەت توختى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مەدەنىيەت ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ باشلىقى دوكتور قاھار بارات ئەپەندىلەر بىلەن بىرلىكتە سۆھبەتتە بولدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.