" بىر ئائىلىدىن بىرنى" ئېلىپ مېڭىش سىياسىتى بۇيىچە ئۇيغۇر ياشلىرى خىتاي ئۆلكىلىرىگە بېرىشقا مەجبۇرلانماقتا
2007.03.21
بۈگۈن تەڭرىتاغ تور بېتىدە بېرىلگەن خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئەمگەك كۈچلىرىنى خىتايغا يۆتكەش پىلانى بۇيىچە،-2007 يىلى ئۇيغۇر ئېلىدىن خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكەلمەكچى بولغان تەخمىنەن بىر مىليون ئىككى يۈز مىڭ ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ يېرىمىنى يەنى 600 مىڭىنى يېزىلاردىكى دېھقان ئەمگەك كۈچلىرى تەشكىل قىلىدىكەن.
شۇنداقلا ھازىر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەزكۇر پىلانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن كېيىنكى بەش يىل ئىچىدە ئۇيغۇر يېزىلىرىدا" ھەر بىر ئائىلىدىن بىر ئادەمنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكەش" سىياسىتى بۇيىچە ئىش تۇتۇۋاتقان بولۇپ ، ھەر قايسى يەرلىك يەنى يېزىلىق ھۆكۈمەتلەر ئۆز يېزىلىرىدىكى دېھقانلارنىڭ پەرزەنتلىرىنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە ئىشچىلىققا ئەۋەتىشى ھەققىدە تەشۋىقات ئىشلىرىنى كۈچەيتكەن .
ئوقۇتقۇچىلارغا "ئاز دېگەندە بىر قىزنى تېپىش" ۋەزىپە قىلىندى
گەرچە خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئېشىنچى ئەمگەك كۈچلىرىنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكەش پىلانىنى خەلقنىڭ ئىختىيارلىقى بىلەن ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى تەشۋىق قىلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇر يېزىلىرىدىكى دېھقانلاردىن ئىگىلىگىنىمىزدەك بەزى ئۇيغۇر ياشلىرى خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى زاۋۇت - كارخانىلارغا مەجبۇرىي ئېلىپ كېتىلگەن . بۇ ھەقتە قەشقەر پەيزىۋات ناھىيىسىنىڭ مەلۇم يېزىسىدىن تېلېفون زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان بىر ياش ئۆز يېزىسىدا يۈز بېرىۋاتقان ئەھۋاللارنى سۆزلەپ بەردى.
رابىيە قادىر: "بۇ يۆلەش ئەمەس ، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنى ئەرزان قۇل قىلماقتا ...."
ئۇيغۇر ئېلىدىن خىتاي ئۆلكىلىرىگە ئېلىپ كېتىلگەن يېزا ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ كۆپ ساندىكىسىنى ئۇيغۇر قىزلىرى ئىگىلەيدۇ،خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر قىزلىرىنى ياللانما ئىشچىلىققا تاللىغاندا ، "چىرايلىق بولۇش، توي قىلمىغان" بولۇش دېگەندەك شەرتلەرنى قويۇشى ، ھەتتا ئۇلارنى مەجبۇرلاپ ئېلىپ مېڭىشى چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ھەمدە ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنىڭ نارازىلىقى شۇنداقلا قارشىلىقىنى قوزغىماقتا. بۇ ھەقتە ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ يېتەكچىسى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، مەزكۇر مەسىلىنىڭ ئۆزىنىڭ ھەممىدىن كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان بىر مەسىلە ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ئىلگىرى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئۇيغۇر دېھقانلار پەرزەنتلىرىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن مەيلى قانداقلا مەقسەتتە بولمىسۇن، خىتاي ئۆلكىلىرىگە مەجبۇرىي ئېلىپ كېتىشىنى توختىتىشقا ،خەلقارا جەمئىيەتنىڭ شۇنداقلا مۇناسىۋەتلىك تارماقلارنىڭ ياردەم بېرىشىنى سورىماقتا. شۇنداقلا رابىيە خانىم زىيارىتىمىز ئاخىرىدا، پەقەت چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارلا ئەمەس، پۈتۈن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ياشلىرىنى تۈركۈملەپ خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكىشىدەك مەسىلىگە كۆڭۈل بۆلۈپ، ئۇنى توسۇپ قېلىشىنى تەۋسىيە قىلدى. (گۈلچېھرە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دېھقان ئەمگەك كۈچلىرىنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكىشىدىكى مەخپىي ۋە ئاشكارا تەرەپلەر
- ئۇيغۇر دېھقانلىرى خىتاي ئۆلكىلىرىگە ئىشچىلىققا ئېلىپ كېتىلگەن بالىلىرىنىڭ ھالىدىن ئەندىشە قىلماقتا
- خىتايدا ياش ئۆسمۈرلەرنى جىنايەت ئۆتكۈزۈشكە مەجبۇرلاش قىلمىشلىرى يەنىلا ئېغىر ھالدا مەۋجۇت
- پىچان ناھىيىسىدىكى ئۇيغۇر قىزلار خىتاي ئۆلكىسىدە قانداق ئاقىۋەتلەرگە دۇچ كېلىدۇ ؟
- پىچان ناھىيىسىدىكى بىر تۈركۈم ئۇيغۇر قىزلىرى خىتاي ئۆلكىسىگە خىزمەتكە ئورۇنلاشتۇرۇلدى
- سەرگەردان ئۇيغۇر بالىلىرىغا كۆڭۈل بۆلۈشنى كۈچەيتمىسە بولمايدۇ
- خىتاي ئۆلكىلىرىگە ئېلىپ كېتىلگەن ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ تەقدىرى ئۇيغۇرلاردا ئەندىشە پەيدا قىلماقتا
- خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ياش ئۇيغۇر قىزلىرىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش باھاسىدا خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكەشتىكى ھەقىقىي مەقسىتى نېمە؟
- پەيزىۋاتلىق ئۇيغۇر قىزلار ئىچكىرى ئۆلكىلەردە ئىشلەشكە مەجبۇرى ئېلىپ كېتىلدى
- ئۇيغۇر دىيارىدىكى نامرات ئىشسىز ياشلار شېنجېنغا ئاپىرىلىدىكەن
- نيۇ-يورك شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن يېغىن ھەققىدە رابىيە قادىر بىلەن سۆھبەت
- ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ ئىچكىرىگە مەجبۇرىي ئېلىپ كېتىلىشىگە ئائىت ھەقسىز لىنىيە سۆھبىتى
- خىتاي ھۆكۈمىتى پەقەت پەيزىۋات ناھىيىسىدىلا 400 نەپەر ئۇيغۇر قىزنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكەپ كەتتى
- خىتاي ئۆلكىلىرىگە ئالداپ كېتىلگەن ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ تەقدىر- قىسمەتلىرىدە يەنىلا ئۆزگىرىش يوق
- گۇاڭجۇدا ساقچىلار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن ئۇيغۇرنىڭ سالاھىيىتى ئېنىقلاندى