
خىتاينىڭ سوتسىيالىستىك يېڭى يېزا قۇرۇش پىلانىغا ئەگىشىپ، ئۇيغۇر ئېلىدە بارلىققا كەلگەن، يېزا ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەپ ئىشلىتىشتىن ئىبارەت سىياسەت بىلەن، نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئىشسىز ياشلىرى تۈركۈملەپ خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى زاۋۇتلارغا ياللانما ئىشچىلىققا يولغا سېلىنماقتا.
دېھقان قىزلىرى خىتاي ئۆلكىلىرىگە بېرىشتىن قېچىپ توي قىلىشقا مەجبۇر بولماقتا
ھازىرغىچە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئۇچۇر ۋاستىلىرىدا بېرىلگەن سانلىق مەلۇمات ھەمدە رادىئومىز ئىگىلىگەن ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا، ئۇيغۇر ئېلىدىن خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكىلىۋاتقان ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ زور سالمىقىنى قەشقەر، خوتەن، ئاقسۇ ھەمدە قىزىلسۇدىن ئىبارەت ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدىكى ئۈچ چوڭ ۋىلايەت ۋە بىر ئوبلاستتىن يۆتكىلىۋاتقان ئۇيغۇر ياشلىرى ئىگىلىمەكتە.
ئۇيغۇرلار ئاساسلىق نوپۇسنى ئىگىلەيدىغان قەشقەرنىڭ ھەر قايسى يېزىلىرىدىن 2006- يىلىنىڭ ئاخىرغىچە يۆتكەلگەن ئەمگەك كۈچى 400 مىڭدىن ئاشقان. 2007- يىلى كىرگەندىن بۇيان بۇ سان داۋاملىق شىددەت بىلەن ئۆرلىمەكتە.
گەرچە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەشۋىقاتلىرىدا ئېيتىلىۋاتقان ئېشىندا ئەمگەك كۈچلىرىنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكەپ ئىش پۇرسىتىگە ئېرىشتۈرۈپ، كىرىم مەنبەسىگە ئىگە قىلىشتىن ئىبارەت بۇ پىلانى، ھازىرغىچە نامراتلىقتىن قۇتۇلالمىغان، ئىشسىزلىق ۋەزىيىتى بىر قەدەر ئېغىر بولغان ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ ئىقتىسادىي كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا پايدىلىق بىر سىياسەت بولسىمۇ، ئەمما مەسئۇل دائىرىلەرنىڭ بۇ پىلاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە قاتتىق - يۇمشاق ۋاستىلەرنى ئىشلىتىپ، يەنى دەسلەپتە دېھقانلارنى قايىل قىلىشقا، ياكى ھاشارلىرىنى بىكار قىلىشقا ئوخشاش شەرتلەر بىلەن كۆندۈرۈشكە ئۇرۇنغان بولسا، كېيىن سان توشقۇزۇش ئۈچۈن مەجبۇرلاش، ھەتتا تۈرلۈك بېسىم ئىشلىتىش ۋاستىلىرىنى قوللىنىشى، دېھقانلارنىڭ نارازىلىقىنى قاتتىق قوزغىغان. شۇنداقلا خىتاي دائىرىلىرىنىڭ خىتاي ئۆلكىلىرىگە ئەۋەتىلىدىغان ئەمگەك كۈچلىرىنى تاللىغاندا 18 ياشتىن يۇقىرى 25 ياشتىن تۆۋەن بولسۇن، توي قىلمىغان بولسۇن دېگەندەك شەرتلەرنى قويىشى، دېھقانلاردا تۈرلۈك گۇمانلارنى پەيدا قىلىپ ھوشيارلىقىنى ئاشۇرغان، شۇنداقلا قىزلىرىنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە ئەۋەتىشتىن يالتايغان ئەمما ئۇلار يەنىلا يەرلىك كادىرلارنىڭ بېسىمىغا دۇچ كەلگەچكە، تۈرلۈك ئاماللار بىلەن قىزلىرىنى قاچۇرۇشنىڭ يولىنى ئىزدىمەكتە ئىكەن.
قەشقەرنىڭ پەيزىۋات ناھىيىسىنىڭ مەلۇم يېزىسىدىن بىر دېھقان بوۋاي ئۆز يېزىسىدا يۈز بېرىۋاتقان ئىشلارنىڭ تەپسىلاتىنى سۆزلەپ بېرىپ، يۇقىرىقى ئەھۋاللارنىڭ ئەمەلىيەت ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بەردى.
بىر قانچە ئۇيغۇرچە تور بەتلىرىدىمۇ مەزكۇر مەسىلە نۇقتىلىق مۇلاھىزە تېمىسىغا ئايلانغان بولۇپ، بەزىلەر ھەتتا بۇنى
"قۇمۇش ئارىلاپ كۈن چۈشتى، نازۇك باشقا كۈن چۈشتى. چېرىكلەر قوغلاپ چىقتى، ئېلىپ قاچار ئەر بارمۇ؟
دېگەندەك بىر زامان بولىۋاتىدۇ، ئەينى ۋاقىتتىكى نۇزۇگۇم قىسمەتلىرى زامانىمىز ئۇيغۇر قىزلىرىدا قايتىلىنارمۇ ؟" دېگەندەك ئەندىشىلەرنى ئىپادىلىگەن يازما-مۇنازىرىلەر بولۇۋاتىدۇ.
يەرلىك دائىرىلەر، دېھقانلارنىڭ بويىغا يەتكەن قىزلىرىنىڭ تويىنى قىلىش ئارقىلىق خىتاي ئۆلكىلىرىگە ئەۋەتمەي قالماسلىقى ئۈچۈن ھەتتا بەزى ناھىيىلەردە ھۆكۈمەتنىڭ رۇخسىتىسىز توي خېتى بەرمەيدىغان بولغان.
يەرلىك دائىرىلەرنىڭ، يۇقىرى دەرىجىلىك ھۆكۈمەت چۈشۈرۈپ بەرگەن ساننى توشقۇزۇش ئۈچۈن، ۋاسىتە تاللىماي دېھقانلارنىڭ بالىلىرىنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە ئىشچىلىققا بېرىشىقا زورلىشى، خەلقنىڭ يېزا- ناھىيە كادىرلىرىغا بولغان ئىشەنچىسىنى تېخىمۇ سۇسلاشتۇرغان بولۇپ، دېھقانلار ئۇيغۇر ياشلىرىنى خىتاي ئۆلكىلىرىدە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا مەسئۇل ئورۇنلاردىن ھەمدە كادىرلارنىڭ ئىستىلىدىن گۇمان قىلىدىكەن.
زامانىمىز "نازۇگۇم" لىرىنىڭ تەقدىرى خەلقئارانىڭ دېققىتىنى تارتماقتا
يېقىندا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت ھەمدە بىر ئوبلاستنىڭ دېھقان ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتى تەجىرىبە ئالماشتۇرۇش يىغىنى ئېچىلغان بولۇپ، قەشقەر ۋىلايەتلىك مەھكىمىنىڭ تور بېتىدە بۇنىڭغا دائىر خەۋەردىن مەلۇمات بېرىلگەن. بۇ خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، يەنى خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى دېھقان ئەمگەك كۈچلىرىنى رايون سىرتىغا يۆتكەشكە مەسئۇل كادىرى خۇاڭ چاڭيۇئەن، يىغىندا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكەش پىلانىنى چوقۇم ئىشقا ئاشۇرۇش ھەمدە بۇ جەرياندا ئاساسەن دېھقانلارنىڭ ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگەن پەرزەنتلىرىنى ئوبيېكتا قىلىپ، ئۇلارنى تېخنىكا ھەمدە خىتاي تىلىدا تەربىيىلەپ يۆتكەپ ئىشلىتىشنى چىڭ تۇتۇشنى تەكىتلىگەن.
گەرچە خىتاي دائىرىلىرى ھەر خىل تەشۋىقات ۋاسىتىلىرىنى ئىشلىتىپ، ئۇيغۇر ئېلىدىن خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكىلىپ زاۋۇتلارغا ئىشچىلىققا ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ بارغان جايلاردا ئىنتايىن ياخشى تۇرمۇش كەچۈرىۋاتقانلىقىنى، نۇرغۇن كىرىم قىلغانلىقلىرىنى تەشۋىق قىلىۋاتقان بولسىمۇ، قەشقەر يېزىلىرىدىن بەزى دېھقانلارنىڭ ئاڭلىغانلىرىنى ئېيتىشىغا قارىغاندا، ئەمەلىيەتتە خىتاي زاۋۇتلىرىغا بارغان ئۇيغۇر ياشلىرى ئېغىر ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك ئىش ھەمدە تۇرمۇش ۋە تىل قىيىنچىلىقىغا ئۇچرىغان. ئۇنىڭدىن باشقا، بىرگە بارغان مەسئۇللارنىڭ قېيىن - قىستاقلىرى ھەمدە ھاقارەتلىرىگە ئۇچرىغان. بېسىملارغا چىدىماي كېتىشنى تەلەپ قىلغۇچىلارنىڭ ئىچىدە ھەتتا جىسمانىي جەھەتتىن خورلۇققا ئۇچرىغان ئەھۋاللارمۇ بار ئىكەن. گەرچە بىز بۇ مەسىلىلەر ھەققىدە خىتاي ئۆلكىلىرىگە ئىشچىلىققا ئاپىرىلغان ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ ئۆزلىرىدىن بىۋاستە مەلۇمات ئېلىشقا تىرىشقان بولساقمۇ، ئەمما خىتاي دائىرىلىرى بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرلارنىڭ تارقىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن تۈرلۈك قامال قىلىش ۋاستىلىرىنى ئىشلەتمەكتە.
مۇراجەت!!
ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ خىتاي زاۋۇتلىرىغا مەجبۇرىي ئېلىپ كىتىلىۋاتقانلىقى ھەمدە بارغان جايلاردا خورلۇققا ئۇچراش مەسىلىلىرى، نۆۋەتتە خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە ئاياللارنىڭ ھوقۇق مەنپەئەتىنى قوغداش، شۇنىڭدەك ئەمگەكچىلەرنىڭ ھوقۇقىنى قوغداش تەشكىلاتلىرىنىڭمۇ دىققىتىنى قوزغاۋاتقان بىر مەسىلە. رادىئو ئاڭلىغۇچىلىرىمىزنىڭ بىزنى بۇ ھەقتە بىلىدىغان ئۇچۇرلار بىلەن تەمىن ئېتىشىنى ھەمدە، بۇ جەھەتتە ھەقسىز تېلېفون لىنىيىمىز ۋە ئىنتېرنېت ئارقىلىق ئىنكاسلار يەتكۈزۈشىنى سورايمىز (گۇلچەھرە).
E-mail: uygweb@rfa.org