ئەرەب مەتبۇئاتلىرىدا خىتاي ھەققىدىكى مۇلاھىزىلەر كۆپەيدى

0:00 / 0:00

سەئۇدى ئەرەبىستانىدا چىقىدىغان " ئەل دەۋەت" جۇرنىلىنىڭ 2008- يىلى 26- مارت سانىدا" خىتايلار ھازىرقى زاماننىڭ يەجۇج ۋە مەجۇجلىرىدۇر"دېگەن تېمىدا بىر ماقالە ئېلان قىلىنغان بولۇپ، مۇنداق دەپ يېزىلغان:" قۇرئان كەرىمنىڭ كەھف سۈرىسىدە:" زۇلقەرنەين ئىككى تاغنىڭ ئارىسىغا يېتىپ بارغاندا، ئىككى تاغ ئالدىدا ھېچقانداق سۆزنى چۈشەنمەيدىغان بىر قەۋمنى ئۇچراتتى. ئۇلار :ئى زۇلقەرنەين! يەجۇج بىلەن مەجۇج يەر يۈزىدە ھەقىقەتەن بۇزغۇنچىلىق قىلغۇچىلاردۇر. بىز بىلەن ئۇلارنىڭ ئارىسىغا بىر توسما سېلىپ بېرىشىڭ ئۈچۈن ساڭا بىر قىسىم مېلىمىزنى بەرسەك بولامدۇ، دېدى" دېگەن ئايەتتىكى يەجۇج بىلەن مەجۇج توغرىسىدا ئوخشاش بولمىغان قاراشلار بار بولۇپ، بەزى تەپسىرشۇناسلار قۇرئان كەرىمدە بايان قىلىنغان بۇزغۇنچى قەۋىم يەجۇج بىلەن مەجۇجنىڭ ھازىرقى زاماندىكى خىتايلار ئىكەنلىكىنى سۆزلەيدۇ. بۇنىڭ سەۋەبى شۇكى، قۇرئان كەرىمدە بايان قىلىنغان تاغدىن سەددىچىن سېپىلى، يەجۇج بىلەن مەجۇجدىن خىتايلار مەقسەت قىلىنغان بولۇش ئېھتىمالى كۈچلۈكتۇر. چۈنكى مەزكۇر تەپسىرشۇناسلارنىڭ نەزەرىدە ھازىر دۇنيادا كەشىپ قىلىنمىغان جاي يوقتۇر. قۇرئان كەرىمدە تىلغا ئېلىنغان تاغنىڭ ھازىرغىچە ھېچقانداق جايدا ئاشكارا بولمىغانلىقى ۋە سەددىچىن سېپىلىدىن باشقا مەشھۇر توسمىنىڭ بولمىغانلىقى بۇ قاراشنى كۈچلەندۈرگەن."

"بۇ تەپسىرنىڭ توغرا ياكى خاتالىقىدىن قەتئىينەزەر دەيمەنكى، ھازىرقى زاماننىڭ يەجۇج ۋە مەجۇجلىرى چوقۇم خىتايلاردۇر. ئۇلار دۇنيانىڭ ھەممىلا يېرىگە تارقالغان. ئاق تەنلىك مۇستەملىكىچىلەر شەرقىي جەنۇبى ئاسىياغا يېتىپ بارغىنىدا، خىتايلارنىڭ بۇ جايلارغا ئاللىقاچان قەدەم بېسىپ بولغانلىقىدىن ھەيران قېلىشقان ئىكەن."

خىتايلار ياۋروپانىڭ يەھۇدىيلىرىدۇر

1621 - يىلى ئەنگلىيىلىك سەيياھ توماس ھېربېرت " خىتايلار بۇ جايلاردا 'ياۋروپانىڭ يەھۇدىلىرى' دەپ ئاتىلىدۇ" دېگەن ئىكەن. چۈنكى ئۇلار بۇ جايلاردىكى بازار ئېگىلىكىنى مونوپول قىلىۋېلىپ، باشقىلارنىڭ رىزىق يوللىرىنى توسۇۋالغان. خىتايلار ئاسىيانىڭ مۇھىم تىجارەت ساھەلىرىنى قولىغا كىرگۈزۈۋالغان بولۇپ، ئاسىيا بۇيىچە ئاتالغان مەشھۇر 20 نەپەر مىليونېرنىڭ ھەممىسى خىتايلاردىن بولغان.

شەرقىي جەنۇبى ئاسىيانىڭ ئىقتىساد مەنبەلىرىنى خىتايلار ئىگىلىۋالغان

قاتارنىڭ " ئەل جەزىرە" تېلېۋىزىيە قانىلىدا 2008- يىلى 25- مارت كۈنى ئېلىپ بېرىلغان بىر سۆھبەتتە مىسىرلىق ئىقتىسادشۇناس دوكتۇر ھاشىم رەبابى مۇنداق دېدى:" شەرقىي جەنۇبى ئاسىيادىكى رايونلاردىكى كۆچمەن خىتايلارنىڭ سانى 50 مىليوندىن ئاشىدۇ. ئۇلار يەرلىك ئاھالىلەر نىسبىتىنىڭ ئاران 10 پىرسەنتىنى تەشكىل قىلىپ تۇرۇپمۇ، شۇ رايونلارنىڭ ئاساسلىق ئىقتىسادىنى قولىغا ئېلىۋالغان. مالايشىيا، تايلاند ۋە فىلىپىندىكى كۆچمەن خىتايلار بۇ دۆلەتلەرنىڭ پۇقرالىرىغا قارىغاندا خېلى كۆپ بايلىققا ئىگە. مەسىلەن: تايلاندتىكى مەشھۇر شىركەتلەرنىڭ 90 پىرسەنتى خىتايلارنىڭ قولىدا بولۇپ، يەرلىكلەر ئۇلارنىڭ قولىدا ئىشچى بولۇپ ئىشلەيدۇ. مالايسىيادا كۆچمەن خىتايلار رايون ئىقتىسادىنىڭ تۆتتىن بىرىنى قولىغا ئېلىۋالغان بولسا، ھىندۇنېزىيىدىكى خىتايلار ئومۇمى نوپۇسنىڭ يۈزدە 5 پىرسەنتىنى تەشكىل قىلىدىغان تۇرۇپمۇ ئىقتىسادىي شىركەتلەردىن يۈزدە 75 پىرسەنتىگە ئىگىدارچىلىق قىلىدۇ. بۇ سەۋەبتىن خىتايلار شۇ رايون ۋە دۆلەتلەردىكى يەرلىك خەلقلەرنىڭ سۆيگۈسىگە سازاۋەر بولالمىغان. ئەكسىچە ئۇلارنىڭ نەپرىتىگە ئۇچراپ كەلمەكتە."

دۇنيانىڭ كۆپ دۆلەتلىرىدە خىتاي مەھەللىلىرى بار

جۇرنالدا يەنە مۇنداق يېزىلغان:" خىتايلارنىڭ باشقىلارنىڭ ۋەتەنلىرىگە بېرىپ يىلتىز تارتىشى ئاسىيادىلا چەكلىنىپ قالماستىن، ئىككى ئامېرىكا، ياۋروپا دۆلەتلىرىگىمۇ بېرىپ يەتكەن. بۇ دۆلەتلەردىكى چوڭ شەھەرلەرنىڭ كۆپلىرىدە " خىتاي شەھىرى" ياكى " خىتاي مەھەللىسى " دېگەن جايلارنىڭ تېپىلىشى ھەممە كىشىنىڭ دىققىتىنى تارتىدۇ. دېمەك ئۇلار خۇددى يەجۇج بىلەن مەجۇجلەردەك ھەممىلا يەردە تېپىلىدۇ." (ئۆمەرجان)