"ئۈچتە ئايرىلالماسلىق" مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيىسى ئۇيغۇر ئېلىدە يەنە قايتىلانماقتا
2004.09.24
ئۇيغۇر ئېلىدىكى بەزى ئۇيغۇرلارنىڭ رادىئومىزغا يەتكۈزگەن ئىنكاسلىرىدىن مەلۇمكى، نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ شەھەر يېزىلىرى، زاۋۇد ،كان ، كارخانا، مەكتەپ قاتارلىق ھەر قايسى ئورۇنلاردا ، ھەر مىللەت خەلقىگە " ئۈچتە ئايرىلالماسلىق" تەشۋېقاتىنى كۈچەيتكەن بولۇپ ، بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئۇيغۇر ئېلىدە سىياسى ئۈگىنىش دولقۇنى يەنە باشلانغان .
خىتاي كوممۇنىست پارتىيە ھۆكۈمىتى ئىلگىرى ئۇيغۇر ئېلىدە ، " خىتايلار ئاز سانلىق مىللەتلەردىن ئايرىلالمايدۇ، ئاز سانلىق مىللەتلەر خىتايلاردىن ئايرىلالمايدۇ" دىگەن نەزىريىنى تەرغىپ قىلغان ، كېيىن ئۇنىڭ مەزمۇنىغا " ئاز سانلىق مىللەتلەر ئۆز- ئارا ئايرىلالماسلىق" نەزىرىيىسىنى قوشۇپ "ئۈچتە ئايرىلالماسلىق" نەزىرىيىسىنى ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىق تەربىيىسىنىڭ مۇھىم مەزمۇنى سۈپىتىدە تەشۋېق قىلىپ كەلمەكتە .
ئۇيغۇر ئېلىگە قاراتقان تېلىفون زىيارەتلىرىمىزدىن ئاشكارلىنىشىچە، خىتاينىڭ " ئۈچتە ئايرىلالماسلىق" نەزىرىيىسى نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئېلىدە مەكتەپ يېشىدىكى بالىلاردىن تارتىپ ياشانغانلارغىچە ھەممە يادا بىلىدىغان بىر نەزىرىيە بولسىمۇ ئەمما ، خىتاي مىللىتى بىلەن ئۇيغۇر ئېلىدىكى يەرلىك مىللەتلەر ئارىسىدىكى ئەمىلىي مۇناسىۋەت بۇ نەزىرىيە بىلەن زىددىيەتلىك بولماقتا ئىكەن .
بۇ ھەقتە قەشقەرنىڭ مەلۇم يېزىسىدىن بىر ئۇيغۇر دېھقان بىلەن سۆھبەتلەشتۇق:
"ئۈچتە ئايرىلالماسلىق"نەزىرىيىسىگە ئۇيغۇر ئېلىدىكى خىتايلار قانداق قارايدۇ، بۇنىڭغا قەشقەر شەھرىدىكى خىتاي ھۆكۈمەت ئورگىنىنىڭ بىر خادىمى ئۆزىنىڭ قاراشلىرىنى ئېيتتى.
ئۇ " ھازىرقى مەزگىلدە دەل شۇنى ئۈگىنىۋاتىمىز ،ھازىر ئۈچتە ئايرىلالماسلىق بولدى. ئاز سانلىق مىللەت رايونى بولغاندىن كېيىن ، بىر- بىرىدىن ئايرىلالمايدۇ ، ئۈگەنمىسەك بولمايدۇ، منىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ياخشىلىمىساق تەرەققى قىلالمايمىز " دىدى.
بىز ئۇنىڭدىن ئەگەر بۇ خىل ئىدىيىنى ئۈگەنمىگەندە مىللەتلەر ئىتتىپاق ئۆتەلمەمدۇ ؟ دەپ سورىدۇق .
ئۇ "مىللەتلەر ئىتتىپاق ،لېكىن بۇنىڭ بىلەن تېخىمۇ ياخشى ئىتتىپاق بولىدۇ-دە، بىز ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ تۇرمۇش ئادەتلىرىگە ھۆرمەت قىلىمىز ، تويلاردا، بايراملاردا بىر -بىرىمىزنى يوقلايمىز . بەزى ئۇيغۇرلاردا قالاق ئىدىيىلەر بار ، ئۇلارغا ئىدىيە جەھەتتە تەربىيە قىلمىساق بولمايدۇ ، بۆلگۈنچىلىك قىلىدىغانلار ئاز ساندىكىلەر، كۆپ ساندىكىلەر ئىتتىپاق ئۆتىمىز ."دىدى.
ئۇ بىزنىڭ " ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەر بىلەن خىتايلار ئارىسىدا زىددىيەت ھاسىل بولۇشتىكى سەۋەپ نىمە ؟" دىگەن سوئالىمىزغا :
" بۇرۇن بىز ھەممىمىزكۇلىدىن كۆچۈپ كەلگەن بولغاندىن كېيىن يەرلىكلەرنىڭ پىكرى جىق ئىدى . مەسىلەن مېنىڭ ئاتا ئاناممۇ شىنجاڭ چىگرا رايونلارنى ئېچىش ئۈچۈن كەلگەن . ھازىر بارغانچە ياخشى بوپ كەتتى . ھەر يىلى قىشتا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدىن ئىمتىھان بېرىمىز ."دىدى.
بۇ خىتاي خادىمدىن يەنە " ئۇنداقتا ئاز سانلىق مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ ئارىسىدىمۇ زىددىيەت بارمۇ ؟" دەپ سورىدۇق .
ئۇ " ياق ئۇلار بەك ئىتتىپاق ، ياخشى ئۆتىشىدۇ ." دەپ جاۋاپ بەردى.
ئاخىرىدا ئۇ بىزنىڭ " سىزنىڭچە مىللەتلەرنىڭ ئۆز ئارا ئىتتىپاق ئۆتۈشىدە قايسى ئامىلنى ھەممىدىن مۇھىم دەپ قارايسىز ؟"دىگەن سوئالىمىزغا جاۋابەن ،
" مېنىڭچە ئۆز ئارا تىل ئۈگىنىش ، ئۇلارنىڭ تۇرمۇش ئادەتلىرىگە ھۆرمەت قىلىش ھەممىدىن مۇھىم" دىدى.
خىتاي ھۆكىمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە "ئۈچتە ئايرىلالماسلىق" نەزىرىيىسىنى ھەر بىر سىياسىي ئۈگىنىشى دولقۇنىدا قايتا - قايتا تەشۋېق قىلىشى ، كۆپ ساندىكى ئۇيغۇرلاردا بىزارلىق پەيدا قىلغان بولۇپ ، بۇ ھەقتە بىز چەتئەلگە يېقىندا كۆچۈپ چىققان بىر ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچى بىلەن سۆھبەتتە بولدۇق :