ئۇيغۇر مەكتەپلىرىدە مۇزىكا دەرسلىرىمۇ خىتايچە ئۆتۈلمەكتە
2004.11.04
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 2002 - يىلىدىن باشلاپ ئۇيغۇر مىللىي مائارىپىنى پۈتۈنلەي خىتايچىلاشتۇرۇش ھەركىتىنى كۈچەيتىپ، باشلانغۇچ مەكتەپلەردىن باشلاپلا خىتاي تىلى ئوقۇتۇشىنى كۈچەيتىشى، ئۇيغۇر مىللىي ئوتتۇرا -باشلانغۇچ مەكتەپلەر بىلەن خىتاي مەكتەپلىرىنى بىرلەشتۈرۈشى، ئالىي مەكتەپلەردە بارلىق ئاساسلىق دەرسلىكلەرنى خىتايچە ئۆتۈشنى يولغا قويىشى قاتارلىق ھەرىكەتلىرى، نۆۋەتتە ئۇيغۇر مىللىي مائارىپىنىڭ ئومۇمىي جەھەتتىن خىتايچىلىشىشىنى تېزلەتكەن ھەم خىتاي كۆزلىگەندەك ئۈنۈم بېرىشكە باشلىغان بولۇپ، نۆۋەتتە ئۇيغۇر باشلانغۇچ مەكتەپ مۇزىكا دەرسلىرىدىمۇ خىتايچە ناخشا دەرسلىرىنىڭ ئۆتۈلۈشى بۇنىڭ بىر مىسالى بولسا كېرەك.
يېقىندا ئۇيغۇر ئېلىدە چىقىرىلىدىغان چېچەك پەسلى ناملىق خىتايچە ئۆسمۈرلەر گېزىتىدە خىتايچىلاشتۇرۇش مائارىپىنىڭ ناھايىتى ياخشى ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقى ھەققىدە بىر خەۋەر بېسىلغان بولۇپ، خەۋەردە " ئۈرۈمچى شەھەرلىك مەلۇم باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ مۇزىكا دەرسى ئۆتىلىۋاتقان ئۇيغۇر سىنىپىدىن خىتايچە ناخشا ئاۋازى ئاڭلاندى. بۇ سىنىپتا ناخشا مۇئەللىمى ئامىنە مۇئەللىم، خىتاي تىلىدا خىتاي مۇزىكىسىنى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا چۈشەندۈرۈۋاتاتتى، ئامىنە مۇئەللىمنىڭ خىتايچە تەلەپپۇزى ئانچە ئۆلچەملىك بولمىسىمۇ دەرسنى چۈشىنىشلىك سۆزلەيتتى. ئوقۇغۇچىلار بىر دەمدىلا ناخشىنى ياخشى ئۆگىنىپ ئېيتىشقا باشلىدى" دەپ يېزىلغان.
ھازىر ئۈرۈمچىدە جەمى 12 مىللىي مەكتەپ خىتاي مەكتەپلىرى بىلەن بىرلەشتۈرىۋېتىلگەن بولۈپ، خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، نۆۋەتتە مۇشۇ مەكتەپلەرنىڭ ھەممىسىدە مۇزىكا دەرسلىرى قوش تىلدا ئۆتۈلمەكتە ئىكەن.
يەنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسى ئۈرۈمچىدىكى ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپلەردىكى 100 دىن ئارتۇق مىللىي مۇزىكا ئوقۇتقۇچىلىرىنى يىغىپ مەخسۇس قوش تىل دەرسلىك ماتىرىيالى بويىچە دەرس ئۆتۈشكە تەربىيىلىگەن.
ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن ئەڭ قىزىقارلىق ۋە مەنىلىك دەرس،دەرسلەر ئىچىدىكى كۈچلۈك مەدىنىيىئەت دەرسلىكى بولغان مۇزىكا دەرسى، تىل ۋە مەدىنىيەت سەنئەت تەربىيىسىدە ئەڭ ئۈنۈملۈك ھالقا بولۇپ، ئەمدى بۇنىڭمۇ خىتاي تىلىدا ئۆتۈلۈشى خىتاي مائارىپ تارماقلىرى تەرىپىدىن، مىللىي مەكتەپلەردە خىتاي تىلىنىڭ ئومۇملىشىشىدا تۈرتكىلىك رول ئوينايدۇ دەپ قارالماقتا ئىكەن.
خىتاي تىلى خىتايچىلاشتۇرۇش مائارىپ سىياتى بىلەن ئۇيغۇر مىللىي مائارىپىغا سىڭىپ كىرىپ، ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ تىلى ھەتتا ئېڭىدىمۇ ئۆزگىرىش ياساۋاتقان بولۇپ، بۇ ھەقتە خىتاي سىنىپىدا ئوقۇۋاتقان بىر ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزگۈنىمىزدە ئۇ ئويلىغانلىرىنى ئانا تىلىدا ياخشى ئىپادە قىلالماي " ئۇيغۇرچىغا تىلىم كەلمەيۋاتىدۇ" دەپ بىلدۈردى.
(ئاۋاز)
ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى ھۆكۈمەت ئاخبارات تورىدا ئاشكارىلانغان مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتى 2010 - يىلىغىچە ئۇيغۇر ئېلىدىكى بارلىق مائارىپ ساھەسىنى پۈتۈنلەي خىتايچىلاشتۇرۇشنى پىلان قىلغان بولۇپ، 2005 - يىلىغىچە شەھەردىن تارتىپ يېزىلارغىچە بولغان باشلانغۇچ مەكتەپلەر ئاساسەن خىتاي تىلى مائارىپىنى قوللىنىدىكەن ھەمدە ئۇيغۇر تىلى پەقەت بىر تىل دەرسلىكى سۈپىتىدىلا ئۆتۈلۈشكە باشلايدىكەن.
خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ پىلانلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن، ئۇيغۇر ئېلىدا مائارىپقا بولغان باشقۇرۇش سىياسىتىنى ئەڭ جىددى خىزمەت سۈپىتىدە تۇتماقتا.
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىدا بارلىق مائارىپ ئىدارىسى مەسئۇللىرى ۋە پارتىكوم سېكرىتارلىرى ئۈچۈن ئۇيۇشتۇرغان كۇرسىدا ۋاڭلېچۇئەن، خىتايچە مائارىپنى كۈچەيتىش ھەققىدە يەنە قايتا توختۇلۇپ، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى، مائارىپقا باغلىق، شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى ھەم كەلگۈسىمۇ مائارىپقا باغلىق دەپ، ئاز سانلىق مىللەت بالىلىرىغا خىتاي تىلى تەربىيىسىنى كۈچەيتىشنىڭ مۇھىملىقى ھەققىدە ۋە بۇ ھەقتىكى سىياسەتلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىشىنى چىڭ تۇتۇپ ئىشلەش كېرەكلىكى ھەققىدە يول يورۇق بەرگەن. (گۈلچېھرە)