خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ "شىنجاڭ" دا ئىشلىتىلگەن سىياسەتلىرى تىبەتتە قوللىنىلماقتا


2005.12.01

يېقىندىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتى تىبەتتە خەلقنىڭ دالاي لاما بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى يىراقلاشتۇرۇش ئۈچۈن، راھىبلارنى باستۇرۇشنى كۈچەيتكەن. تىبەتتىكى ئەڭ چوڭ لاما ئىبادەتخانىسى بولغان جېبۇڭ ئىبادەتخانىسىدا راھىبلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ باستۇرۇشىغا قارشىلىق بىلدۈرۈپ ئاچلىق ئېلان قىلغان.

مۇلاھىزىچىلەر خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىر تىبەتتە قوللىنىۋاتقان باستۇرۇشنى تىبەتنى شىنجاڭچىلاشتۇرىۋاتقانلىقى، دەپ تەھلىل قىلغان. ھىمالايا دۆلىتى بۇتان پارلامېنتىمۇ خىتاينى ‘غەربنى ئېچىش’ دېگەن نام بىلەن كېڭەيمىچىلىك ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ دەپ ئەيىبلىگەن.

دالاي لاماغا قارشى تۇرۇش باياناتىغا قول قويمىغانلق قولغا ئېلىنغان

ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، يېقىندىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتى تىبەتتە خەلقنىڭ دالاي لاما بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى يىراقلاشتۇرۇش ئۈچۈن راھىبلارنى باستۇرۇشنى كۈچەيتمەكتە. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ ھەرىكەت جەرياندا، تىبەتتىكى ئەڭ چوڭ لاما ئىبادەتخانىسى بولغان جېبۇڭ ئىبادەتخانىسىنىڭ باش راھىبى قاتارلىق ئادەتتە دالاي لاماغا كۆڭلىنى يېقىن تۇتقان ۋە ئەگەشكەن راھىبلاردىن بىر نەچچىنى قولغا ئالغان.

"تېبەت كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيە مەركىزى" نىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى "ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيىسى" دەپ ئاتالغان باستۇرۇش ھەرىكىتىدە قولغا ئالغان 28 ياشلىق كېمبو ئىسىملىك بىر راھىب تۇتۇپ باغلاش جەريانىدا ئۆلگەن. يەنە بىرى تۈرمىدە ئۆلگەن. بۇنىڭغا نارازىلىق بىلدۈرگەن ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بىخەتەرلىك ئورگانلىرى تۈزگەن دالاي لاماغا قارشى تۇرۇش باياناتىغا ئىمزا قويۇشنى رەت قىلغان بىر قىسىم جېبۇڭ ئىبادەتخانىسىدا ئاچلىق ئېلان قىلغان راھىبلاردىن 5 كىشىنى يەنە قولغا ئالغان.

خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، دالاي لاما 1959 - يىلى قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ چەتئەللەردىكى پائالىيەتلىرى ھەققىدىكى ئۇن ۋە سىن ماتېرىياللىرى تىبەتتە خەلقنىڭ ئالقىشىغا ئىگە بولۇپ كەلمەكتە. خىتاي ھۆكۈمىتى تېبەت خەلقنىڭ دالاي لامانى ئۇنتۇلمىغانلىقىنى ھۆكۈمەتكە قارشى تۇرغانلىق دەپ ھېسابلاپ باستۇرۇپ كەلمەكتە.

"شىنجاڭ" دا ئىشلىتىلگەن سىياسەتلەر تىبەتكە قوللىنىلماقتا

تىبەتلىكلەر تەرىپىدىن نەشر قىلىنىدىغان "كەلگۈسىگە نەزەر" دېگەن جۇرنالدا بايان قىلىنىشىچە، ھازىر بېيجىڭدا تۇرىۋاتقان يازغۇچى ۋاڭ لىشوڭ ئەپەندى بازار ئىگىلىكىنىڭ يولغا قويۇلۇشى جەھەتتە شىنجاڭ بىلەن تىبەتنىڭ پەرقىنى سېلىشتۇرۇپ " شىنجاڭدا بازار ئىگىلىكى يولغا قويۇلغاندىن كېيىنلا، نوپۇسنىڭ 40% نى تەشكىل قىلىدىغان خىتايلار ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ رايوندا بۆلگۈنچىلىككە، تېررورچىلىققا قارشى تۇرۇش دەپ ئاتالغان ھەرىكەت ئېلىپ بېرىشىغا ماسلىشىپ، مىللىي سىياسەت دېگەنلەرنى چۆرۈۋېتىپ، شىنجاڭدىكى پۈتۈن ھوقۇقلارنى، بايلىق مەنبەلىرىنى چاڭگىلىغا كىرگۈزىۋېلىپ، تىل، يېزىق، تىجارەت قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىدە ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىۋالغان. تىبەتتە بولسا ئەمدى بازار ئىگىلىكى يولغا قويۇلۇشقا باشلىغان ھامان، خىتايلار تىبەتتە ناھايىتى تىز كۆپىيىشكە باشلاپ، ئالدى بىلەن كوچىلاردا ئۈچ چاقلىق ھارۋا، ئاشخانا قاتارلىق ئۇششاق تىجارەتلەرنىڭ ھەممىسىنى ئىگىلىۋالغان. بۇنداق رېئاللىققا نارازى بولغان يەرلىك تىبەتلىكلەر دالاي لاماپەرەسلەر دەپ قارىلىپ زەربە بېرىلىشكە باشلىغان. بۇ تەدبىرلەر خۇددى شىنجاڭدا ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىقىنى قوزغاپ، ئۇلارنىڭ بارغانسېرى قەتئىيلىشىشىكە سەۋەبچى بولغاندەك، تىبەتتىمۇ ئالدى بىلەن زىيالىيلارنى ئويغۇتۇپ قويماقتا" دەپ تەھلىل قىلغان.

"بوشۇن تور بېتى" دە بايان قىلىنىشىچە، بۇيىل 8 - ئايدا خۇنەندىن تەقسىم قىلىنىپ تىبەتنىڭ ئىككىنچى چوڭ شەھىرى بولغان رىكېزى شەھىرىگە كەلگەن بىر خىتاي قىزىنىڭ يېقىندا ئاشكارىلاپ قويۇشىچە، يېقىندا تىبەتنىڭ رىكېزى شەھىرىدە شەھۋانىيلىق ناھايىتى تىز يامراپ كەتكەن. ھازىر مۇشۇ شەھەردە مەخسۇس شەھۋانىيلىق بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان خىتاي قىزلىرىنىڭ سانى 10 مىڭدىن ئاشىدىكەن.

تىبەت "شىنجاڭ" لاشتۇرۇلماقتا

"مەركىزى ئاگېنتلىقى" نىڭ بايان قىلىشىچە، تىبەتتە پەيدا بولغان بۇنداق يېڭى ئۆزگىرىشلەرنى مۇلاھىزىچىلەر شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش بىڭتۇئەنىنىڭ قوماندانى جاڭ چىڭلى تىبەتكە سېكرېتار بولغاندىن كېيىن، تېبەت مەسىلىسىنىڭ شىنجاڭچىلاشتۇرۇلۇشى، دەپ مۇلاھىزە قىلغان.

ھىمالايا دۆلىتى بۇتاننىڭ "كۇئەنسەل ھەپتىلىك خەۋەر گېزىتى"دا بايان قىلىنىشىچە، بۇتاننىڭ خىتاي بىلەن 470 كىلومېتىرلىق چېگرىسى بولغانلىقتىن، بۇتان 1998 - يىلى خىتاي بىلەن ئۆز- ئارا تېرىتورىيە پۈتۈنلىكىگە ھۈرمەت قىلىش ئۈچۈن بىر كېلىشىم تۈزگەن ئىدى. شۇنىڭدىن كېيىن خىتاي بۇ رايوندا تاش يول ياساشقا باشلىغان. ئەمما ياساۋاتقان تاش يوللىرىنىڭ شەكلى بارغانسېرى كۆپىيىپ، بۇتانلىقلاردا گۇمان تۇغدۇرغان. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنى ‘غەربنى ئېچىش پىلانىنىڭ بىر قىسمى’، ‘تىبەتلىكلەرنىڭ دورا ئۆسۈملۈكلىرىنى يىغىش دېگەن باھانە بىلەن بۇ تەرەپلەرگە كېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرى’ دەپ چۈشەندۈرگەن. ئەمما ھەرخىل باھانە بىلەن خىتاي نوپۇسى كۆپىيىشكە باشلىغان. مۇشۇ سەۋەبتىن، يېقىندا بۇتان پارلامېنتى خىتاينىڭ غەربنى ئېچىش پىلانىنىڭ بىر قىسمى دەپ ئاتالغان بۇنداق تاجاۋۇزچىلىق ھەرىكىتىنى ئەيىبلىگەن. نەتىجىدە بېيجىڭ ھۆكۈمىتى ھازىر بۇ رايوندا تاشيول قۇرۇلۇشىنى توختىتىشقا مەجبۇر بولغان. (ۋەلى)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.