خىتاي كۆچمەنلىرىنى ئۇيغۇر ئېلىگە يەرلەشتۈرۈشكە يەنىلا ئۇيغۇرلار تەر تۆكۈشكە مەجبۇرلانماقتا
2007.03.21
يېقىنقى يىللاردىن بېرى خىتاي ھۆكۈمىتى غەربنى ئېچىش ئىستراتېگىيسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، يەرلىكنىڭ تۇرمۇش سەۋىيىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش توغرىسىدا سىياسەت بەلگىلىدى ۋە مۇشۇ ئىستراتېگىيىنىڭ كۆلەڭگۈسىدە ئۇيغۇر ئېلىگە يەنە خىتاي كۆچمەنلىرىنى كۆپلەپ يۆتكىدى.
نيۇيورك ۋاقىت گېزىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، خىتاي دائىرىلىرى "غەربنى ئېچىش" ئىستراتېگىيىسى بويىچە، يەر ئاستى ۋە باشقا بايلىقلىرى ئىنتايىن مول ئۇيغۇر دىيارىغا يەنە يېڭىدىن 40 مىليون نوپۇس يۆتكەپ كېلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
كۆچمەنلەرنىڭ بۇرۇن كەلگەنلىرى شەھەرلەرگە ۋە ئاللىقاچان ئېچىلىپ گۈللەندۈرۈلۈپ بولغان بىڭتۇەنلەرگە جايلاشتۇرۇلغان بولسىمۇ، لېكىن خىتاي ھۆكۈمىتى يېڭىدىن كەلگەن كۆچمەنلەرنى ئۇيغۇرلار مەھەللىرىگە يېقىن جايلارغا ئورۇنلاشتۇرماقتا. ئۇنداقتا، خىتاي كۆچمەنلىرىنى يەرلەشتۈرۈش ئۈچۈن بۇ يېڭى مەھەللىلەرنى ئېچىشقا كىملەر قان - تەر تۆكۈۋاتىدۇ؟
بۇنىڭدىن باشقا، خىتاي ھۆكۈمىتى گومىنداڭنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى قالدۇق ئەسكەرلىرى، خىتايدىن ئۇيغۇر ئېلىگە يۆتكەلگەن جىنايەتچىلەر، خىتاي ئۆلكىلرىدىن سۈرگۈن قىلىنغانلاردىن تەشكىل تاپقان خىتايلارنى ئۇيغۇر ئېلىدىكى دەريا بويلىرىغا، سۈيى ئەلۋەك، تۇپرىقى مۇنبەت رايونلارغا ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى نامىدا جايلاشتۇرغان ئىدى. بىڭتۇەن ئورۇنلاشتۇرۇلغان جايلار ئاساسەن سۇ قەھەتچىلىك مەسىلىسى كۆرۈلمەيدىغان، سۇ مەنبەلىرى مول رايونلار. شۇنىڭدەك مەركەز ۋە يەرلىك ھۆكۆمەتنىڭ ئالاھىدە ئېتىبار بېرىش سىياسىتى ، دۇنيا بانكىسىنىڭ سۇ قۇرۇلۇشى پىلانى مەبلىغى قاتارلىقلارنىڭ سايىسىدا ئاللىقاچان ئىچىملىك سۇ مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىپ بولغاچقا ئىشلەپچىقىش ئىشلىرى تىز ئىلگىرىلەشكە يۈزلەنگەن . شۇنىڭدەك يەنە، ئۇلارنىڭ تېرىلغۇ يەرلىرىنى سالالاشتۇرۇش ۋە سۇغۇرۇش ئەسلىھەلىرىنى راۋانلاشتۇرۇشقا ئۇيغۇر دېھقانلىرى قان-تەر تۆككەن بولسىمۇ، لېكىن بىڭتۇەن ئۆستەڭلىرىدىن يەرلىرىنى سۇغۇرۇش ئۈچۈن سۇ ئالغاندا يەرلىك ئۇيغۇر دېھقانلار چوقۇم پۇل تۆلەش كىرەك ئىكەن.
بىڭتۇەننىڭ تۇرمۇشى سەۋىيىسى يەرلىك ئۇيغۇرلارنىڭكىدىن كۆپ يۇقىرى بولۇپ، ئۇلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئالاھىدە غەمخورلۇقىغا ئېرىشىدىكەن. لېكىن دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغان يېرى ، بىڭتۇەن قارمىقىدىكى مىللىي مەيدانلارنىڭ تۇرمۇش ئەھۋالى ئانچە ياخشى ئەمەس ئىكەن.
بۇ ھەقتە، مۇخبىرىمىز جۈمەنىڭ مەخسۇس پروگراممىسىدىن ئاڭلاڭ.
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- بىڭتۇەندىكى خىتاي دېھقانلىرى بىلەن ئۇيغۇر دېھقانلىرى ئارىسىدىكى تەڭسىزلىكلەر
- بىڭتۇەندە كادىرلارنى شاللاش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىلىشى مۇمكىن
- بىڭتۇەن كادىرلىرىنىڭ خىزمەت ئىستىلى تەنقىدكە ئۇچرىدى
- خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىنى ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش بازىسىغا ئايلاندۇرۇش پىلانىدا نېمە سەۋەب بار؟
- بېيجىڭ ھۆكۈمىتى ئوچۇق - ئاشكارا ھالدا تېخىمۇ كۆپلىگەن خىتاي ئوقۇتقۇچىلىرىنى ئۇيغۇر ئېلىدە ئىشلەشكە ئەۋەتمەكتە
- خىتاي بىڭتۈەننى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىغا كېڭەيتمەكچى
- ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش ئارمىيىسىدە ئىشلىگەن ئۇيغۇر زىيالىيسى يەر -زېمىن مەسىلىسى ھەققىدە توختالدى
- خىتاينىڭ غەربنى ئېچىش سىياسىتى 6 يىلدىن بۇيان ئۇيغۇرلارغا نېمە ئېلىپ كەلدى؟
- كانادا ھۆكۈمىتى خىتايدىن كەلگەن قانۇنسىز كۆچمەنلەرنى قايتۇرۇشقا باشلىغان
- ۋۇ خۇڭدا ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش ۋە ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش ئارمىيىسى مەسىلىسى ھەققىدە توختالدى