ئابلەتنۇر ئەپەندىنىڭ ئىككى پەرزەنتى خىتاي سىياسىىتىنىڭ قۇربانى بولدى(2)

0:00 / 0:00

ئۈچ قېتىم خىتاي تۈرمىسىدە ياتقان، ھازىر كانادادا ياشاۋاتقان ئابلەتنۇر ئەپەندىنىڭ ئىككى پەرزەنتى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ پەرزەنتلەرنى گۆرۈگە ئېلىۋېلىش سىياسىتىنىڭ قۇربانىغا ئايلاندى. خىتاي ھۆكۈمىتى پاسپورت بېرىشنى رەت قىلغانلىقى ئۈچۈن دادىسى بىلەن 9 يىلدىن بېرى يۈز كۆرۈشۈش پۇرسىتىگە ئېرىشەلمىگەن 10 ۋە 12 ياشلاردىكى بۇ ئىككى بالا بۇ يىل 7‏- ئاينىڭ ئاخىرلىرى تېكەس ناھىيىسىدە يۈز بەرگەن سىرلىق سوغ چۈشۈش ۋەقەسىدە ئالەمدىن ئۆتكەن.

بۇ ھەقتە كانادادىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز كامىل تۇرسۇننىڭ ئابلەتنۇر ئەپەندى بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىدىن ئاڭلاڭ.