خىتاي دىنغا بولغان تاكتىكىسىنى ئۆزگەرتتىمۇ؟

0:00 / 0:00

2008- يىللىق چاغانلىق چاي زىياپىتى جەريانىدا خىتاي رەئىسى خۇ جىنتاۋ خىتايدىكى غوللۇق خرىستىئان دىنىي يېتەكچىلىرىنى قوبۇل قىلىپ ئۇلار بىلەن ئىنتايىن قىزغىن قول ئېلىشىپ كۆرۈشكەن ۋە بۇلارنىڭ ئۇچراشقان نەق مەيدان سۈرىتى خىتايدىكى ھۆكۈمەت ئاخباراتى خىتاي خەلق گېزىتىنىڭ باش بېتىگە چوڭ قىلىپ بېرىلگەن.

خىتايدا دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئادەملەر كۆپەيگەنسېرى خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ مەسىلىگە سەزگۈر مۇئامىلە قىلىشقا باشلىدى

جەنۇبىي قىرغاق كۈندىلىك خەۋەرلەر تورىدا بۇ ھەقتە بېرىلگەن خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي رەئىسى خۇ جىنتاۋنىڭ خىتاي ۋەتەنپەرۋەر كاتولىك جەمئىيىتىنىڭ باش كاتىپى ليۇ بيەننيەننى قوبۇل قىلىشى، خىتاي رەھبەرلىرىنىڭ خىتاينىڭ بىر ئاتېئىست ھۆكۈمەت بولۇشىغا قارىماي، كۈنسايىن كۆپىيىۋاتقان دىندىن ئۆزىگە تەسەللى ئىزدەۋاتقان ئادەملەر توپى بىلەن ئەپ ئۆتۈشنى خالايدىغانلىقىنى ئۇلارغا كۆرسىتىپ قويۇش ئۈچۈن ئۇلارغا يەتكۈزگەن شۇ خىلدىكى بىر قاتار سىگناللىرىنىڭ بىرسى دەپ كۆرسىتىلگەن.

خەۋەردە، خىتاينىڭ دىنغا قاراتقان تاكتىكىسىنى ئۆزگەرتىشى سىياسىي بيۇرونىڭ دىنغا قۇچاق ئاچقانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدىغانلىقىنى، ئەمما بۇنىڭ خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ ئىقتىسادنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە ئىناق جەمئىيەت بەرپا قىلىش ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتا دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان كىشىلەر بىلەن ئەپ ئۆتۈشنى خالايدىغانلىقىنى كۆرسىتىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغان يېرى، ئۆتكەن ئايدا خىتاي رەئىسى خۇ جىنتاۋ خىتاينىڭ دۆلەت سىياسىتىدە دىننىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇش مۇھاكىمە يىغىنى ئورۇنلاشتۇرغان بولۇپ، جەنۇبىي قىرغاق كۈندىلىك خەۋەرلەر تورىدا كۆرسىتىشىچە، خو جىنتاۋ ئىككى نەپەر خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ دىنىي ئىشلار مۇتەخەسسىسىنى تەكلىپ قىلىپ، خىتاي سىياسىي سەھنىسىدىكى ئەڭ نوپۇزلۇق، ماركسىزم ئىدىيىسى بۇيىچە دىننى رەزىل كۈچلەرگە ۋەكىللىك قىلىدۇ دەپ تونۇيدىغان 25 كىشىگە دىنى مەسىلە ئۈستىدە لېكسىيە سۆزلەتكەن.

خۇ بۇ كىشىلەرگە قىلغان سۆزىدە، دىننىڭ ئەخلاقى قۇدرىتىنىڭ خىتاي كومپارتىيىسى ئۈچۈن پايدىلىق ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ: "بىز خىتايدىكى دىنغا ئىشەنگۈچىلەر ۋە دىنىي زاتلارنى پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت ئەتراپىغا يىغىشقا قاراپ قەدەم ئېلىشىمىز كېرەك" دېگەن.

تيەن چىلياۋ خانىم: "ئۇلار ئويۇن ئويناۋاتىدۇ خالاس"

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نېمە ئۈچۈن مۇشۇنداق بىر پەيتتە، دىنغا بولغان پوزىتسىيىنى ئۆزگەرتىشنى ئويلاپ قالغانلىقىدىن شۈبھىلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن جۇڭگو ئىنفورماتسىيە مەركىزىدىكى سىياسىي تەھلىلچى تيەن چىلياۋ خانىم، بۇنى خىتاينىڭ 2008- يىللىق ئولىمپىك يېتىپ كېلىش ئالدىدا ئۆز خەلقىگە ئەمەس، بەلكى خەلقئارا جەمئىيەتكە قارىتا كۆرسەتكەن ئويۇنى بولۇشى مۇمكىن دەپ كۆرسەتتى.

ئۇ مۇنداق دېدى: نۇرغۇنلىغان تەشكىلاتلار، بۇ يىل يازدا خىتايدا ئۆتكۈزۈلىدىغان ئولىمپىك يىغىنىنى بايقۇت قىلىش ئۈچۈن ھەرخىل پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بارماقتا. شۇڭا بەلكىم بۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دىنىي ئەركىنلىكنى قويۇۋېتىش جەھەتتىكى مايىللىقىنى جاكارلاش ئۈچۈن ئوينىغان بىر ئىستراتېگىيىسى بولۇشى مۇمكىن. بۇ خۇددى بىر ھۆسن گۈزەللەشتۈرۈش ئوپېراتسىيىسىگە ئوخشايدىغان بولۇپ رېئاللىقتىن دېرەك بەرمەيدۇ."

ئۇ يەنە ئۆزىنىڭ ھازىرغىچە، خىتايدا دىنىي سىياسەت جەھەتتە ھېچقانداق ئۆزگىرىش بولغانلىقىنى بايقىمىغانلىقىنى، خىتاينىڭ يەنىلا خرىستىئان دىنىغا بولغان بۇزغۇنچىلىق، ئىسلام دىنىغا ۋە بۇددا دىنىغا قارىتىلغان قاتتىق كونترولنى داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى، مۇشۇنداق بىر شارائىتتا خىتاينىڭ بۇ يەردە پەقەت بىر ئويۇن ئويناۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ: "ئۇلار ئويۇن ئويناۋاتىدۇ خالاس" دېدى.

ئانتوني لام: "خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ تاكتىكىسىنى دىندارلارغا قارشى ئىشلەتكەن بولۇشى مۇمكىن"

جەنۇبىي قىرغان كۈندىلىك خەۋەرلەر تورىدا نەقىل قىلىنىشىچە، خوڭكوڭغا جايلاشقان مۇقەددەس روھ تەتقىقات مەركىزىدىكى ئانتوني لام خىتايدىكى چېركاۋلار ئۈستىدە 10 نەچچە يىل تەتقىقات ئېلىپ بارغان بولۇپ، ئۇ خىتاي ھۆكۈمىتى تونۇشتۇرۇۋاتقان بۇ تاكتىكىنىڭ ئاسانلا دىندارلارغا قارشى ئىشلەتكىلى بولىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ: " بۇ بىر ياخشى ئىش بولسىمۇ، ئەمما پۈتۈن ئىشلارنىڭ ياخشى بولۇپ كەتكەنلىكىدىن دېرەك بەرمەيدۇ" دەيدۇ.

خىتاينىڭ دىنىي سىياسىتىدىكى بۇ خىل يېڭى تاكتىكا ئۇيغۇر ئېلىدە قانداق يۈرگۈزۈلىدۇ؟ ئۇيغۇر ئېلىدە دىنغا بولغان كونترول قىلىش يېنىكلىدىمۇ؟

ئاتاۋۇللا ئەپەندى: "خىتايلارنىڭ دىنىي سىياسىتىدە ئۆزگىرىش بولغىنى يوق"

بۇ سوئاللىرىمىزغا تۈركىيە مارمارا ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى ئىلاھىيەت پەنلىرى دوكتورى ئاتاۋۇللا ئەپەندى خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە ھېلى ھەم قاتتىق قول دىنىي سىياسىتىنى داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى، ئۇيغۇر ئېلىدە دىنىي سىياسەت جەھەتتە يېقىن كەلگۈسىدە بىر يۇمشاش ھالىتىنىڭ مەيدانغا كېلىشىدە ئۈمىدنىڭ زور ئەمەسلىكىنى كۆرسەتتى.

ئاتاۋۇللا ئەپەندى يەنە، خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى قوغدايدىغان دۆلەت ئەمەسلىكىنى، ئەگەر شۇنداق بولغان بولسا، بۇنداق مەسىلىنىڭ مەيدانغا چىقمايدىغانلىقىنى، گەرچە خىتاينىڭ 1986- يىلى ئاساسىي قانۇنغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈپ، "ھەر بىر پۇقرانىڭ دىنغا ئېتىقاد قىلىش ئەركىنلىكى بار" دەپ كۆرسەتكەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇر ئېلىدە تۇرۇشلۇق خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ، مەلۇم ئېھتىياجلار ئۈچۈن چۈشۈرۈلگەن ھۆججەتلەرنى قانۇننىڭ ئۈستىگە قويۇپ پۇقرالارنىڭ ھەر خىل ھوقۇقلىرىنى دەپسەندە قىلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. (جۈمە)