خىتاينىڭ ھەربىي مۇۋەپپەقىيىتىنىڭ سىرى


2007.10.25

خىتاي دائىرىلىرى ئۆزىنىڭ 15 يىللىق ھەربىي مۇۋەپپەقىيىتىنىڭ سەمەرىسى سۈپىتىدە ز-10 تىپلىق ھۇجۇمچى تىك ئۇچار ئايرۇپىلاننى ياساپ چىققانلىقىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن،خىتاينىڭ بۇ سىرلىق مۇۋەپپەقىيىتى غەرب دۆلەتلىرىنىڭ ئالاھىدە دىققىتىنى قوزغىدى. چۈنكى بۇ تىك ئۇچار ئايرۇپىلانغا تانكىغا قارشى 16 دانە باشقۇرىلىدىغان بومبا ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، بۇ خىتاينىڭ نۆۋەتتىكى ھەربىي سەۋىيىسىدىن خېلىلا ھالقىپ كەتكەنىدى. ئەمما خىتاي دائىرىلىرى تىك ئۇچار ئايرۇپىلان تونۇشتۇرۇلغان ماتېرىيالدا، بۇ ئايرۇپىلاننىڭ ماتورىنى كانادانىڭ پراتت ۋھىتنېي شىركىتىدىن ئىمپورت قىلغانلىقىنىمۇ ئەسكەرتىپ ئۆتكەن.

كانادا خىتاينى توختامغا بويسۇنىدۇ دەپ ئويلىغان

غەرب دۆلەتلىرى 89-يىلى بېيجىڭدىكى تيەنئەنمېن قىرغىنچىلىقىدىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارىتا ئىنتايىن قاتتىق قورال-ياراق ئىمبارگوسى يۈرگۈزۈپ كەلگەنىدى. ئۇنداقتا، غەرب دۆلەتلىرىنىڭ بىرى بولغان كانادانىڭ بۇ ماتورىغا خىتاي قانداق ئېرىشتى ؟

كانادا كبك تېلېۋىزىيىسىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا،خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بۇ يېڭى تىپتىكى ھۇجۇمچى تىك ئۇچار ئايرۇپىلانغا كانادانىڭ ماتورىنى ئىشلەتكەنلىكى ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرىنىڭ غەزىپىنى قوزغىغان. ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرى كانادا شىركىتى ئىشلەپچىقارغان ماتورنىڭ قانداق شەكىلدە خىتاينىڭ قولىغا ئۆتكەنلىكى ۋە خىتاينىڭ ئۇنى قانداق قىلىپ ھۇجۇمچى تىك ئۇچارغا ئىشلەتكەنلىكى ھەققىدە جىددىي تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان. كبك تېلېۋىزىيىسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان كانادا پراتت ۋھىتنېي شىركىتىنىڭ مەسئۇلى،ئۆزلىرىنىڭ قانۇنغا خىلاپ ھېچقانداق ئىش قىلمىغانلىقىنى، پەقەت 2001 ‏- ۋە 2002 - يىللىرى ئاممىۋى ئايرۇپىلانلارغا ئىشلىتىش شەرتى بىلەن بېيجىڭ دائىرىلىرىگە 10 دانە ماتور ساتقانلىقىنى، ئەينى ۋاقىتتىكى لىبېرال پارتىيىسى ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ سودىغا ئىجازەت بەرگەنلىكى، ھازىرقى كونسېرۋاتىپ ھۆكۈمىتىنىڭمۇ قوللىشىغا ئېرىشكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكىنىڭ بۇ مەسىلىدىكى مەيدانى ئىنتايىن جىددى

ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرى يەنە كانادا ماتورىنى ئىشلەتكەن خىتاي ئارمىيىسىنىڭ ز-10 تىپلىق ھۇجۇمچى ئايرۇپىلانىغا تانكىغا قارشى 16 دانە باشقۇرىلىدىغان بومبىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقىنىمۇ ئىسپاتلاپ چىققان.

ئەگەر بۇ ماتور ئامېرىكا تېخنىكىسى بىلەن ياسالغان ياكى بۇ ماتورغا ئامېرىكىنىڭ زاپچاسلىرى ئىشلىتىلگەن بولسا، پراتت ۋھىتنىي شىركىتى ئامېرىكىنىڭ ئېكسپورت قانۇنىغا خىلاپلىق قىلىش جىنايىتى بىلەن ئېغىر جازالىنىدىكەن.

كبك تېلېۋىزىيىسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئامېرىكىلىق ھەربىي مۇتەخەسسىس رىچارد فىشېر خىتاينىڭ توختامدىكى سېتىش شەرتلىرىگە پەرۋا قىلمىغانلىقىغا ھەيران قالمايدىغانلىقىنى تەكىتلەپ: كانادا ھۆكۈمىتى بۇنىڭ كانادا پۇقرالىرىغا زىيىنى يوق،دەپ قارايدۇ. ز-10 تىپلىق تىك ئۇچار ئايرۇپىلان خىتاينىڭ 100 ھەربىي پروگراممىسى ئىچىدىكى ئاساسلىق بىرى بولۇپ،بۇلار تەيۋەنگە ئۇرۇش ئېلان قىلىشنىڭ تەييارلىق باسقۇچلىرىدۇر، دەيدۇ.

ۋاشىنگتوندىكى ئىستراتېگىيە تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ۋە خىتاي ئارمىيىسى مۇتەخەسسىسى رىچارد فىشېرنىڭ قارىشىچە،خىتاي كوممۇنىستلىرى بۇ تىك ئۇچار ئايرۇپىلاننى سۇدان، بېرما ۋە ئىران قاتارلىق دىكتاتور دۆلەتلەرگە سېتىشى مۇمكىن ئىكەن.

كانادانىڭ سودا مىنىستىرى داۋىد ئەمېرسون كبك تېلىۋىزىيىسىگە: كانادا خىتايغا ماتور ئېكسپورت قىلىشنى ئاللىقاچان توختاتقان. ئامېرىكىنىڭ نېمە قىلماقچى بولغانلىقىدىن ئېنىق خەۋىرىم يوق. ئەمما بىز بۇنىڭغا كۆڭۈل بۆلىمىز .بۇ مەسىلە ئاللىقاچان تامام بولغانىدى، دېدى.

خىتاي كانادادىن موتور ئېلىش نىيىتىدىن يەنىلا ۋاز كەچمىدى

خوڭكوڭدىكى " مۇداپىئە مەسىلىلىرى"ژۇرنىلىنىڭ مەسئۇلى ئاندرېيى چاڭنىڭ "خىتاي كانادانىڭ ماتورىنى ھۇجۇمچى تىك ئۇچار ئايرۇپىلانغا قانۇنسىز ئىشلەتتى " ناملىق ماقالىسىدە ئەسكەرتىلىشىچە، كانادانىڭ پراتت ۋھىتنېي شىركىتى بىلەن خىتاي دائىرىلىرى ئوتتۇرىسىدا تۈزۈلگەن توختامدا بۇ ماتورنىڭ 6 توننىلىق ئادەتتىكى تىك ئۇچار ئايرۇپىلان ۋە ئاب 139- تىپلىق تىك ئۇچار ئايرۇپىلانغىلا ئىشلىتىلىش بىلەن چەكلىنىدىغانلىقى ئالاھىدە تەكىتلەنگەن.

ئاندرېيى چاڭ ماقالىسىدە خىتاينىڭ نۆۋەتتە ز-10 ھۇجۇمچى تىك ئۇچار ئايرۇپىلاندىن ئاز دېگەندە 8 نى ياساپ چىققانلىقىنى، بۇلاردىن بىرىنى رەسمىي ئۇچۇرۇپ سىناق قىلغانلىقىنى،خىتاي دائىرىلىرىنىڭ 6 توننىلىق ئاممىۋى تىك ئۇچار ئايرۇپىلان ياساش نامىدا كانادادىن يەنە ماتور ئېلىشنى پىلانلاۋاتقانلىقىنى، ئەگەر ئۇلار يېڭى ماتورغا ئېرىشسە،ئۇنى ز10 تىپلىق ھۇجۇمچى تىك ئۇچارنى داۋاملىق ياساشقا ئىشلىتىدىغانلىقىنى تىلغا ئالغان.

خىتاينىڭ ھەربىي مۇۋەپپىقىيىتى تەقلىت ۋە تەييارغا ھەييار بولۇش ئارقىلىق كەلگەن

خىتاي دائىرىلىرى ز-10 تىپلىق تىك ئۇچارنى ئىشلەپچىقىرىشتا كېرەكلىك باشقا تېخنىكىلارنى نەدىن ئالغان؟ ئاندرېيى چاڭنىڭ يېزىشىغا قارىغاندا،خىتاي ۋەكىللىرى 2001-يىلىدىن بۇرۇن جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ تىك ئۇچار سانائىتى بولغان "دېنېل"شىركىتىنىمۇ داۋاملىق زىيارەت قىلىپ تۇرغان ۋە بۇ شىركەتنىڭ خادىملىرىنىمۇ خىتاينىڭ چاڭخې ۋە خاربىندىكى ھەربىي فابرىكىلارنى زىيارەت قىلدۇرغان. خىتاي ۋەكىللىرى ھەر قېتىم بۇ شىركەتنى زىيارەت قىلغاندا، "روئوئىۋالك" ناملىق ھۇجۇمچى تىك ئۇچار ئايرۇپىلاننى كۆرۈشنى تەلەپ قىلغان ھەمدە بۇ ئايرۇپىلاندىكى نازۇك مەسىلىلەر ھەققىدە سۇئاللار سورىغان شۇنداقلا بۇ ئايرۇپىلاننىڭ ياسىلىشى ئۈچۈن زۆرۈر بولغان تېخنىك ماتېرىياللار، رەسىم ۋە ۋىدېئولارنى ئېلىپ كەتكەن.

2001-يىلى خىتاي دائىرىلىرى توساتتىن "روئوئىۋالك" ناملىق تىك ئۇچار ئايرۇپىلاندىن بىرنى سېتىۋىلىش تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويغان.خىتاينىڭ مەقسىتىدىن گۇمانلانغان "دېنېت" شىركىتى دائىرىلىرى ئۇلارنىڭ تەلىپىنى رەت قىلغان. شۇندىن كېيىن خىتاي ۋەكىللىرى ئىككىنچىلەپ بۇ شىركەتكە يولىمىغان. ئاندرېيى چاڭنىڭ ئەسكەرتىشىچە،خىتاي ۋەكىللىرى ئىتالىيىنىڭ "ئاگۇستاۋەستلاند"ناملىق تىك ئۇچار شىركىتىگىمۇ بۇ خىل زىيارەتتە بولغان شۇنداقلا بۇ شىركەت بىلەن بەزى ھەمكارلىق تۈرلىرى ئۈستىدە ئىش ئېلىپ بارغان. ئاپتورنىڭ تەھلىلىگە قارىغاندا، خىتاي بەزى نازۇك تېخنىكىلارنى غەيرى ئۇسۇللار ئارقىلىق بۇ شىركەتتىن ئالغان. چۈنكى ز-10 تىپلىق ئايرۇپىلاننىڭ قۇرۇلمىسى ۋە تاشقى كۆرۈنۈشى ئىتالىيىنىڭ ئا-129 تىپلىق ھۇجۇمچى تىك ئۇچار ئايرۇپىلانىغا ئوخشاپ قالىدىكەن.. خىتاينىڭ يېڭى تىپتىكى تىك ئۇچار ئايرۇپىلانىغا تانكىغا قارشى باشقۇرىلىدىغان بومبىدىن باشقا يەنە ، ھاۋادىن ‏- ھاۋاغا قويۇپ بېرىلىدىغان باشقۇرىلىدىغان بومبىمۇ ئورۇنلاشتۇرۇلغان.

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئەھۋالنىڭ ئىنتايىن جىددىي ئىكەنلىكىنى تەكىتلىمەكتە. ئامېرىكىنىڭ ھەربىي قورال-ياراق قانۇنى بۇيىچە،ئامېرىكا مەھسۇلاتلىرى ۋە تېخنىكىسىنى ھەربىي مەقسەتتە ئىشلەتكەن 3-دۆلەت ۋاشىنگتوندىن رۇخسەت ئېلىشى كېرەك.

كانادانىڭ پراتت ۋھىتنېي شىركىتى بولسا ئامېرىكىنىڭ تېخنىكىسىغا ئېرىشكەن ۋە مۇداپىئە ساھەسى بۇيىچە ئامېرىكا بىلەن توختاملاشقان شىركەتتۇر. (كامىل تۇرسۇن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.