خىتاي مىللىي كەمسىتىش ئامېرىكىدا ئېغىر دېدى، ئۆزىدىچۇ ؟


2008.03.13

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى 3 ‏- ئاينىڭ 11 ‏- كۈنى، خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسى ھەققىدە دوكلات ئېلان قىلىپ، خىتايدا مىللىي كەمسىتىش مەسىلىسى ئېغىر ئىكەنلىكىنى كۆرسەتكەن ئىدى. بۇ دوكلاتتا، بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ كەمسىتىشكە ئۇچراۋاتقانلىقى ئالاھىدە تىلغا ئېلىنغان ئىدى. بۇنىڭدىن ئىككى كۈن ئۆتكەندە، 3 ‏- ئاينىڭ 13 ‏- كۈنى، خىتاي ھۆكۈمىتى ئامېرىكىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسى ھەققىدە بىر دوكلات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكىنى كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسى ناچار دەپ تەنقىدلىدى.

خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ دوكلاتىدا ' ئامېرىكىدا مىللىي كەمسىتىش ئىنتايىن ئېغىر؛ ئامېرىكىدا ئاز سانلىق مىللەتلەر ئىشقا ئورۇنلىشىش جەھەتتە كەمسىتىلىدۇ؛ ئامېرىكىدا قارا تەنلىكلەرنىڭ يىللىق ئائىلە كىرىمى ئاق تەنلىكلەرنىڭكىدىن تۆۋەن، ئاق تەنلىكلەر ئۇلارغا ئوغرىلىق قىلىدۇ' دەپ تۆھمەت قىلىدۇ؛ ئامېرىكا تۈرمىلىرىدە ئاز سانلىق مىللەت مەھبۇسلىرى كۆپ' دەپ ئاتاپ ئامېرىكىغا ھۇجۇم قىلدى.

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، ئامېرىكا فېدېرال تەكشۈرۈش ئىدارىسى بۇلتۇر 8 ‏- ئايدا ئېلان قىلغان تەكشۈرۈش دوكلاتىدا، ئامېرىكىدا يېقىنقى ئىككى يىلدىن بۇيان جىنايەت سادىر قىلىش نېسبىتى %1.9 ئۆرلىگەنلىكىنى، خۇسۇسىي مىلتىقلار يامان ئادەملەرنىڭ قولىغا چۈشۈپ كېتىپ، مەكتەپلەردە قالايمىقان ئوق چىقىرىپ دېلو پەيدا قىلىش يۈز بەرگەنلىكى قاتارلىق ئىجتىمائىي مەسىلىلەرنى، بولۇپمۇ جەمئىيەتتە پەيدا بولغان تەڭسىزلىك مەسىلىلىرىگە دائىر بىر مۇنچە سانلىق مەلۇماتلارنى ئېلان قىلىپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى دىققەت قىلىشقا ئۈندىگەن ئىدى.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە يەنە، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسى ھەققىدىكى دوكلاتى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىنلا، ئامېرىكىنىڭ خىتايدىكى باش ئەلچىخانىسىنىڭ باياناتچىسى سۇسەن ستىۋېنسون خانىم بايانات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكىنىڭ بۇ دوكلاتى ھەققىدە خەلقئارانى باھا ۋە ئوچۇق تەنقىد بېرىشكە، شۇنداقلا خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسى ھەققىدە دۇنيانىلا ئەمەس، بەلكى خىتايدىكى بىتەرەپ تەشكىلاتلارنى ۋە شەخسىيلەرنى ئەركىن پىكىر بايان قىلىشقا چاقىرغان ئىدى.

شۇنىڭدىن كېيىنلا، خىتاي ھۆكۈمىتى دەرھال بىر دوكلات ئېلان قىلىپ، ئۆزىدىكى مەسىلىلەر ھەققىدە گەپ ئاچماي، بەلكى ئامېرىكىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنى تەنقىدلىدى. خىتاي بۇ دوكلاتىدا، دەل ئامېرىكا فېدېرال تەكشۈرۈش ئىدارىسى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتلارنى تەكرارلاپ ئامېرىكىغا ھۇجۇم قىلغان.

ياۋروپادا چىقىدىغان غەرب شامىلى جۇرنىلىنىڭ تەھرىرى ئابدۇرىشىت ھاجى كېرىمى بۇ ھەقتە ئىككى دۆلەتتىكى ئەھۋالىنى سېلىشتۇرۇپ مۇلاھىزە ئېلان قىلدى. (ۋەلى)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.